بەزى خىتاي ئاققۇنلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە ئالدامچىلىق بىلەن پۇل تاپماقتا


2004.10.06

ئۇچۇرلاردىن مەلۇمكى ئۇيغۇر رايونىدا- ئۈرۈمچىگە ئوخشاش چوڭ شەھەرلەردە خىتاي ئاققۇنلىرىنىڭ نوپۇسى ھەسسىلەپ كۆپەيمەكتە بولۇپ،بەزى خىتاي ئاققۇنلار كىشىلەرنى ئالداپ پۇل تېپىشنىمۇ ئۇيغۇر ئېلىدە جان بېقىشنىڭ يولى قىلىۋالغان.

يول بويىدا يۈكۈنۈپ ئولتۇرغان بىچارە ئاققۇننىڭ سەرگۈزەشتىسى

سالام مۆھتەرەم رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، ئۇيغۇر ئېلىدىكى بەزى چوڭ شەھەرلەردىكى ئادەم كۆپ ئۆتىدىغان كوچا بويلىرىدا،خىتايچە چوڭ خەتلەر بىلەن " مەن يىتىم بالا، ياخشى نىيەتلىك كىشىلەر مېنى قۇتقۇزۇۋېلىڭلار......" دېگەنگە ئوخشاش مەزمۇنلار يېزىلغان ۋاراقچىلارنى تۇتۇپ بىچارە ھالدا يۈكۈنۈپ ئولتۇرغان، ئوخشىمىغان قىسمەتلەرگە دۇچار بولغان ھەر خىل ياشلاردىكى خىتايلارنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. يولدىن ئۆتكەن ياخشى نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ بەزىلىرى ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتىپ يانلىرىدىن پۇل چىقىرىپ ياردەم قولىنى سۇنىشىدۇ.

بەلكىم ئۇلار، بۇ يۈكۈنۈپ ئولتۇرغان بىچارە قىياپەتتىكى خىتايلارنىڭ ئۆزىگە ئوخشاش ئاق كۆڭۈل كىشىلەرنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىشنى پۇل تېپىش يولى قىلىۋالغان ئالدامچىلار ئىكەنلىكىنى ئويلاپمۇ باقمىسا كېرەك.

بۇ ھەقتە يېقىندا ئۈرۈمچى سەھەر گېزىتىدە بىر قىزىقارلىق ئوچېرك ئېلان قىلىندى.

9- ئاينىڭ 12 - كۈنى مەزكۇر گېزىتنىڭ مۇخبىرى ئۈرۈمچىدىكى مېدىتسىنا ئۇنىۋېرسىتېتى دەرۋازىسى ئالدىدا، ئوقۇغۇچى قىياپىتىدىكى بىر ئاددى خىتاي قىزنىڭ، قولىدا بىر قېرى ئايالنىڭ چوڭايتىلغان رەسىمى بىلەن جەسەت كۈلى ساندۇقىنى تۇتقان ھالدا، ئۆتكەن كەچكەنلەرگە، " ئانام شىنجاڭغا ئىش ئىزدەپ كېلىپ ماشىنا ۋەقەسىدە ئۆلۈپ كەتتى. پۇلۇم بولمىغاچقا ئانامنى دەپنە قىلالمايۋاتىمەن، ياخشى نىيەتلىك كىشىلەر ئانامنى يەرلىكىگە قويۇپ روھىنى ئىمىن تاپقۇزۇشۇمغا ياردەم بەرسەڭلار" دەپ يۈكۈنۈپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئىچى ئاغرىپ يولدىن ئۆتكەن بەزى كىشىلەرگە ئوخشاش ئۇنىڭغا پۇل بەرگەن.

ئەمما ئۇزۇن ماڭمايلا مۇخبىرنىڭ ئالدىغا كوچا بويىدا يۈكۈنۈپ ئولتۇرغان بىر ئوغۇل بالا ئۇچرىغان، مۇخبىر بۇ بالىنىڭمۇ، ئالدىدا ئۇچرىغان قىز كۆتۈرىۋالغان رەسىمنىڭ ئۆزىنى كۆتىرىۋالغانلىقى، يەرگە قويۇپ قويغان ياردەم تىلەش خېتىنىڭمۇ ئوخشاش ئىكەنلىكىنى بايقاپ، بۇنىڭغا قىزىقىپ تەكشۈرۈشكە باشلىغان.

