خىتايدىكى داڭلىق بېيجىڭ ۋە چىنخۇا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنىڭ ئىناۋىتى تەۋرەنمەكتە


2006-07-03
Share

"مالىيە ۋاقتى" گېزىتىدە يېقىندا ئېلان قىلىنغان ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتايدىكى ھەمدە چەتئەللەردىكى بارغانچە كۆپ كىشىلەر خىتايدىكى ئەڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان بېيجىڭ ۋە چىنخۇا ئۇنىۋېرستېتلىرىنىڭ ئىلمىي ئورنىغا گۇمان بىلەن قارىماقتا. مائارىپ ساھەسىدىكى كىشىلەرنىڭ تەكىتلىگىنىدەك، بۇنىڭغا تۈرلۈك ئامىللار سەۋەپ بولغان بولسىمۇ، لېكىن ھەممىدىن مۇھىمى كىشىلەر بارغانسېرى بۇ ئىككى ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ شۇنداقلا خىتايدىكى باشقا ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ ئوقۇتۇش تۈزۈمى، باشقۇرۇش مودېلى ۋە مەكتەپ باشقۇرۇش ئىدىيىسىگە قاراتقان ئەيىبلەشنى كۈچەيتمەكتە. يەنە بەزى بىر قىسىم كىشىلەر يەنە بۇنىڭغا قوشۇلۇپ، ھازىر خوڭكوڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئالىي مەكتەپلەردىن تالانتلىق ئوقۇتقۇچىلارنى يۇقىرى مائاش بىلەن ھەمدە نۇرغۇن ئەلا ئوقۇغۇچىلارنى ياخشى ئوقۇتۇش مۇكاپاتى بىلەن ئۆزىگە قىززىقتۇرۇپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، بېيجىڭ ۋە چىنخۇا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنىڭ بارا-بارا ئىككىنجى دەرىجىلىك ئالىي مەكتەپلەرگە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى كۆرسەتتى.

"مالىي ۋاقتى" گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ماقالىدا چىنخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ گۈزەل-سەنئەت ئىنىستىتوتى پروفىسسورى چېن دەنچىڭنىڭ خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىش مىسالى نەقىل كەلتۈرۈلگەن. چېن دەنچىڭ ئۆزى تاللىغان تالانتلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىياسىي نەتىجىسى تۆۋەن بولغانلىقى سەۋەبىدىن بۇ مەكتەپكە تاللانمىغانلىقىغا نارازى بولۇپ، ھەتتا ئۆز خىزمىتىدىن ئىستىپا بەرگەن.

ئەركىن مۇستەقىل روھنىڭ بوغىلىشى

خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ سابىق تەتقىقاتچىسى سۇ جاۋجى بۇ ھەقتە ئۆز قارىشىنى بايان قىلىپ، مەيلى بېيجىڭ، چىنخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى بولسۇن ياكى باشقا خىتاينىڭ ئالىي مەكتەپلىرى بولسۇن، ئۇلارنىڭ ئىلىم-پەن ئىلغارلىقىغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتقان ئەڭ مۇھىم ئامىلنىڭ، ئەركىن مۇستەقىل روھنىڭ بوغىلىشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى:

" بىر ئالىي دەرىجىلىك مەكتەپ بولۇش ئۈچۈن، ئۇ ئالدى بىلەن ئەركىن ئىدىيىگە ۋە مۇستەقىل نوپۇسقا ئىگە بولىشى كېرەك. بىر مەكتەپنىڭ ئەركىن ئىدىيىسى بولماي تۇرۇپ، ياخشى مەكتەپ باشقۇرۇشى مۇمكىن ئەمەس. خىتايدىكى ئەڭ چوڭ مەسىلە، مەكتەپلەرنىڭ مۇشۇنداق ئەركىن ئىدىيىلەرنى بوغىشى. مەسىلەن كونا چىنخۇا، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنى ئالايلى، بۇرۇن بۇ مەكتەپلەرنىڭ ئىجتىمائىي پەنلىرى ناھايىتى ئىلغار ئىدى. لېكىن ھازىر ئوقۇش ماتىرىياللىرى قاتتىق كونترول قىلىنغاچقا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ چەتئەللەردىن بولسۇن ھەر قايسى ئىلغار ئىدىيىلەرنى قوبۇل قىلىشى تەسكە چۈشمەكتە. تەرەققىي قىلغان ھەمدە خەلقئارادا ئالقىشقا ئېرىشىدىغان بىر دۆلەت بولۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئېچىۋېتىلىشى كېرەك".

سىياسىي ھەرىكەت ۋە سولچى ئىدىيە تەسىرى

بۇ ھەقتە توختالغان بېيجىڭ فىزىكا-سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى خۇ شىندوۋ 1949‏- يىلدىن كېيىنكى سىياسىي ھەرىكەت ۋە سولچى ئىدىيە تەسىرلىرىنىڭ بېيجىڭ ۋە چىنخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئاپەت خاراكتېرىدە زەربە بولغانلىقىنى ئېيتتى. شۇنداقلا بۇنىڭ نەتىجىسىدە مەكتەپلەرنىڭ ئىلىم-پەن سەۋىيىسى بىر مەزگىل پالەچ ھالەتكە چۈشۈپ قېلىش ھەمدە چىنخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىجتىمائىي پەن كەسپلىرىنى بىر مەزگىل توختۇتۇپ قويۇشتەك يامان ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىققان:

"ئۇلارنىڭ ھازىرقى ئىلىم-پەن سەۋىيىسىنى 1949‏- يىلدىن ئاۋالقىغا سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. ئۇ چاغلاردىكى بېيجىڭ ۋە چىنخۇا ئۇنىۋېرسىتېتلىرى خىتاي بويىچە ئەڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇراتتى. شۇنداقلا ھەر ساھەلەردە نۇرغۇن تالانلىق كىشىلەرنى يېتىلدۈرۈپ چىققان. لېكىن 49‏- يىلدىن كېيىن ھەر ئىككىلا مەكتەپ سىياسىي ھەرىكەتلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ كەتتى. گەرچە شۇ چاغدا بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىمۇ ئۆزىنى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان مەكتەپكە ئايلاندۇرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئاللىقاچان ناھايىتى سولچى ئىدىيىنى ئېلىپ بولغان ئىدى. چىنخۇا بولسا ئۇ چاغدا پۈتۈنلەي تەبىئىي پەننى ئاساس قىلىدىغان مەكتەپ بولۇپ قالدى".

خۇ شىندوۋ يەنە، دۇنيا تەرەققىياتىدا ئىلىم-پەن ساھەسىگە ئوخشاش ئىجتىمائىي پەنلەرنىڭمۇ ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، چىنخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شۇنىڭدىن كېيىن زاۋاللىققا قاراپ يۈزلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خىتايدىكى ئىسلاھات ئېچىۋېتىشتىن كېيىن، گەرچە چىنخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ئاۋالقى ئۇنىۋېرسال ئوقۇتۇشىغا قايتىپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا باشقۇرۇش مودېلىدا سىياسەت ئىلىم-پەننىڭ ئۈستىدە تۇرىدىغان شەكىل ساقلىنىپ قالغان.

مائارىپنى بازارغا يۈزلەندۈرۈش سەلبى تەسىر كۆرسەتكەن

بۇنىڭدىن سىرت يەنە، ئىسلاھات ئېچىۋېتىش مەزگىلىدە بىر تەرەپلىمىلىك ھالدا مائارىپنى بازارغا يۈزلىنىشكە تەكىتلەشنىڭ ئۆزىمۇ مەلۇم دەرىجىدە ئىلىم-پەنگە سەلبى تەسىر كۆرسەتكەن:

" ئۇنىۋېرسىتېتلار مەلۇم دەرىجىدىن قارىغاندا شىركەتلەرگە ئوخشاپ قالدى. ئۇلار پايدا-كىرىمنى ئاساسىي مەقسەت قىلدى. مەسىلەن چىنخۇا ۋە بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتلىرى پۇل تېپىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تولۇق ئوتتۇرا ۋە ھەر خىل سىنىپلارنى ئاشتى".

پروفېسسور خۇ شىندوۋ ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردە ئۇنىۋېرسىتېتلار ئادالەتنى ئىستەيدىغان ئورۇن بولۇپ، ئۇلار ئىقتىسات ۋە شىركەتلەردىن ئايرىۋېتىلگەن. خۇ ئەپەندى سۆزىدە ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ بىر تەرەپتىن ئىلىم-پەن تەتقىقاتى ئېلىپ بېرىپ، يەنە بىر تەرەپتىن پۇل تېپىش بىلەن شوغۇللىنىشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتايدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلار ھازىر پۇل تېپىشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇۋالغاچقا، بۇ ئىلىم-پەن تەتقىقاتىغا تەسىر كۆرسەتكەن ھەمدە نۇرغۇن ئىقتىساس ئىگىلىرىنىڭ ئىسراپ بولىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

ئەنگلىيىدە چىقىدىغان "مالىيە ۋاقتى" گېزىتىنىڭ ماقالىسىدا يەنە، چىنخۇا ۋە بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كەلگۈسىگە ئۈمىدلىك قارايدىغان بەزى كىشىلەرنىڭ قاراشلىرىمۇ يېزىلغان بولۇپ، ئۇلار بۇ ئىككى مەكتەپنى يەنىلا كۈچلۈك ئاساسقا ئىگە دەپ قاراپ، ئۇلارنى كەلگۈسىدە داۋاملىق بىرىنجى دەرىجىلىك ئورنىنى ساقلاپ قالىدۇ دەپ ئويلايدىكەن. (پەرىدە)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت