تۈركىيىدىكى ئۇيغۇر ياش پروفېسسور دوكتور - ئالىمجان ئىنايەت
2007.10.17

1980- يىللاردىن كېيىن خىتايدا يولغا قويۇلغان ئېچىۋېتىش سىياسىتىدىن پايدىلىنىپ كۆپ ساندا ئۇيغۇر ياشلىرى ھەر خىل يوللار بىلەن ئامېرىكا، كانادا، ياۋرۇپا دۆلەتلىرى، تۈركىيە ۋە مىسىرغا ئوخشاش دۆلەتلەرگە بېرىپ ئوقۇشقا باشلىدى. بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەزىلىرى يۇرتلىرىغا قايتقان بولسىمۇ كۆپى چەتئەللەردە قېلىپ، ئونىۋېرسىتېتلەردە، تەتقىقات مەركەزلىرىدە ۋە ھەر خىل ساھەلەردە ئىشلەشكە باشلىدى.
1980-يىللارنىڭ ئاخىرىدا تۈركىيىگە كېلىپ ئوقۇشقا باشلىغان ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى ئۇزۇن يىللىق جاپالىق ئەمگەك نەتىجىسىدە 10-ئاينىڭ 10-كۈنى رەسمى پروفېسسور بولدى. ئۇ, تۈركىيىدىكى ياشلار ئىچىدىكى تۇنجى پروفېسسور دوكتوردۇر.
ھازىر ئىزمىر شەھىرىدىكى ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان ئالىمجان ئىنايەت كىم؟ ئۇنىڭ ئىلمىي تەتقىقاتلىرى قانداق؟ ئالىمجان ئىنايەت قانداق قىلىپ پروفېسورلۇققا ئېرىشتى. ئۇنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىغا بولغان تەۋسىيىسى زادى نېمە؟
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، ئەنقەرەدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ پروف. در. ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىز.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- قىرغىزىستان دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ ھازىرى ۋە كەلگۈسى
- قازاقىستاندا ئۇيغۇرلار مائارىپى ئۈچۈن كەڭ يەر بېرىلگەن
- قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ئۇيغۇر تىلى مائارىپىغا كۆڭۈل بۆلۈپ كەلمەكتە
- سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تىلىنى ساقلاپ قېلىشتىكى قىيىنچىلىقلىرى
- دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۇيغۇر ئېلىپبەسى نەشىر قىلدى
- تىل- مىللىي قەدىرىيىتىمىزنىڭ بەلگىسى
- ئامېرىكىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاكا - سىڭىل ئۇيغۇر ئالىملار (2)
- ئۇيغۇرشۇناسلىق غەرب دۇنياسىدا تېخىمۇ تەرەققى قىلىدۇ
- خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مائارىپىنى خىتايچىلاشتۇرۇش سىياسىتىگە تىلشۇناسلار قانداق قارايدۇ؟
- "ئانا تىل بالىلارنىڭ تەپەككۈر قىلىشىغا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ"
- ئۇيغۇرلار ئانا تىلىنى قوغداش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلالايدۇ؟(2)
- ئۇيغۇرلار ئانا تىلىنى قوغداش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلالايدۇ؟(1)









