گېرمانىيىدىكى "ئەركىن ‏ئالىپتېكىن تەلىم ‏- تەربىيە مەركىزى" ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى ئانا تىلىدا تەربىيىلىمەكتە


2007.02.27

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مەركىزى ئورگىنى تەرىپىدىن ميۇنخېندا قۇرۇلغان "ئەركىن ئالىپتېكىن تەلىم تەربىيە مەركىزى" گېرمانىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئانا تىلى بىلەن تەربىيەلەشتىن سىرت، ئۇلارنى ئۇيغۇر مىللىي ئۆرپ ‏- ئادەتلىرى شۇنىڭدەك ئەۋلادلارنىڭ ئۆز تارىخى مەدەنىيىتىنى تونۇشى ئۈچۈن چوڭ ئاساس ياراتماقتا. بىز "ئەركىن ئالپتىكىن تەلىم تەربىيە مەركىزى" نىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىدىن تولۇق خەۋەردار بولۇش ئۈچۈن، مەزكۇر تەلىم تەربىيە مەركىزىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىملار ۋە بۇ مەركەزدە تەربىيىلىنىۋاتقان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى زىيارەت قىلدۇق.

"ئەركىن ‏ئالىپتېكىن تەلىم ‏- تەربىيە مەركىزى" نىڭ مۇدىرى سۈرەييە خانىم، مەزكۇر مەركەزنىڭ ئوقۇتقۇچى ماھىرە خانىم ۋە ئوقۇغۇچىسى گۈل زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەكتەپ ھەققىدە توختالدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.