ئالتاي ۋىلايىتى يىگىرمە يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر كەلكۈن ئاپىتىگە ئۇچرىدى
2005.06.03
ئالتاي تەۋەسىدە تۇيۇقسىز ياققان يامغۇر ھەم مۆلدۈرنىڭ تەسىرىدە 1- ئىيۇندىن باشلاپ يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتى بارغانچە كېڭەيمەكتە.
ئالتايدىن ئىگىلىشىمىزچە، بۇ قېتىملىق كەلكۈن ئاپىتىدە ئالتاي شەھەر ئىچى ئېغىر ۋەيرانچىلىققا ئۇچراپ، 8 مىليون يۇئەن ئەتراپىدا ئىقتىسادى زىيان كۆرۈلگەندىن باشقا، بۇرچىن ھەم قابا دەريالىرىنىڭ سۈيى شىددەت بىلەن ئۆرلەپ، دەريا بىلەن چېگرىداش بولغان، قابا ناھىيىسى، بۇرچىن ناھىيىسىدە نۇرغۇن ئۆيلەرنىڭ ئۆرۈلۈپ، تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىغانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى.
كەلكۈننىڭ تەسىرى خېلى كەڭ بولغان
دېھقانلىرىمىزغا ئەڭ ئېغىر بولغىنى شۇ تېرىلغۇلارنىڭ ۋەيران قىلىنغانلىقى بولدى. بىز ئەمدى ئاپەتنىڭ كەلتۈرگەن زىيانلىرىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمىز، بۇ ئالتايدا يىگىرمە يىلدىن بۇيان كۆرۈلگەن ئەڭ ئېغىر ئاپەت!
3-ئىيۇن، جۈمە كۈنى ئىگە بولغان ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلىرىمىزغا ئاساسلانغاندا، قاتتىق يامغۇر جۈمە كۈنى چۈشتىن كېيىن توختىغان بولۇپ، بۇ جەرياندا يەنە قابا ھەم بۇرچىن دەريالىرىنىڭ سۈيى داۋاملىق ئۆرلەپ كەلكۈن ئاپىتى كۆكتوقاي ھەمدە چىڭگىل ناھىيىلىرىگىچە كېڭەيگەن. كەلكۈن چىڭگىل دەرياسىدىكى بىر قانچە كۆۋرۈكنى ئېقىتىپ كەتكەن، چىڭگىل ناھىيىسىدىكى بەش يېزىدا جەمى 882 ئائىلىلىك 4 مىڭ ئىككى يۈزگە يېقىن كىشى ئاپەت تەسىرىگە ئۇچرىغان.
كۆكتوقاي ناھىيىسىدە يامغۇر باشقا جايلاردىن ئۇزاقراق داۋام قىلغان بولغاچقا، كۆكتوقاي بازىرى، تېمېكى يېزىسى ھەمدە كۈرتى يېزىلىرىدا ئاپەت باشقا جايلاردىن ئېغىرراق بولغان.
تېمېكى يېزىسىدا 560مو تېرىلغۇ يەر ۋەيران قىلىنغان، تۆت كۆۋرۈك بۇزۇلغان، يىگىرمە ئائىلىلىكنىڭ ئۆيى ئۆرۈلگەن يەنە 62 ئائىلىكنىڭ ئۆيىگە سۇ كىرىپ خەتەرلىك ئۆيلەرگە ئايلانغان. كۈرتى يېزىسىغا تەۋە 300مو يايلاق، 10 ئائىلىلىك ئۆي پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىنغان.
ئالتاي ھۆكۈمەت تورىدا بېرىلگەن ستاتىسكىلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، كۆكتوقاي ناھىيىسىنىڭ بۇ قېتىمقى كەلكۈن ئاپىتىدە ئۇچرىغان بىۋاستە ئىقتىسادى زىيىنى 10مىليون يۇئەندىن ئېشىپ كەتكەن. كەلكۈن ئاپىتىگە دائىر ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، ئالتايدا كەڭ دائىرىدە يۈز بەرگەن بۇ كەلكۈن ئاپىتىدە ھازىرغا قەدەر تېخى يارىلىنىش، ئۆلۈم ھادىسىسى مەلۇم بولمىغان.
