ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش ئامېرىكا قوشۇنلىرىنىڭ يېڭى رىقابەتكە دۈچ كىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ بۇندىن كىيىنكى نەچچە ئون يىل ئىچىدە، ئۆز تۇپرىقىدا تېخىمۇ ھەرىكەتچان بىر قوشۇن تەشكىللەيدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. پرېزىدېنت بۇش ئۆز پىلانىنى مۇنداق دەپ شەرھلىدى:
" گەرچە ھازىر چەتئەلدە نۇرغۇن قوشۇنلىرىمىز تۇرىۋاتقان بولسىمۇ، بۈگۈنكى ئىلان قىلغان پىلانىم بويىچە، بۇندىن كىيىنكى ئون يىل ئىچىدە، تەخمىنەن 60 مىڭدىن 70 مىڭغىچە ئەسكىرىمىزنى دۆلىتىمىزگە قايتۇرۇپ كىلىمىز"
پرېزىدېنت بۇشنىڭ ئېيتىشىچە، بۇنىڭدىن سىرت، يەنە تەخمىنەن100 مىڭغا يېقىن خىزمەتچىلەر ۋە ئەسكەرلەرنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىمۇ ئامېرىكا تۇپرىقىغا قايتىپ كىلىدىكەن.
نۆۋەتتە ئامېرىكىنىڭ چەتئەلدىكى بازىلىرىدا 230 مىڭدىن كۆپرەك ئەسكىرى بار. ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى گىرمانىيە، ياپۇنىيە ۋە جەنۇبىي كورىيىلەرگە ئورۇنلاشقان. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ يۇقېرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى، پرېزىدېنت بۇشنىڭ چەتئەلدىكى قوشۇنلىرىنى قايتا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ كەلگۈسى يۈز بېرىشى مومكىن بولغان توقۇنۇشلارغا ۋە تېررورلۇق تەھدىدلەرگە تېخىمۇ ياخشى تاقابىل تۇرۇشنى،شۇنداقلا مەسىلە كۆپ چىقىۋاتقان ئوتتۇرا شەرق ۋە ئوتتۇرا ئاسىياغا قوشۇن ئەۋەتىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭ بىلدۈرىشىچە، پرېزىدېنت بۇشنىڭ بۇ پىلانى، ئامېرىكا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كىيىن، چەتئەلدىكى ھەربى ئورۇنلاشتۇرىشىغا قارىتا ئېلىپ بارغان ئەڭ چوڭ ئۆزگۈرۈش بولۇپ ھىسابلىنىدىكەن.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا،ئامېرىكا ئاساسلىقى ئەنگىلىيە، گىرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە تۇرىۋاتقان قوشۇنلىرىنى چىكىندۈرۈپ، بازىلىرىنى تاقايدىكەن. بۇ قېتىمقى ئۆزگەرتىش يەنە جەنۇبىي كورىيىدە تۇرىۋاتقان 37 مىڭ كىشىلىك ئامېرىكا قوشۇنىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدىكەن.
ئامېرىكىدىكى دۆلەت مۇداپىئە كۈندىلىك گېزىتىنىڭ ئىجرائىي تەھرىرى روبېرتسىننىڭ تەھلىل قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ چەتئەلدىكى قوشۇنلىرىنى قايتا ئورۇنلاشتۇرۇشىدا، قىسىملىرىنىڭ ھەرىكەتچانلىقى ۋە ئىنكاسىنى ئاشۇرۇشتىن باشقا يەنە نۇرغۇن سەۋەپلەر بار ئىكەن. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ھازىر لوندوندا بازىسى بار بولۇپ،ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاللىقاچان ئاخىرلاشقان بۈگۈنكى كۈندە بۇنداق بىر چوڭ دېڭىز ئارمىيە بازىسىنىڭ لوندوندا مەۋجۈت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ ئەھمىيىتى يوق ئىكەن.
ئامېرىكا ۋېيكفورست ئۇنۋېرسىتىنىڭ سىياسەت پېروففېسسورى لى ۋىيچىڭ ئەپەندى ئامېرىكىنىڭ بۇنداق بىر قارارغا كىلىشىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختۇلۇپ مۇنداق دىدى:
- ھازىرقى ئۇرۇش سىتىراتىگىيىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئەگەر قوشۇنلارنىڭ ھەرىكەتچانلىقى كۈچلۈك بولسىلا، يىراقتىن ھوجۇم قىلىشمۇ ئوخشاشلا ئۈنۈملۈك بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، مەسىلەن كورىيە مەسىلىسىدە، جەنۇبىي كورىيە ھازىر شىمالىي كورىيىگە كەڭ قوللۇق سىياسىئەت يۈرگۈزۈپ، ئىككى كورىيىنىڭ مۇناسىۋىتى يۇمشاۋاتىدۇ. ئەگەر بۇ ۋەزىيەت داۋاملىشىۋەرسە،جەنۇبىي كورىيە بىر ئىككى يىل ئىچىدە قوشۇنلىرىنى چىگرادىن سەل ئارقىغا تارتىشى مومكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە جەنۇبىي كورىيەدىكى يېڭى بىر ئەۋلاد ياشلار ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي كورىيىدە قوشۇن تۇرغۇزىشىنى ئىككى كورىيىنىڭ بىرلىككە كىلىشىدىكى توسالغۇ دەپ قاراۋاتىدۇ. ياپۇنىيىدىكى بەزى كىشىلەر ئارىسىدىمۇ ئامېرىكىنىڭ بازىسىنى چىكىندۈرۈش ھەققىدىكى تەلەپلەر بار. شوڭا ئامېرىكا تىنىچ ئوكياننىڭ غەربى رايۇنلىرىدىكى قوشۇنلىرىنى قايتا تەشكىللەش،ئورۇنلاشتۇرۇشنى قارار قىلدى. ئەمىلىيەتتە بۇ يەنە، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى بىخەتەرلىكىنى قوغداش زۆرۆرىيىتىدىنمۇ چىقىش قىلغان.
