سەندۇڭدا ئالدانغان بىر ئۇيغۇر ئەرنىڭ بايانى (1)

0:00 / 0:00

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ ھەقسىز تېلېفون لىنىيىسى ئارقىلىق تېلېفون قىلغان بىر ئۇيغۇر ئەرنىڭ بايان قىلىشىچە، مەلۇم يېزىلىق ھۆكۈمەت خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيە سېكرىتارى، شۇ ئۇيغۇر يېزىسىدىن 150 تەك قىز ۋە يېگىتنى خىتاينىڭ سەندۇڭ ئۆلكىسىگە 'باي بولىسىلەر' دەپ يولغا سالغان. يول بۇيى ئۇلارنىڭ سېپىگە ئۆزلىرىگە ناتونۇش ئادەملەر قوشۇلغان.

بۇ ئۇيغۇر ئەر سەندۇڭغا كەلگەندىن كېيىن، ئالدى بىلەن يېمەك-ئىچمەك جەھەتتە قىينالغان. بەدەنلىرىنى قىچىشقاق بېسىپ كەتكەن. دەرت ئېيتسا، سەندۇڭدا ھېچقانداق بىر ئورگان ئۇلارغا ياردەم بەرمىگەن. "سېكرىتار بىزنى سەندۇڭدىكى قويمىچىغا ساتتى" دەپ جاكارلىدى بۇ ئۇيغۇر ئەر.

رادىئومىزنىڭ ھەقسىز تېلېفون لىنىيىسى ئارقىلىق تېلېفون قىلغان بۇ ئۇيغۇر ئەرنىڭ بايانىغا قارىغاندا، ئۇلار سەندۇڭدا ئىشلىمەكچى بولغان كارخانىغا يېتىپ كەلگەندە، ئۇنىڭدىن 3000 يۇئەن پۇل ئالغان. ئۇلارغا 'ھەربىر ئادەم يەنە 10 دىن ئادەم ئەكىلىپ 3000 يۇئەندىن پۇل تاپشۇرىسىلەر' دېگەن. ئۇلارنى ئاياللارنىڭ گىرىم بۇيۇملىرىنى سېتىپ پۇل تاپىسىلەر دېگەن. بۇ ئۇيغۇر ئەر ھېچقانداق كىرىمگە ئىگە بولالمىغاندىن كېيىن، كارخانا دەپ ئاتالغان جايدىن قېچىپ چىقىپ، ھازىر باشقا ئۆلكىدە ياللىنىپ تىرىكچىلىك قىلىۋاتىدۇ.

رادىئومىزنىڭ ھەقسىز تېلېفون لىنىيىسى ئارقىلىق تېلېفون قىلغان بۇ ئۇيغۇر ئەرنىڭ بايانىغا قارىغاندا، بۇ كىشىنىڭ سىڭلىسىمۇ يېزىدىن تەشكىللەپ خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئىشلەشكە ئەۋەتىلگەن ئىكەن. ئۇ قىز ئاكىسىغا تېلېفون ئارقىلىق نالە قىلغاندىن كېيىن، ئاكسى ئۇنى قاچۇرۇپ قايتۇرۇپ كەلگەن. بۇ قىز يۇرتىغا قايتسا، يەرلىك ھۆكۆمەت تەرىپىدىن سوراق قىلىنغان.

ھىكايىنىڭ تەپسىلاتىنى، رادىئومىزنىڭ ھەقسىز تېلېفون لىنىيىسى ئارقىلىق تېلېفون قىلغان بۇ ئۇيغۇر ئەرنىڭ ئۆز ئاغزىدىن، يۇقۇرىدىكى ئۇلۇنۇش ئارقىلىق، ئاڭلايلى. (ۋەلى)