تيەنئەنمىن مەيدانىدا، ئەرز قىلغۇچى ئۆز قارنىنى يېرىپ ئۆلۈۋېلىشكە ئۇرۇندى
2006.08.15
خوڭكوڭ مىڭباۋ گېزىتىنىڭ جۈمە كۈنى بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ خۇنەن ئۆلكىسىدىكى چاڭشا دېگەن يېرىدىن كۆپ قېتىم بېيجىڭغا كېلىپ مەركىزى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ دېھقانلارنىڭ يېرىنى خالىغانچە تارتىۋېلىش قىلمىشلىرى ھەققىدە ئەرز سۇنماقچى بولغان دېھقانلار ۋەكىلى ياڭ چاڭجۇن يېقىندا، يەرلىك ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان. چىقىش يولى تاپالمىغان چاڭشالىق بۇ دېھقان تيەنئەنمېن مەيدانىغا كېلىپ، ئۆزىنىڭ قارنىنى يېرىپ ئۆلۈۋالماقچى بولغان. ھازىر ئۇنىڭ ئەھۋالى خەۋپ ئىچىدە قالغان بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنىنىڭ ئەتىسى 20 دىن ئارتۇق دېھقان تيەنئەنمېن مەيدانىغا بېرىپ نارازىلىق بىلدۈرگەن.
ۋەقەنىڭ سەۋەبى
خەۋەردە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، تيەنئەنمېن مەيدانىدا ئۆز قارنىنى يېرىپ ئۆلۈۋالماقچى بولغان چاڭشالىق ياڭ چاڭجۈن ئىسىملىق بۇ دېھقان يەرلىك دېھقانلارنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ جەمى 4 قېتىم بېيجىڭغا كەلگەن ۋە مەزكۇر يېزىدىكى دېھقانلارنىڭ يەرلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن خالىغانچە بوزەك قىلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە يۇقىرىلاپ ئەرز سۇنغان.
مەزكۇر يېزىدىكى دېھقانلارنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، يەرلىك ھۆكۈمەت دېھقانلارنىڭ بىر قىسىم يېرىنى ئىگىلەپ، مەزكۇر جايغا بۇلغانغان سۇنى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتىنى سالماقچى بولغان. ئۇلار يەنە تارتىۋېلىنغان يەر ئۈچۈن دېھقانلارغا دۆلەت بەلگىلىمىسى بويىچە 30 مىليون تۆلەم ھەققى بېرىشكە ۋەدە قىلغان. لېكىن ئۇلار ۋەدىسىدە تۇرماي، ھەتتا زاۋۇت سېلىش ئۈچۈن قومۇرۇلىۋېتىلگەن مىليونلىغان يېڭى كۆكلىگەن كۆچەتلەر ئۈچۈنمۇ تۆلەم ھەققى بەرمىگەن.
دېھقانلار يۇقىرىدىن بېرىلگەن تۆلەم ھەققىنىڭ مەزكۇر يېزا كومىتېتى تەرىپىدىن خىيانەت قىلىنغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، دېھقانلار ئارىسىدىن ئۆز ۋەكىلىنى سايلاپ چىقىپ بېيجىڭغا بېرىپ ئەرز قىلىش قارارىنى چىقارغان. ياڭ چاڭجۈن بولسا سايلىنىپ چىققان ۋەكىللەرنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ يىل يىل بېشىدىن باشلاپ، دېھقانلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن، كۆپ قېتىم رايون، شەھەرك ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك ھەرقايسى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا بېرىپ ئەرز سۇنغان. ھەمدە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 4 قېتىم بېيجىڭغا بارغان. لېكىن ئۇنىڭ قىلغان ئەرزلىرى ھىچ بىر يەردە ئاقمىغان. ئەكسىنچە، يەرلىك ھۆكۈمەت ۋە ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، كۆپ قېتىم زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان.
