رابىيە قادىرنىڭ ئوغلى ئالىم، ۋاڭ لېچۈەننىڭ سۆزلىرىگە رەددىيە بەردى
2005.08.29
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن پەيشەنبە كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، خىتاي مەركىزىي سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈەن، ئاتاقلىق ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى رابىيە قادىرنى چەتئەلدە تېررورلۇق تەشكىلاتلارغا ئارىلاشقان ۋە تېررورلۇق پائالىيەت ئۇيۇشتۇرماقچى بولغان دەپ ئەيىبلىدى ۋە رابىيە قادىرنىڭ خىتايغا 50 مىليون يۈەن قەرزدار ئىكەنلىكىنى، رابىيە قادىرنىڭ ئەقىدە سودا شىركىتىنىڭ 1994-يىلدىن 2004-يىلغىچە بولغان 10 يىل ئىچىدە 7 مىليون 180 مىڭ يۈەن باج ئوغرىلىغانلقىئىنىڭ ئېنىقلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۇرگەن ئىدى.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇخبىرىمىز ئۆمەر قانات 26-ئاۋغۇست كۈنى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئوغلى، 10 يىلدىن بېرى رابىيە قادىرنىڭ ئەقىدە شىركىتىنى باشقۇرۇپ كېلىۋاتقان ئالىم ئەپەندىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭ ۋاڭ لېچۈەننىڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا رابىيە قادىر ۋە ئەقىدە شىركىتى ھەققىدىكى بايانلىرى توغرىسىدىكى قاراشلىرىنى سورىدى.