ئالتايدا قانۇنسىز ئالتۇن قېزىش ھەرىكىتى يەنىلا داۋاملاشماقتا
2007.05.03
يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىدىن بېرىلگەن خەۋەردە، ئالتاي رايونىدا قانۇنسىز ئالتۇن قېزىش قىلمىشلىرىنىڭ يەنىلا ناھايىتى ئېغىر ئىكەنلىكى ھەمدە بۇ خىل ئەھۋالنىڭ مەزكۇر جايدىكى مۇھىتقا زور بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغان.
خالىغانچە ئالتۇن قازغۇچىلار سانى يىلدىن -يىلغا كۆپەيگەن
ئالتاينىڭ ئۇلۇنگۇر دەرياسى بىلەن ئېرتىش دەرياسى مەزكۇر جايدىكى ئاساسلىق ئالتۇن ئىشلەپچىقىرىش رايونى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. يېقىندا تەڭرىتاغ تور بېتىدە بېرىلگەن خەۋەردىن ئاشكارىلىنىشىچە،يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئالتايدىكى ئالتۇن قېزىش - ئېچىش ئىشلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، خىتاينىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ئالتايغا كېلىپ ئالتۇن كولاش كىمىسى بىلەن ئېرتىش دەرياسى ۋە ئۈلۇنگۇر دەرياسىدىن خالىغانچە ئالتۇن قازغۇچىلار سانى ئازايماستىن، بەلكى يىلدىن -يىلغا كۆپەيگەن. بۇ خىل ئۆز مەيلىچە ئالتۇن قېزىش ئەھۋالى مەزكۇر جاينىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىغا زور بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ كەلمەكتە.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئالتاي ۋىلايىتى يەر -زېمىن مەبلىغى قانۇن ئىجرا قىلىش- نازارەت قىلىش ئەترىتى يېقىندا كۆكتوقاي ناھىيىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بىلەن بىرلىشىپ، كۆكتوقاي ناھىيىسىدىكى ئېرتىش دەرياسىدا خالىغانچە قالايمىقان ئالتۇن قېزىشقا ئىشلىتىلگەن ئالتۇن كولاش كېمىلىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان.
خەۋەردە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، گەرچە يەرلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى قانۇنسىز ئالتۇن قېزىش قىلمىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشتا، كۆپ قېتىم زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، ئالتۇن قازغۇچىلار سانى يەنىلا ئازايمىغان. خەۋەردە يەنە " بۇ خىل قانۇنسىز قىلمىشلار تۈپەيلى، دۆلەتنىڭ نورمال ئالتۇن قېزىش پىلانى زور تەسىرگە ئۇچراش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئالتاينىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىمۇ پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىندى" دەپ ئەسكەرتىلگەن.
خىتاينىڭ يەرلىك ئورگانلىرىدىن تېلېفۇن ئارقىلىق ئىگەللەنگەن ئەھۋال
بىز ئالتاي رايونىدىكى قانۇنسىز ئالتۇن قېزىش قىلمىشلىرىنى تېخىمۇ ياخشىراق ئىگىلەش ئۈچۈن، مەزكۇر جايدىكى بىر قىسىم ئاھالىلەرگە ۋە شۇنداقلا ئالتاي ۋىلايىتى يەر -زېمىن مەبلىغى قانۇن ئىجرا قىلىش ئورۇنلىرى، ئالتاي ئالتۇن كان ئىشخانىسى ۋە مۇھىتنى قوغداش ئورۇنلىرىغا تېلېفون قىلدۇق.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئالتاي شەھىرىدىكى بىر يەرلىك خىتاي پۇقرا "ھەر يىلى خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئالتاي رايونىغا كېلىپ ئۆز ئالدىغا ئالتۇن قازىدىغانلار ھەقىقەتەن ناھايىتى كۆپ، ھۆكۈمەت توسىمىز دەپ مىڭ كۈچىگىنى بىلەن، يەنىلا ھېچ ئامال قىلالمايۋاتىدۇ،" دەپ بىلدۈردى.
ئالتاي شەھىرىنىڭ مۇھىتنى ئاسراش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ھازىر ئالتايدا قالايمىقان ئالتۇن قازغۇچىلار پەقەت ئېرتىش دەرياسى ۋە ئۇلۇنكۇر دەرياسىدىلا ئەمەس، بەلكى ئالتاي تاغلىرىدىمۇ يامراپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھەمدە بۇلارنىڭ ھەممىسى دېگىدەك خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن ئاققۇنلار ئىكەنلىكىنى مەلۇم قىلدى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مەزكۇر ئىدارە باشلىقىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، ئالتۇن قېزىش پەسلى 5 - ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ 6 - ئاي ۋە 7 - ئايلارغىچە داۋاملىشىدىكەن.
"ئىچكىرىدىن كەلگەن ئاققۇنلارغا ئامالىمىز يوق"
مەزكۇر ئىدارە باشلىقى سۆزىدە، ھەر يىلى يەرلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ ساقچىلار بىلەن بىرلىكتە كېلىپ، قانۇنسىز ئالتۇن قازغۇچىلارنى سۈرگۈن قىلىدىغانلىقىنى، لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۇلارنىڭ يەنە پەيدا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
"ئالتۇن قازغىلى كېلىدىغانلار ھەر يىلى دېگىدەك كېلىدۇ. ھەممىسى دېگىدەك ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن كەلگەنلەر. بىز ساقچى خادىملىرى بىلەن بىرلىكتە ئۇلارنىڭ ئالتۇن قېزىش ماشىنىسى ۋە ئالتۇن كولاش كېمىسى قاتارلىق ئەسۋابلىرىنى مۇسادىر قىلىپ، ئۇلارنى ئۆز يېرىگە قايتۇرىۋېتىمىز. لېكىن مىڭ قوغلىغان بىلەنمۇ، ئۇلارنى قوغلاپ بولالمايدىكەنمىز. قوغلىغان چاغدا ئازايغاندەك قىلغىنى بىلەن، ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇلار يەنە پەيدا بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن بۇ يەرگە كېلىپ مەدىكارلىق قىلىۋاتقانلارمۇ بار، يەنە بەزىلىرى مەخسۇس ئالتۇن كولىغىلى كەلگەنلەر....." دېدى مەزكۇر ئىدارە باشلىقى.
رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان مەزكۇر ئىدارە باشلىقى يەرلىك خەلقلەرنىڭ ھېچقاچان بۇنداق قانۇنسىز قالايمىقان ئالتۇن قېزىش ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللانمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: " ئېكولوگىيىلىك مۇھىت ھەقىقەتەن ۋەيران بولدى. يەرلىك خەلىق بولسا، ئۇنى قوغداشقا تىرىشماقتا، ئۇلار ھەرگىزمۇ قالايمىقان ئالتۇن قازىدىغان ئىشلارنى قىلمايدۇ. مەسىلەن، تاغدا قوي ۋە كالا باقىدىغان چارۋىچىلار ھەر دائىم تاغلاردا يۈرسىمۇ، ھەرگىز بۇنداق قانۇنسىز ئىشلارنى قىلمايدۇ، ئەكسىچە ئۇلار كۆرگەنلىرى ھەققىدە داۋاملىق بىزدەك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا دوكلات قىلىپ تۇرىدۇ. بىز شۇ زامان بېرىپ قانۇنسىز ئالتۇن قازغۇچىلارنى بىر تەرەپ قىلىمىز."
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بۇ ئەمەلدار سۆزىنىڭ ئاخىرىدا يەنە ئالتاينىڭ يېرى كەڭ، زېمىنى چوڭ بولغاچقا خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كېلىۋاتقان ئاققۇنلارنىڭ ھەددىدىن تاشقىرى كۆپىيىپ كېتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، قانۇنسىز ئالتۇن قازغۇچىلارنى بىر تەرەپ قىلىشتا ھەقىقەتەن ئامالسىز قېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. (مېھرىبان)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە زور كۆلەملىك كۆمۈر كان قۇرۇلۇشىنى باشلىدى
- ئالتايغا مەخسۇس بايلىق ئېچىش تۆمۈر يولى قۇرۇلماقچى
- فۇكاڭدىكى كان ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 3 كە يەتتى
- فۇكاڭدىكى كان ۋەقەسىدە 2 كىشى قازا قىلدى
- خوتەن قاشتېشى قالايمىقان قېزىش نەتىجىسىدە يوقاپ كېتىش گىردابىغا دۇچ كەلمەكتە
- فۇكاڭدا 13 ئادەم كۆمۈر كان گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش سەۋەبىدىن ئۆلدى
- ئالتايدىكى كۆكسۇ نەملىك يەر مۇھىتى بۇلغانلاقتىن 600 چارۋىچى ئاھالىسى كۆچۈشكە مەجبۇرلاندى
- خىتاي ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قابا دەرياسىدا خەلقئارا دەرىجىلىك چوڭ ئالتۇن كان بايقىدى
- شەندۇڭ گىئولوگىيىلىك ئۆلچەش ئىدارىسى ئۇيغۇر ئېلىدە يەنە بىر چوڭ كۆمۈرلۈك تاپتى
- ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا كان ۋەقەسى يۈز بەردى
- ئۇيغۇر ئېلىدە 68 مىليارد توننىلىق چوڭ كۆمۈرلۈك بايقالدى
- ئالتايدىكى قار ئاپىتىدە نۇرغۇن چارۋا ماللىرى ئۆلدى