يىگىرمە يىلدىن بۇيان كۆرۈلگەن ئەڭ ئېغىر ئاپەت!
بىز ئاپەت ئېغىر بولغان كۆكتوقاي ناھىيىسىنىڭ تېمېكى يېزىسىدىن ئەمەلىي ئەھۋال ئىگىلىدۇق. يېزا باشلىقى بىزگە " بۇ قېتىملىق كەلكۈن ئاپىتىنى ئالتاي ۋېلايىتىدە يىگىرمە يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر ئاپەت دىيىشكە بولىدۇ" - دەپ بىلدۈردى.
ئۇ تېمېكى يېزىسىنىڭ بۇ ئاپەتتە قانچىلىك زىيانغا ئۇچرىغانلىقى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى:
"تېمېكى يېزىمىزدا ئۈچ كۈن قاتتىق يامغۇر يېغىپ، تېخى بۈگۈن چۈشتىن كېيىن توختىدى. يېزىمىزدىكى بۇغدايلىق يەرنىڭ 80٪ئى كەلكۈندە ۋەيران بولدى. ئۆرۈلگەن، زەيلەشكەن ئۆيلەر بەك جىق- 60٪گە يېتىدۇ. كەلكۈنغۇ ئاساسەن تىزگىنلەندى، ئەمما زىيان ئېغىر. ئېنىق سانلىق مەلۇماتلار يەنىلا ستاتىستىكا قىلىنىۋاتىدۇ. چۈنكى، ئۆيلەر داۋاملىق ئۆرۈلۈۋاتىدۇ.
مۇخبىرىمىزنىڭ "كەلكۈن ئادەم ياكى مال چارۋىلارنىڭ ھاياتىغا خەۋپ ئەكەلدىمۇ؟" دېگەن سوئالىغا ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى:
"ھازىرغىچە تېخى ئادەم ئۆلگەن ياكى چارۋىلارنىڭ ئۆلگەنلىك، يارىلانغانلىقى ھەققىدە خەۋەر ئاڭلىمىدۇق. ھازىر ناھىيە - ۋىلايەتنىڭ باشلىقلىرى ھەممىسى ئېغىر زىيان بولغان جايلارنى تەكشۈرۈۋاتىدۇ. دېھقانلىرىمىزغا ئەڭ ئېغىر بولغىنى شۇ، تېرىلغۇلارنىڭ ۋەيران قىلىنغانلىقى بولدى. بىز ئەمدى ئاپەتنىڭ كەلتۈرگەن زىيانلىرىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمىز، بۇ ئالتايدا يىگىرمە يىلدىن بۇيان كۆرۈلگەن ئەڭ ئېغىر ئاپەت!"
ئالتاي ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىمىزچە، ئالتايدا كەلكۈن ئاپىتى داۋاملىق كېڭەيگەن بولغاچقا، ئاپەتنىڭ كەلتۈرگەن زىيانلىرىنىڭ ستاتىستىكا خىزمىتى تېخى ئاخىرلاشمىغان. ئۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تولۇق مەلۇمات كېلەر ھەپتە ئىچىدە مەلۇم بولىدىكەن.(گۈلچېھرە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئالتاي كەلكۈن ئاپىتىنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىدى
- بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلىدە بۇلتۇرقىدىنمۇ ئېغىر كەلكۈن ئاپەتلىرى يۈز بېرىشى مۇمكىن
- ئۈچتۇرپاندىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان خەلقلەر تېخىچە چېدىردا ياتماقتا
- قار- يامغۇر ئاپىتى خوتەن دېھقانلىرىغا زور قىيىنچىلىق ئېلىپ كەلدى
- ئىلىدا كەلكۈن ئاپىتى داۋاملىق ئۇلغايماقتا
- ئىلى ئوبلاستىنىڭ بەزى ناھىيىلىرى كەلكۈن ئاپىتىگە ئۇچرىدى