تۈركىيىدىكى ئۇيغۇر ياش پروفېسسور دوكتور - ئالىمجان ئىنايەت

0:00 / 0:00
dr.alimjan-inayet-150.jpg
پروف. در. ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى. RFA Photo / Erkin Tarim

1980- يىللاردىن كېيىن خىتايدا يولغا قويۇلغان ئېچىۋېتىش سىياسىتىدىن پايدىلىنىپ كۆپ ساندا ئۇيغۇر ياشلىرى ھەر خىل يوللار بىلەن ئامېرىكا، كانادا، ياۋرۇپا دۆلەتلىرى، تۈركىيە ۋە مىسىرغا ئوخشاش دۆلەتلەرگە بېرىپ ئوقۇشقا باشلىدى. بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەزىلىرى يۇرتلىرىغا قايتقان بولسىمۇ كۆپى چەتئەللەردە قېلىپ، ئونىۋېرسىتېتلەردە، تەتقىقات مەركەزلىرىدە ۋە ھەر خىل ساھەلەردە ئىشلەشكە باشلىدى.

1980-يىللارنىڭ ئاخىرىدا تۈركىيىگە كېلىپ ئوقۇشقا باشلىغان ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى ئۇزۇن يىللىق جاپالىق ئەمگەك نەتىجىسىدە 10-ئاينىڭ 10-كۈنى رەسمى پروفېسسور بولدى. ئۇ, تۈركىيىدىكى ياشلار ئىچىدىكى تۇنجى پروفېسسور دوكتوردۇر.

ھازىر ئىزمىر شەھىرىدىكى ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان ئالىمجان ئىنايەت كىم؟ ئۇنىڭ ئىلمىي تەتقىقاتلىرى قانداق؟ ئالىمجان ئىنايەت قانداق قىلىپ پروفېسورلۇققا ئېرىشتى. ئۇنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىغا بولغان تەۋسىيىسى زادى نېمە؟

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، ئەنقەرەدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ پروف. در. ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىز.