ئالۋاستى قۇيۇنىدىن ھەزەر ئەيلەڭ


2007.04.05

خىتاي قانۇن تورىنىڭ يېقىنقى ئۇچۇرلىرىغا ئاساسلانغاندا 1998 - يىلى 4 - ئايدا خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن مەخسۇس چەكلەش قانۇنى چىقىرىلىپ قاتتىق باستۇرۇلغان شاخلىتىپ سېتىش، يېقىندىن بۇيان باشقا خىل نىقاپلار بىلەن گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىدا قايتىدىن باش كۆتۈرگەن بولۇپ، ئۇلار ئاساسەن خىتاينىڭ غەربىي رايونلىرىدىكى ئاز سانلىق مىللەت خەلىقلىرىنى زىيانكەشلىككە ئۇچرىتىش ئوبيېكتى قىلماقتا ئىكەن. نۆۋەتتە گۇئاڭشىنىڭ ئاممىۋىي تېلىفونلىرىنى ئاساسەن شاخلىتىپ سېتىشقا كىرىشكەن كىشىلەر ئىگىلىگەن ئىكەن.

دېمەك گۇئاڭشى جۇئاڭزۇ ئاپتونوم رايونىغا "مىليونېر" بولىمىز دەپ كېتىۋاتقان ئۇيغۇرلار بارغانچە كۆپىيىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار ھەتتا شاخلاپ سېتىشنىڭ خاراكتېرىنى بىلمىگەن ئاساستا پەقەت يېقىنلىرىنىڭ تېلېفوندا قىلغان ئاسانلا باي بولۇش نەزىرىيىلىرىگە ئىشىنىپ بۇ ئالۋاستى قۇيۇنىغا غەرق بولماقتا ئىكەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئانچە ‏- مۇنچە قانۇندىن ساۋادى بولغان، ۋەزىيەتتىن خەۋەردار، ھوشيارراق كىشىلەر بولسا، بۇنىڭ بىر ئالدامچىلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى بايقاپ ئەگەشمىگەنلىرىمۇ بار ئەلۋەتتە. يېقىندا ئاقسۇدا ئەزەلدىن ھالال ئەمگىكى بىلەن تاپاۋەت قىلىپ ياشاپ كېلىۋاتقان بىر كىشى، ئۆز ئاكىسىنىڭ شاخلاپ سېتىشقا قاتنىشىش ئۈچۈن گۇاڭشىغا كېلىش تەكلىپىنى رەت قىلغان.

بىز گۇاڭشىدىكى ئاقسۇدىن كەلگەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا خېلى بۇرۇن شاخلىتىپ سېتىشقا كىرىشكەن ھەمدە بىر قانچە ئون ئۇيغۇرنى بۇ قۇيۇنغا سۆرەپ كىرگەن ئەخمەتجان ئىسىملىك بىر كىشى بىلەن يانفونى ئارقىلىق ئالاقىلاشتۇق، ئۇ دەسلەپ ماڭىمۇ بىر يېڭى يەمچۈك سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلغان بولسىمۇ، بىزنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇخبىرى ئىكەنلىكىمىزنى بىلگەندىن كېيىن دەرھال سىرلىق قىياپەتكە ئۆتتى.

بۇ كىشى ئۆزى قاتنىشىۋاتقان بۇ سودىنىڭ شاخلىتىپ سېتىش ئىكەنلىكىنى رەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇنچە تېز پۇل تېپىۋاتقان سودىسىنىڭ زادى نېمىلىكىنى ئۆزىمۇ دەپ بېرەلمىدى، شۇنداقلا باشقا سوئاللىرىمىزغىمۇ ئىنتايىن مۇجىمەل جاۋابلارنى بەردى.

ئىقتىساد، سودا ساھەسىدە شاخلاپ سېتىشقا "قىممەتلىك مال سېتىش ئۇسۇلى، مالنىڭ ئۆزىنى ئەمەس بەلكى مالنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن كىشىلىك مۇناسىۋەتنى، ئىشەنچىنى سېتىش " دەپ باھا بەرسە، ئالدامچىلىق بىلەن تاپاۋەت قىلىدىغان كىشىلەر بۇنىڭغا يۇقىرى سەۋىيىلىك لوگىكىلىق ئالدامچىلىق، كاللا يۇيۇش سەنئىتى، يۇمۇلىغانسىرى يوغىنايدىغان دەسمايە، سىرلىق تاپاۋەت قۇيۇنى دېيىشىدۇ.

ئەمەلىيەتتە بولسا شاخلىتىپ سېتىش، شىركەتنى يېپىنچا قىلغان، ھەر خىل سودا تاۋارلىرىنى سودا قورالى قىلغان، كىشىلەرنى ئالداپ ئېلىپ كىرىشنى سودا يولى قىلغان، پەقەت تېلېفون قاتارلىق ئالاقە ۋاستىلىرى ئارقىلىق كىشىلەرنى ئالداپ، ئۇستىلىق بىلەن توقۇپ چىقىلغان، قارىماققا لوگىكىلىق ئەمەلىيەتتە بولسا يالغانچلىقىنى، كىشىلەرنى ئالداپ دەسمايە سالغۇزۇش ئارقىلىق چاڭگاللاپ تۇتۇپ تۇرۇپ، شاخلىتىپ پۇل تېپىشنى سودا نىزامى قىلغان، خەلقنى ئېغىر زىيانلارغا ئۇچرىتىۋاتقان قانۇنسىز ھەمدە ئىنتايىن زور بىر تۈرلۈك جىنايى تەشكىلات. ئۇنىڭ سىرلىق يۈزى يىرتىپ تاشلىنىپ خىتايدا " ئالۋاستى قۇيۇنى " دەپ ھەممە ھەزەر ئەيلەۋاتقان پەيتتە ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ قۇيۇنغا ئەگىشىشى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە غۇلغۇلا پەيدا قىلماقتا، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئالدامچىلىقلارغا قارىتا ئۆز قانۇنى ھوقۇقىنى قانداق قوغدىشى كېرەكلىكى ھەققىدە مەسلىھەت سورىدۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.