ئۇيغۇرلارنىڭ دوستى ئالىپئارسلان تۈركەش خاتىرىلەندى


2005.04.11
Ramazan-Mirzaoglu.gif
ئەركىن تارىم، تۈركىيىنىڭ سابىق دۆلەت مىنىستىرى رامازان مىرزائوغلى ئەپەندىنى زىيارەت قىلدى. RFA

تۈركىيە مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسىنىڭ سابىق باش سېكرىتارى، پېشقەدەم سىياسەتچى، شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ تۈركىيىدىكى ئەڭ چوڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىگۇچىسى بولغان ئالىپئارسلان تۈركەش ۋاپاتىنىڭ 8 يىللىقى خاتىرىلەندى.

تۈرك مىللەتچىلىكىنىڭ نەزىرىيىۋى يېتەكچى ئىدىيىسىنىڭ ئىجادچىسى ئالىپئارسلان تۈركەش شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى تولىمۇ ئارزۇ قىلاتتى.

ئالىپئارسلان تۈركەشنىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان پوزىتسىيىسى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن، تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم خاتىرىلەش يىغىنىغا قاتناشقىلى كەلگەن، ئالىپئارسلان تۈركەش ئەپەندى بىلەن ئۇزۇن يىل بىرگە ئىشلىگەن بىر قىسىم سابىق مىنىستىر ۋە سابىق پارلامېنت ئەزالىرىنى زىيارەت قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.