ئالدامچىلىق ۋە ئۇنىڭ ئىنسانىيەتكە بولغان زىيىنى

ئالدامچىلىق ئىنسان تەبىئىتىگە يات ۋە ئۇلارنىڭ شەنىگە ياراشمايدىغان بىر ناچار خۇلۇقتۇر. ئالدامچىلار پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ لۇغىتىدە سۆكۈلمەكتە. ئىنسانلار يارىتىلغاندىن بۇيان كەلگەن پۈتۈن دىن، پەلسەپە ۋە يەرلىك قانۇنلارمۇ ئالدامچىلىقنى مەنئى قىلىدۇ ۋە ئالدامچىلارنى سۆكىدۇ.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯚﻣﻪﺭﺟﺎﻥ ﺗﻮﺧﺘﻰ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.09.01

 ئىسلام پەيغەمبىرى ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئالدامچىلىقنى سۆكۈپ:" كىمكى ئالدامچىلىق قىلىدىكەن، ئۇ بىزدىن ئەمەس"دەپ ئاگاھلاندۇرغان. بۇ ھەدىس ئالدامچىلارنىڭ گەرچە ناماز ئوقۇپ، روزا تۇتۇپ، زاكات بېرىپ ۋە ھاجى بولۇپ، كۆرۈنۈشتە ئۆزلىرىنى مۆمىن مۇسۇلمانلار قاتارىدىن كۆرسەتسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنداقلارنىڭ مۇسۇلمانلاردىن سانالمايدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. چۈنكى "دىن - مۇئامىلە"دۇر. دۇنيادىكى پۈتۈن دىنلارنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى ئىنسانلارنى دەخلى - تەئەررۇزسىز، بەخىتلىك ياشىتىشتۇر. ئالدامچىلىق بولسا ئىنسانلارنى زىيان - زەخمەتلەرگە ئۇچرىتىدىغان ئېغىر جىنايەت. ئەھۋال بۇنداق ئىكەن، ئالدامچىلار ئاللاھنىڭ ۋە ئىنسانلارنىڭ لەنىتىگە ئۇچرىغۇچىلار ۋە ئىنسانىيەت بەخت - سائادىتىنىڭ ھېسابىغا جىنايەت ئىشلىگەن گۇناھكارلاردۇر.

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ياش ئالىم ئابدۇراھمان ھاجىم بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىدى.

ئابدۇراھمان ھاجىم بىلەن سۆھبەت

ئابدۇراھمان ھاجىم ئالدامچىلىقنىڭ خەتىرى ۋە پالاكەتلىرى ھەققىدە توختۇلۇپ مۇنداق دېدى:" ئىنسانلار يارىتىلغان ۋاقىتتىكى پاك تەبىئىتى بويىچە ئالدامچىلىقنى قەتئىي ياقتۇرمايدۇ. ئۇلار ئەسلىدىكى ساغلام تەبىئىتىدە باشقىلارنى ئالداش ۋە ئالدىنىش ۋە ئالداش بولمايدۇ. پەقەت ئۇلاردىن بىر قىسىم كىشىلەر ئىلاھىي تەلىماتلاردىن يىراقلاشقان، ئەدەپ - ئەخلاق قائىدىلىرىنىڭ چەك - چىگرىلىرىدىن چىقىپ كەتكەنلىك سەۋەبتىن، باشقىلارنى ئالداش يولى بىلەن ھايات كەچۈرۈش يولىنى تاللىۋالغان. مۇنداقلار باشقىلارنى ھەرخىل يوللار بىلەن ئالداپ كەلگەن بولسىمۇ، ئۆزلىرىنىڭ ئالدىنىشىنى ۋە زىيان تارتىشىنى خالىمايدۇ. ئۇلار نېمە ئۈچۈن ئۆزلىرى قوبۇل قىلالمايدىغان بۇ زىياننى باشقىلارنىڭ تارتىشىغا رازى بولىدۇ؟ بۇ ئىنساپسىزلىق ئەمەسمۇ؟ باشقىلارمۇ ئۇلارغا ئوخشاش ئىنسان ئەمەسمۇ؟ ئۇلار بۇنى ئويلاپ بېقىشنىمۇ خالىمايدۇ. بولۇپمۇ ئۈچىنچى دۇنيا ئەللىرىدە، قىسمەن مۇسۇلمان خەلقلەردە ھەر خىل يوللار بىلەن كىشىلەرنى ئالداش، ئۇلارنى ئالداش بەدىلىگە ھايات كەچۈرۈش خاھىشى ئېغىردۇر. ئۇلارنى دىن ياكى قانۇن - تۈزۈملەرمۇ بۇ قىلمىشلىرىدىن توسالماي كەلمەكتە.  ئۇلار بۇ ھالىتى بىلەن ئۆزلىرى ئېتىقاد قىلىپ كېلىۋاتقان دىن ۋە باشقۇرۇلۇپ كېلىۋاتقان قانۇن - تۈزۈملەر نىڭ چەك - چېگرىسىدىن چىقىپ كەتكەن."

