0:00 / 0:00

ئۆتكەن ھەپتە ئالتۇن ئوردا تاتار خانلىقى تارىخىنى تەتقىق قىلىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەر تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىگە توپلىنىپ، خەلقارالىق 2- قېتىملىق ئالتۇن ئوردا ۋە ۋارىسلىرى ناملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى.
تۈركىيىدىكى ئاياز تاھىر تۈركىستان، ئىدىل –ئۇرال ۋەخپى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان مەزكۇر مۇھاكىمە يىغىنىغا ئامېرىكا، ياپونىيە، رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن 40 تىن ئارتۇق پروفېسسور ۋە تەتقىقاتچىلار قاتناشتى.
يىغىندا بىر قىسىم ئالىملار ئۇيغۇرلارنىڭ ئالتۇن ئوردا خانلىقىغا كۆرسەتكەن تەسىرىلىرى توغرىسىدا ئىلمىي تەتقىقاتلارنى ئوتتۇرىغا قويغان.
بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي مەلۇماتلارنى، تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمدىن ئاڭلاڭ.