مۇخبىر بۇ بالىغا ئون يۈئەن بەرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنى، نىمە قىسمەتلكەرگە يولۇققانلىقىنى سۈرۈشتە قىلغان.

بۇ ئوغۇل بالا خېنەندىن كەلگەن 15 ياشلاردىكى بالا بولۇپ، ئۇ مۇخبىرغا " ئانام شىنجاڭغا ئىشلىگىلى كېلىپ، بىر ۋەقەدە ئۆلۈپ كەتتى،فەمىلەم ۋاڭ، مەن يالغۇز بالا، ئانامنىڭ خەۋىرىنى ئاڭلاپ خېنەندىن كەلگەن ئىدىم، ئەمما پۇل يوق، ئۇنى دەپنە قىلالمىدىم، شۇڭا يول بويىدا تىلەمچىلىك قىلىشقا مەجبۇر بولۇۋاتىمەن دەپ، جەسەت كۈلى قۇتىسىنى قۇچاقلاپ ئېچىنىشلىق قىياپەتتە يىغلاپ كەتكەن.

ئالدامچىلار كۈندۈزى تىلەمچىلىك قىلسا، كېچىسى قاۋاقخانىلاردا

بۇ بالىنىڭ ئۆزىنى مەن يالغۇز بالا دېگىنى مۇخبىردا تېخىمۇ گۇمان پەيدا قىلغان. چۈنكى مېدىتسىنا ئۇنىۋېرسىتىتى ئالدىدا ئولتۇرغان قىزبىلەن ئۇنىڭ كۆتىرىۋالغىنى بىر ئايالنىڭ سۆرىتى، ئىككىلىئوسىنىڭ سەرگۈزەشتىسى ئوخشاش، ئەمما ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋېتى يوق بولسا بۇ قانداقمۇ گۇمان پەيدا قىلمىسۇن.

مۇخبىر بۇ بالىنى بىر ئاشخانىغا باشلاپ پىۋا قۇيۇپ بەرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئاغزى ئېچىلىپ مۇخبىرغا راس گېپىنى سۆزلەشكە باشلىغان.

ئۇ، "ئاكا، خېلە بولىدىغان ئادەمدەك قىلىسىز،راس گەپنى قىلسام مېنىڭ فەمىلەم ۋاڭ ئەمەس جاڭ، يۇرتۇم خېنەن خۇئاشەن، مەكتەپتە ئوقىمىغان، -2002يىلى شىنجاڭدا پۇل تېپىش ئاسانكەن دەپ ئاڭلاپ چىققان، ئاۋال بەزى ئۇششاق ئىشلارنى تېپىپ ئىشلەپ يۈردۈم. كېيىن بىر يول تېپىشقا ئۇستا يۇرتدېشىم مۇشۇ يولنى ئۈگىتىپ قويدى، بىر كۈندە ئاز دىگەندىمۇ يۈز يۇئەندىن جىقراق كىرىم قىلىمەن دەڭا" دىگەن.

مۇخبىر ئۇنىڭدىن ئالدىدا ئۇچراتقان قىزنى سورىغاندا ئۇ " ئۇنىڭ بىلەن تونۇشىمەن، ئۈرۈمچىدە بىزگە ئوخشاش پۇل تېپىۋاتقانلاردىن 10دەكى بار، بىز باشتا بىر قېرى ئايالنىڭ رەسىمىنى تېپىپ چوڭايتتۇق، خەقلەرنى تېخىمۇ ئىشەنسۇن دەپ تېخى بىردىن جەسەت كۈلى ساندۇقىمۇ سېتىۋالدۇق، ئۇ قىز خەت بىلىدۇ، ياردەم سوراش خېتىنى ئۇ يازدى، شۇنىڭ بىلەن بۇ سودىغا كىرىشتۇق." دىگەن.

مۇخبىر ئۇنىڭدىن ھەر كۈنلۈك تاپاۋېتىڭلارنى نىمىگە خەجلەيسىلەر دەپ سورىغاندا ئۇ " تاماق يەيمىز، ئۆيگە تۆلەيمىز ئاشقىنىغا ئوينايمىز،كۈندە دېسكوخانا، بىليارتخانا، قاۋاقخانىلارغا كىرىمىز" دىگەن.

