ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى بېرمىلىق ئۆكتىچى رەھبەر ئاڭسان سۇجىغا دۆلەت مەجلىسى ئالتۇن مېدالى بېرىشنى مۇزاكىرە قىلدى

0:00 / 0:00

13 ‏- فېۋرال كۈنى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى، بېرما دېموكراتىك ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ئاڭسان سۇجى خانىمغا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئالتۇن مېدال مۇكاپاتىنى بېرىشنى مۇزاكىرە قىلدى. تەكلىپ لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان كېڭەش پالاتا ئەزالىرىدىن مىتچ مككوننەل " ئاڭسان سۇجىنىڭ ئاۋازى پۈتۈن دۇنيادىكى دېموكراتىيە، ئەركىنلىك ۋە تېنچلىق ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقانلارنىڭ ئاۋازى؛ ئۇ ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلە بىزنىڭ مەسىلىمىز؛ مەقسىتىمىز بېرما ھەربىي ھۆكۈمىتىگە ئامېرىكىنىڭ بېرما دېموكراتىك ھەرىكىتىنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىش" دەپ بىلدۈرگەن.

بېرما مەسىلىسى دېموكراتىيە مەسىلىسنىلا ئەمەس، يەنە مۇستەقىللىق مەسىلىلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ

مەزكۇر تەكلىپ لايىھىسىنى دېموكراتچى كېڭەش پالاتا ئەزاسى دىئاننە فەئىنستەئىن بىلەن جۇمھۇرىيەتچى كېڭەش پالاتا ئەزاسى مىتچ مككوننەل بىرلىكتە ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ قوللىغۇچىلار ئارىسىدا، پرېزىدېنت نامزاتلىرىدىن خىللارىي كلىنتون، باراك ئوباما ۋە جون مىككەينلەرمۇ بار. مەزكۇر تەكلىپ لايىھە ئۆتكەن يىلى 17 ‏-دېكابىر كۈنى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا مۇزاكىرە قىلىنغان ۋە مۇزاكىرىگە قاتناشقان 400 ئاۋام پالاتا ئەزاسىنىڭ تولۇق ئاۋازى بىلەن ماقۇللۇقتىن ئۆتكەن. ئەمدىكى نۆۋەت كېڭەش پالاتاسىنىڭ قارارىدا بولۇپ، بۇ قېتىمقى يىغىن پەقەت لايىھىنى تونۇشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان، ئاخىرقى قارار كېڭەش پالاتا ئەزالىرىنىڭ تولۇق قاتنىشىشى بىلەن ئايرىم بېكىتىلىدۇ.

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ بۇ مۇزاكىرىسى، ئۆتكەن ھەپتىدىن باشلاپ بېرمىدا شەكىللەنگەن يېڭى ۋەزىيەتكە توغرا كەلدى. بېرما ھەربىي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن شەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، بېرمىدا كۆپ پارتىيە ئىشتىراكىدىكى دېموكراتىك سايلام ئۆتكۈزۈشنىڭ شارائىتى پىشىپ يېتىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ۋە بۇ يىل 5 ‏- ئايدا يېڭى ئاساسىي قانۇننى خەلق ئاۋازىغا قويىدىغانلىقىنى 2010 ‏-يىلى ئومۇمى سايلام ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بېرمىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۆكتىچى كۈچلەر، بېرما ھۆكۈمىتىنى خەلقئارا بېسىمنى يۇمشىتىش ئۈچۈن ئويۇن ئويناۋاتىدۇ دەپ ئەيىبلىگەن ھەم يېڭى ئاساسىي قانۇن لايىھىسىنى خەلق ئاۋازىغا قويۇلۇشتىن ئاۋۋال ئوخشاش بولمىغان پارتىيە، گۇرۇھلارنىڭ كۆزدىن كەچۈرۈشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۆكتىچى كۈچلەر يەنە، بېرما ھەربىي ھۆكۈمىتىنى يېڭى ئاساسىي قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەر ئارقىلىق ئاڭ سانسۇجىنىڭ سايلامغا قاتنىشىشىنىڭ ئالدىنى توسۇۋاتىدۇ دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى.

ئالتۇن مېدال دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان مىللەتلەر ئۈچۈن بىر رىغبەت

نۆۋەتتىكى بېرما مەسىلىسى يالغۇز دېموكراتىيە مەسىلىسنىلا ئەمەس، يەنە مۇستەقىللىق ۋە ئالىي ئاپتونومىيە تەلەپ قىلىۋاتقان كارەن قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ مىللىي مەسىلىلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بېرمىدىكى راھىپلار نامايىشى باستۇرۇلغاندىن كېيىن، كارەن مۇستەقىلچىلىرى بىلەن بېرما ئارمىيىسى ئارىسىدا بىر قانچە قېتىم قوراللىق توقۇنۇش يۈز بەرگەن ئىدى. تۈنۈگۈن كارەن مۇستەقىلچىلىرىنىڭ يېتەكچىلىرىدىن بىرى بولغان ماخشا تايلاند بىلەن بېرما چېگرىسى ئارىسىدا سۈيقەستكە ئۇچرىدى. ھازىر نەزەربەند ئاستىدا بولغان ئاڭ سانسۇجى يېڭى ئاساسىي قانۇن لايىھىسىنى تۈزۈشكە بېرمىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭمۇ قاتنىشىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ.

دېمەك بېرمىنىڭ دېموكراتىيىلىشىشى خىتاينىڭ شىرىكى بولغان بېرما ھەربىي ھۆكۈمىتىنى تەختتىن چۈشۈرۈپلا قالماي، كارەن قاتارلىق مۇستەقىللىق كۈرىشى ئېلىپ بېرىۋاتقان مىللەتلەرنىڭ مەسىلىلىرىگىمۇ ھەل بولۇش زىمىنى ھازىرلاپ بېرىشى مۈمكىن.

ھازىرغا قەدەر ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدىكى 100 نەپەر ئەزانىڭ 73 نەپىرى مەزكۇر لايىھىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. قانۇن بۇيىچە، قوللىغۇچىلار 2/3 قىسىمدىن يۇقىرى ئاۋازغا يەتسە، تەكلىپ لايىھە ماقۇللۇقتىن ئۆتىدۇ. بۇنىڭدىن ئاڭسان سۇجىغا بېرىلىدىغان ئالتۇن مېدالنىڭ پالاتادا توسالغۇغا ئۇچرىمايدىغانلىقى مەلۇم. كۆزەتكۈچىلەر، ئاڭ سانسۇجىغا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئالتۇن مېدالىنىڭ بېرىلىشىنى دۇنيادىكى دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان مىللەتلەر ئۈچۈن بىر رىغبەت دەپ قاراشماقتا. (شۆھرەت ھوشۇر)