ئالدامچىلىقنىڭ تۈرلىرى

ئابدۇراھمان ھاجىم بىر قىسىم كىشىلەردە ئومۇملاشقان ئالدامچىلىق تۈرلىرى ھەققىدە مۇنداق دېدى:" زامانىمىزدا كەڭ تارقالغان ئالدامچىلىق تۈرلىرى ناھايىتى كۆپتۇر. ئەڭ كۆپ ئومۇملاشقان ئالدامچىلىق تۈرلىرىدىن بىرى كىشىلەرنى سودا - سېتىقتا ئالداش بولۇپ، دۇكاندارلارنىڭ ساتقان ماللىرىنىڭ ئەيىبلىرىنى ئالغۇچىلارغا ئېيتماسلىقى، بەلكى يوشۇرۇشى، ئالغاندا تولۇق ئېلىپ، بەرگەندە كەم بېرىشىدۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە تارازىدا كەم بەرگۈچىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېگەن:" كىشىلەردىن ئۆلچەپ ئالغان چاغدا، تولۇق ئالىدىغان، ئۇلارغا ئۆلچەپ ياكى تارتىپ بەرگەن چاغدا، كەم بېرىدىغان ئالدامچىلارنىڭ ھالىغا ۋاي! ئۇلار بۈيۈك بىر كۈندە تېرىلىدىغانلىقىغا ئىشەنمەمدۇ؟ ئۇ كۈندە ئىنسانلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ ھوزۇرىدا تىك تۇرىدۇ." بۇ ئايەت ئالدامچىلارنى ئىماننىڭ ئەڭ مۇھىم ئاساسلىرىدىن بىرى بولغان ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىش مەسىلىسىگە ئىشەنمەيدىغانلار قاتارىدىن سانىغان ۋە ئۇلارنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى جازاسىنىڭ ناھايىتى ئېغىر بولىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلغان. ئەقلىمىز بىلەن ئويلاپ كۆرگىنىمىزدىمۇ، ئالدامچىلار چوقۇم بىر كۈنى ئۇنىڭ جازىسىنى تېتىماي قالمايدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ قىلمىشى باشقىلارنى زىيانغا ئۇچرىتىش بەدىلىگە ۋاقىتلىق ئازراق پايدا تېپىش بولۇپ، مۇنداقلار مۇشۇ دۇنيادىلا ھامان رەسۋا بولماي قالمايدۇ. مېۋە - چىۋە ۋە ئوتياش ساتقۇچىلاردىن بەزى كىشىلەرنىڭ مېۋە ياكى ئوتياشنىڭ ياخشىلىرىنى ئۈستىگە چىقىرىپ كۆرسىتىپ قويۇپ، ئالغۇچىلارغا ناچارلىرىنى ۋە بۇزۇلۇپ قالغانلىرىنى تارتىپ بېرىشىمۇ ئەڭ يامان ئالدامچىلىق تۈرلىرىدىن بىرى بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كۈنى بازاردا كېتىۋېتىپ، بىر تاغاردا ئۇن سېتىۋاتقان بىر كىشىنى كۆرۈپ، تاغارنىڭ ئاستىغا قولىنى تىقىپ كۆرگەندىن كېيىن، ئۇننىڭ ئاستىدا نەملىكنى ھېس قىلىدۇ ۋە ساتقۇچىدىن:" بۇ نېمە قىلغىنىڭ؟"دەپ سورايدۇ. ساتقۇچى:" يامغۇردا نەم بولۇپ قالدى" دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا كايىپ:" ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن ئۇننىڭ نەم بولۇپ قالغان قىسمىنى خېرىدارلارنىڭ بىلىشى ئۈچۈن ئۈستىگە چىقىرىپ قويمىدىڭ؟ ئالدامچىلىق قىلغۇچىلار بىزدىن ئەمەس!"دەيدۇ. مۇندىن باشقا، ماشىنا ياكى ئۆي ئەشيالىرىنى ساتقانلارنىڭ ساتماقچى بولغان نەرسىلىرىدىكى ئەيىبلەرنى يوشۇرۇپ، ئۇنىڭدا بولمىغان ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن زورىغا ماختاپ ئالغۇچىلارنىڭ كۆزلىرىنى بويىشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھاندا كۆچۈرۈشى، ئۆيلەنمەكچى بولغانلارنىڭ ئۆزىنى قارشى تەرەپكە قالتىس كۆرسىتىش ئۈچۈن ئۆزىدە بولمىغان ئالاھىدىلىكلەرنى سۆزلەپ ياكى ئۆزىدىكى كەمچىلىك ۋە نۇقسانلارنى يوشۇرۇپ تۇرۇپ قارشى تەرەپنى قايىل قىلىشى، سۈت ساتقۇچىلارنىڭ ئۇنىڭغا سۇ ئارىلاشتۇرۇۋېتىشى، بەزىلەرنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن يېمەكلىكلەرنى سېتىشى، بەزى تىجارەتچىلەرنىڭ ناچار ماللىرىغا داڭلىق ماركىلارنى ئوغۇرلۇقچە چاپلاپ سېتىشى، قاسسابلارنىڭ ئۆچكە گۆشىنى قوي گۆشى دەپ سېتىشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئالدامچىلىق تۈرلىرىگە كىرىدۇ. "

ئابدۇراھمان ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئالدامچىلىق قىلىش ھارامنى يېگەنلىك بولۇپ، ھارام يېگۈچىلەرنىڭ ئىبادەت ۋە دۇئالىرى قوبۇل بولمايدۇ. ئۇلار ئاللاھنىڭ ۋە ئىنسانلارنىڭ لەنىتىگە ئۇچرايدۇ. قىسقىسى، ئالدامچىلار ئۆزلىرىنىڭ گۆرىنى قازغۇچىلاردۇر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.