
ئۇيغۇر دىيارىدىن ۋە خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن ئىنكاسلارغا قارىغاندا، خىتاي ئۆلكىلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ئىنتايىن ناچار بولۇپ، ھوقۇق، پۇل، زوراۋانلىق سەۋەبلىرى تۈپەيلى تۈرلۈك جىنايەتلەر مەيدانغا كەلمەكتە ئىكەن.
ئىستانسىمىزنىڭ ھەقسىز تېلېفۇن لىنىيىسىگە خىتاي ئۆلكىلىرىدىن بىۋاستە تېلېفۇن ئۇرۇپ، بۇ ھەقتە مەلۇمات ئىنكاس قىلغۇچىلارنىڭ سۆزلىرىگە ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە خىتاي ئۆلكىلىرىدە قايمۇقۇپ يۈرگەن ئۇيغۇر ياشلىرى، پۇل تېپىش كويىدا ئەخلاقسىزلىق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشقا مەجبۇر قالغان قىز - چوكانلار ۋە جازانىخور قارا گۇرۇھلارنىڭ سانى كۈندىن - كۈنگە كۆپىيىپ، خىتايلار ئۇيغۇرلارنى كۆرسىلا سەسكىنىپ قاچىدىغان بىر ھالەتنى مەيدانغا كەلتۈرگەن.
رەھىمسىز قىلمىش
گەرچە ئۇيغۇر دىيارىدىكى زىيالىيلار ئارىسىدا، بۇ مەسىلىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدە غۇل - غۇلىلار شۇنىڭدەك ئوبزور ۋە تەنقىدىي ماقالىلار ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئەھۋال ياخشىلىنىشقا قاراپ يۈزلەنمەي بەلكى كۈندىن - كۈنگە ئەۋج ئېلىشقا باشلىغان.
ئۇيغۇر دىيارىدا چىقىدىغان مەلۇم بىر تور بېتىدە "ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى بالىلارنىڭ كۈنى" دېگەن تېمىدا ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدە بالىلارنى ئوغرىلىققا سالىدىغان خوجايىنلار، ئەگەر بالىلار تەلىپىگە ئۇيغۇن خىزمەت كۆرسەتمىسە، ئۇلارنى ھەر خىل ئۇسۇللاردا جازالايدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
مەزكۇر تور بېتىدە ئېيتىلىشىچە، بالىلارنى ئوغرىلىققا سالىدىغان گۇرۇھنىڭ خوجايىنلىرى، بالىلارنى ئايروپىلاندا ئۇچۇرۇش، گۈل يېقىش، تەرلىتىش، سوۋۇتۇش دېگەنگە ئوخشاش ناملاردا جازالايدىكەن. ئۇلار تورۇسقا ئورنىتىلغان چوڭ شامالدۇرغۇچقا بالىنى ئېسىپ قويۇپ تۆت تامغا ئۇرۇپ ئۇچۇرۇش، بالىنىڭ بەدەنلىرىگە تاماكا ياكى چوغلانغان كاۋاپ زىخىنى يېقىش، توڭ قىش كۈنلىرى بالىنىڭ پۈتۈن كىيىملىرىنى سالدۇرۇپ قويۇپ بىر قانچە سائەت تۇرغۇزۇش قاتارلىق جازالاش چارىلىرىنى قوللىنىدىكەن.
ماقالىدە خىتاينىڭ پايتەختى بېيجىڭدا بۇ خىل ئەھۋاللارنىڭ ئەڭ كۆپ يۈز بېرىدىغانلىقى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، بالىلارنى ئوغرىلىق قىلىش ئۈچۈن يانچۇقچىلىققا ئۆگىتىدىغان مەشىق بازىسىنىڭ بېيجىڭ غەربىي پويىز ۋوگزالىنىڭ جەنۇبىي تەرىپىگە جايلاشقان نېۋجې كوچىسى، شۇئاڭجىڭ كوچىسى قاتارلىق جايلاردا ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغان.
ئىككى خىل ئىنكاس
بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق بىر قانچە كىشىدىن بۇ ئەھۋالنى سۈرۈشتۈردۇق. ئەمما ئۆزلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بۇ كىشىلەر، بېيجىڭ شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىدىكى ئەركىن ئىسىملىك ئۇيغۇر ساقچىنىڭ بۇ ئەھۋالدىن تولۇق خەۋىرى بارلىقىنى ئېيتتى.
بىز ساقچى ئەركىنگە تېلېفۇن ئۇرۇپ، ئۇنىڭ ئاغزىدىن بۇ ھەقتە ئەھۋال ئىگىلەشكە تىرىشتۇق. لېكىن ساقچى ئەركىن بۇ خىل ئەھۋال بېيجىڭدا ناھايىتى ئاز دەپ، بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىشتىن ئۆزىنى چەتكە تارتتى.
بىراق، خىتاينىڭ مەلۇم بىر ئۆلكىسىدىن ھەقسىز تېلېفۇن لىنىيىمىزگە ئىنكاس يەتكۈزگەن بىر كىشى، ساقچى ئەركىننىڭ سۆزىنى ئىنكار قىلىپ، ئادىل ۋە ئالىم ئىسىملىك ئىككى بالىنىڭ يېقىندا ئوغرىلىققا سېلىنىۋاتقانلىقىنى، بالىلارنىڭ ئىچكىرىگە كېلىپ تۇرىدىغانلىقىنى، ساقچىلار ئوغرىلىق قىلغان بالىلارنى قوغا ئالسىمۇ، ھوجايىنلىرى ئۇلارنى پۇل بىلەن قايتۇرۇپ چقىئىدىغانلقىئىنى ئېيتتى. (ئەقىدە)