ئامالسىزلىقتىن تاللىغان يول
ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئەرز قىلىپ يۈرگەن ياشىنىپ قالغان گەن جيەمىن ئىسىملىق بىر دېھقان ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇش بۇيرىقى چۈشۈرۈلگەچكە 7 ئاي ئۆز ئۆيىگە قايتالمىغان. ساقچىلار يەنە ياڭ چاڭجۈن ھەققىدىمۇ تۇتۇش بۇيرۇقى چۈشۈرگەن. ھېچقانداق چىقىش يولى تاپالمىغان ياڭ چاڭجۈن 8 - ئاينىڭ 6 - كۈنى تيەن ئەن مېن مەيدانىغا كېلىپ، ئۆز قارنىغا پىچاق تىقىپ ئۆلۈۋالماقچى بولغان ھەمدە ئايالى ۋە ئۆز يېزىسىدىكى دېھقانلارغا ۋەسىيەت خېتى قالدۇرۇپ، ئۆزىنىڭ داۋا قىلىش يولىدا ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمەي ئامالسىز قالغانلىقتىن ئۆلۈۋېلىش يولىنى تاللىغانلىقىنى مەلۇم قىلغان. ئۇ يەنە ئايالىغا " مېنى ئەيىبكە بۇيرۇماڭ، ئەيىبلەشكە تېگىشلىك بولغانلار ئاچكۆز ۋە چىرىكلىشىپ كەتكەن ئەمەلدارلار، مەن كەنتداشلىرىمنىڭ ماڭا تاپشۇرغان ۋەزىپىسىنى ئورۇندىيالمىدىم. بۇنى ئويلىسام كەنتتىكى دېھقانلارغا يۈز كېلەلمەيمەن. شۇڭا ئامالنىڭ يوقلىقىدىن بۇ يولنى تاللىدىم" دەپ ۋەسىيەت خېتى قالدۇرغان.
بەختكە يارىشا ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، تيەنئەنمىن مەيدانىدا نۆۋەتچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان ساقچىلار ئۇنىڭ ئۆزىگە پىچاق تىققانلىقىنى كۆرۈپ قىلىپ، ئۇنى دەرھال دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارغان. لېكىن شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ ھاياتى يەنىلا خەتەر ئىچىدە قالغان.
رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان مەزكۇر يېزا كومىتېتىنىڭ ئادىمى يۈز بەرگەن ۋەقەدىن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى ۋە كەنت باشلىقلىرىنىڭ بېيجىڭغا ياڭ چاڭجۈننى يوقلاشقا كەتكەنلىكىنى مەلۇم قىلىپلا تېلېفوننى قويۇۋەتتى.
بىز يەنە ياڭ چاڭجۈن تۇرۇشلۇق رايوندىكى جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىغىمۇ تېلېفون قىلىپ، مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى ئىگىلىمەكچى بولدۇق. لېكىن تېلېفوننى ئالغان ئىدارە خادىمى " ياڭ چاڭجۈننىڭ ھاياتى خەتەرلىك باسقۇچتىن ئۆتۈپ كەتتى" دەپ قالغان باشقا سۇئاللارغا جاۋاپ بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى.
خوڭكۇڭدا نەشر قىلىنىدىغان مىڭباۋ گېزىتىدە بېرىلگەن خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، مەزكۇر ۋەقەنىڭ يۈز بېرىشى خۇ نەن ئۆلكىسىنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ دېققىتىنى قوزغىغان بولۇپ، ئۇلار ياڭ چاڭجۈن تۇرغان يېزىغا مەخسۇس تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئەۋەتكەن.
بۇندىن ئىلگىرى يەنى بۇ يىل 7 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، تيەنئەن مىن مەيدانىدا بىر ئادەم ئۆزىگە- ئۆزى ئوت قويۇپ ئۆلۈۋالماقچى بولغاندا، باشقىلار تەرىپىدىن قۇتۇلدۇرىۋېلىنغان. مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ھازىر تيەنئەنمىن مەيدانىغا بېرىپ بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق ئاستىدا ئۆزىنى ئۆزى ئۆلتۈرۈۋالماقچى بولغانلار بارغانسېرى كۆپەيگەن، ئۆلارنىڭ كۆپ ساندىكىسى يۇقىرىلاپ داۋا قىلغۇچىلار ئىكەن.
ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ئارقىلىق قانۇنغا جەڭ ئېلان قىلىش
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان خېبېي ئۆلكىسىدىكى ۋاڭ شيۇ جى ئىسىملىق بىر ئايال ئۆزىنىڭ 21 -يىلدىن بۇيان توختىماي داۋا قىلىپ يۈرگەنلىكىنى ھەمدە بۇ جەرياندا يەرلىك ساقچىلار تەرىپىدىن يۈز نەچچە قېتىم قولغا ئېلىنىپ، ئىككى قېتىم قاماقتا ياتقانلىقىنى، ھەتتا ساراڭلار دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ قاماپ قويۇلغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ كۆپ قېتىم ئۆلۈۋالماقچى بولغانلىقىنى ھەمدە ھەر قېتىم باشقىلار تەرىپىدىن قۇتۇلدۇرىلىنغانلىقىنى مەلۇم قىلدى. بۇ يىل تېخى ئەمدى 46 ياشقا كىرگەن، لېكىن سالامەتلىك جەھەتتە تۈرلۈك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇپ ھېچ بىر چىقىش يولى تاپالماي يۈرگەن ۋاڭ شيۋجى خانىم سۆھبەت جەريانىدا يەنە ئۆزىنىڭ ھېلىمۇ تەيەنئەنمېن مەيدانىغا بېرىپ ئۆلۈۋېلىشنى ئويلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى:
" مېنىڭ ھازىر ھېچبىر چىقىش يولۇم يوق. يىللاردىن بۇيان سالامەتلىككىمدىنمۇ پۈتۈنلەي ئايرىلىپ، تۈرلۈك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇپ قالدىم. مەندە ھازىر ھېچقانداق ئۈمىد دېگەن تۇيغۇ يوق. شۇڭا مەن ئۆز ھاياتىمنى قۇربان قىلىش ئارقىلىق قانۇننىڭ ماڭا بولغان يولسۇزلىقىغا جەڭ ئېلان قىلاي دەيمەن. مەن ھازىر پەقەت ئامال قىلالمىسام تيەنئەنمىننىڭ ئۈستىگە چىقىپ ئۆزەمنى يەرگە ئېتىپ ئۆلۈۋالاي دەيمەن. ياكى بولمىسا تيەن ئەنمېنمەيدانىغا بېرىپ، دورا ئىچىپ ئۆلۈۋېلىشنى ئويلاۋاتىمەن"
مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ھازىر خىتايدا يەر -زېمىن مەسىلىسى تۈپەيلىدىن ئۆز ھاياتىدىن ۋاز كېچىۋاتقانلار سانى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە. (مېھرىبان)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- 4 - ئىيۇن ۋەقەسى ھەققىدە 17 يىلدىن كېيىنىمۇ ئىختىلاپ ئېغىر
- خىتاي ھۆكۈمىتى تيەنئەنمىن ۋەقەسى ھەققىدە يەنىلا جىم -جىت بولۇپ تۇرماقتا
- "تيەنئەنمىن ئانىلىرى" ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە ئوچۇق خەت يازدى
- 4 - ئىيۇن تيەنئەنمىن ئانىلىرى بايانات ئېلان قىلدى
- خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى كوفى ئاننانغا خەت يازدى
- خىتايدىكى قانۇن - تۈزۈمنىڭ يېتەرسىزلىكى دېھقانلارنىڭ نارازىلىقىنى كۈچەيتىپ مۇقىمسىزلىقنى پەيدا قىلماقتا
- 1989 - يىلىدىكى 4- ئىيۇن ۋەقەسىنى ھەل قىلىش مودېلى قانداق بولۇشى كېرەك؟
- خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىلىم - پەن ساھەسىدىكى چىرىكلىك مەسىلىسى