خىتاينىڭ قانۇنى بۇ ئالدامچىلارغا يوچۇق ئېچىپ بەرگەن

مۇخبىر مەزكۈر ئالدامچىلىق مەسىلىسىنى ئۈرۈمچىدىكى جامائەت خەۋپبسىزلىك ئىدارىسىغا مەلۇم قىلغاندا ئۇلار " بۇنىڭغا ئوخشاش ئالدامچىلىق قىلمىشى جىنايەت ھىساپلانسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ھەر قېتىملىق ئالدامچىلىق قىلپ ئالغان پۇلى ئىككى يۇئەن ئەتراپىدا بولغاچقا ئۇلارغا جىنايەت بېكىتىشكە ئامالسىزقالىمىز، شۇڭا بۇ خىل كوچا ئالدامچىلىقىنى بىر تەرەپ قىلماق ھەقىقەتەن تەس بولماقتا" دەپ جاۋاپ بەرگەن.

ئىككىنچى كۈنى ئەتتىگەندە مۇخبىر باشقا بىر يولدا ھىلىقى مېدىتسىنا ئونىۋېرسىتىتى ئالدىدا ئولتۇرغان قىزنى يەنە ئۇچراتقان، ئەمما بۇ قېتىم ئۇنىڭ قولىدا ئانىسنىڭ سۈرىتىنىڭ ئورنىغا بىر ئوقۇغۇچىلار سومكىسى ئالماشقان بولۇپ، ئۇ ئالدىغا " ئۆيىمىز كۆيۈپ كەتتى، مەن يىتىم قالدىم،ئوقۇشسىز قالدىم، ساخاۋەتلىك كىشىلەر مېنىڭ ئوقۇمنى داۋاملاشتۇرىشىمغا ياردەم بېرىڭلار....." دىگەنگە ئوخشاش چوڭ خەتلەريېزىلغان بىر قەغەزنى قويىۋالغان. مۇخبىر ئۇنى كۈزەتكەن.

مۇخبىرنىڭ ھىساپلىشىچە، بۇ ئالدامچى ئەتتىگەندىن چۈشتىن كېيىن سائەت ئالتىگىچە ئالدامچىلىق بىلەن 200يۇئەندىن كۆپ پۇل تاپقان.

خىتاي ئاققۇنلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەمىيەت ئامانلىقىنى بۇزماقتا

نۆۋەتتە ھەر خىل قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ قولايلىشىشىغا ئەگىشىپ خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئۇيغۇر ئېلىگە پۇل تېپىش مەقسىتىدە كېلىۋاتقان خىتاي ئاققۇنلار كۈنسايىن كۆپىيىۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلى ئىستاتېستىكا ئىدارىسىنىڭ ئىلگىرى بەرگەن دوكلاتىدا كۈنىگە 30مىڭ خىتاي باشقا ئۆلكىلەردىن ئۇيغۇر ئېلىگە كېلىدۇ، دەپ كۆرسىتىلگەن.

رادىئومىزغا ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن ئىنكاسلارغا قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي ئاققۇنلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۇلارغا مۇناسىۋەتلىك جىنايىي دېلولارمۇ كۆپەيگەن بولۇپ، ئۇلار جەمىيەتنىڭ ئامانلىقىغا تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماي ئۇيغۇر ئېلى خەلقىنىڭ مەنپەئەتىگە ھەر خىل يۇسۇندا زىيان يەتكۈزمەكتە ئىكەن. يۇقىرىقىغا ئوخشاش ھەتتا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاق كۆڭۈل،ساخاۋەتلىك خەلقنىڭ پۇلىنى ئالداپ ئېلىشمۇ ئۇلار ئۈچۈن پۇل تېپىش كەسپى بولغان.

ئەمما ئۇيغۇر ئېلى پارتىيە، ھۆكۈمەت دائىرلىرى ئۇيغۇر ئېلىغا كەلگەن ئاققۇن خىتايلارنىڭ ئورنىنى يۇقىرى كۆتىرىپ، مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن ئۇلارنى " ئاققۇن" دىمەسلىك، " خەلق ئىشچىلىرى" دەپ ئاتاش كېرەكلىكى ھەققىدە مەخسۇس سىياسەتلەرنى چىقاردى. (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.