يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆيلەر قۇرۇلۇشى ئۈچۈن دېھقانلار كۆپ چىقىم تارتماقتا
2006.01.04
يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بېرى ئۇيغۇر ئېلىدە يەر تەۋرەش ئاپەتلىرىنىڭ يۈز بېرىشى پەۋقۇلئاددە كۆپ كۆرۈلدى. بۇ جەرياندا ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلاردا نۇرغۇنلىغان نامرات دېھقانلار ئۆيسىز قالدى، شۇنداقلا ئۇيغۇر يېزىلىرىدا يەنىلا كۆپ ساندىكى دېھقانلار، لاي كېسەكتە قۇرۇلغان خەتەرلىك بولغان ئۆيلەردە ئولتۇرماقتا.
گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى 2004-يىلىدىن باشلاپ بەش يىل ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نامرات يېزىلىرىدىكى ئاممىنى بىخەتەر ئۆيلەرگە كۆچۈرۈپ بولىمىز دەپ يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆيلەر قۇرۇلۇشىنى مەخسۇس مەبلەغ ئاجرىتىپ ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈۋاتقان بولسىمۇ ئەمما ئاپەت رايونىدىكى دېھقانلارنىڭ ئىنكاسلىرى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆيلەر قۇرۇلۇشى ئۈچۈن، نامرات دېھقانلار پۇل تاپشۇرۇشقا مەجبۇر بولماقتا ئىكەن.
بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى، مۇخبىرىمىز گۈلچەھرەنىڭ مەخسۇس پروگراممىسىدىن ئاڭلاڭ.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- جياڭشىدا قاتتىق يەر تەۋرىدى
- ئاپەتتە قالغان نامرات خەلقنى غەمدىن خالىي قىلىش قۇرۇلىشى خەلقنى غەمگە سالماقتا
- ئۈچتۇرپاندىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان خەلقلەر تېخىچە چېدىردا ياتماقتا
- ئۈچتۇرپاندىكى يەر تەۋرەش ئاپىتى بولغان رايونلارغا ھەقىقىي ياردەم قىلىنىۋاتامدۇ؟
- يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان خەلقلەر قىيىنچىلىققا دۈچ كەلمەكتە