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى دونالد رامىسفىلد ئىزچىل تۈردە ئەسكەر سانىدىن ئەمىلىي ھەربى كۈچنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ كىلىۋاتقان ئىدى. بۇنداق دىگەنلىك، بۇندىن كىيىنكى توقۇنۇشلاردا 21 - ئەسىردىكى ئىلغارتېخنىكا ۋە قوراللار بىلەن قوراللانغان تىز ئىنكاس قايتۇرغۇچى قىسىم، ئەمىلىي تۇرۇشلۇق ئەسكەرلەرنىڭ سانىغا قارىغاندا تېخىمۇ مۇھىم دىگەنلىكتىن ئىبارەت. ۋېيكفورست ئۇنۋېرسىتىنىڭ پىروفېسسورى لى ۋىيچىڭ جورج بۇشنىڭ چەتئەلدىكى قوشۇنلىرىنى قايتا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانى تۈزۈشىدىكى تەپەككۈرى بىلەن دونالد رامىسفىلنىڭ قارىشىدا ئوخشاشلىق بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دىدى:
- دونالد رامىسفىلد ئەسكەر سانىنى قىسقارتىش كېرەك دەپ قارايدۇ.چۈنكى ھازىرقى زامان قورال تېخنىكىسى بىلەن ئۇرۇش قىلغاندا بەزى جايلاردا ئانچە كۆپ ئەسكىرىي كۈچ كېرەك بولمايدۇ. شوڭا ھازىرقى زامان قوراللىرى بىلەن بىر قىسىم ئادەم كۈچىنىڭ ئورنىنى تولدۇرغىلى بولىدۇ. ئەمما تىنىچ ئوكيان رايۇنىدا يەنىلا بىر قىسىم ئەسكەر تورغۇزۇش كېرەك. شىمالىي كورىيە مەسىلىسى تېخى ھەل بولمىدى. بۇنىڭدىن سىرت تەيۋەن مەسىلىسى بار. ئىككى قىرغاق ئەسكىرىي كۈچىنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى ساقلاش ۋە خىتايغا نىسپەتەن تەھدىدىي كۈچنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، بەلگىلىك ئەسكەر تۇرغۇزۇشقا توغرا كىلىدۇ. ياپۇنىيە ئۈچۈن ئېيتقاندىمۇ ياپۇنىيىنىڭ ھەربى كۈچىنى سەل چاغلىغىلى بولمىسىمۇ، ئەمما باشقا دۆلەتلەرگە ئوخشاش دۆلەت مۇداپىئە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن بىر مەزگىل كېتىدۇ. شوڭا ئامېرىكا ھەرگىزمۇ ئاسىيا رايۇنىدىن قوشۇنلىرىنى پۈتۈنلەي چىكىندۈرمەيدۇ.
لى ۋىيچىڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە ، ئامېرىكا ئاسىيا رايۇنىدىن قوشۇنىنى پۈتۈنلەي چىكىندۈرمىگەندە، خىتاينىڭ تەسىر كۈچىنىڭ شەرقىي ۋە جەنۇبىي ئاسىيالارغا تېز كېڭىيىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ھەمدە خىتايغا قارشى تەھدىد كۈچىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدىكەن.
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە ئەمەلدارلىرىنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە جەنۇبىي كورىيىدە تۇرۇشلۇق 37 مىڭ ئەسكىرىنىڭ ئۈچتىن بىرىنى چىكىندۈرۈش ھەققىدە جەنۇبىي كورىيە ئەمەلدارلىرى بىلەن سۆھبەتلەشمەكتە.
ئامېرىكا پىرىزىدېنتى جورج بۇشنىڭ پىلانى بويىچە گىرمانىيىدىن چىكىنىدىغان تۈنجى تۈركۈم ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ئەڭ بالدۇر دىگەندە كىلەر يىلى يىل ئاخىرىدا قايتىپ كىلىدىكەن. ئامېرىكىنىڭ چەتئەلدىكى ئەسكىرىي كۈچىنى قايتا ئورۇنلاشتۇرىشىغا نەچچە ئون يىل كېتىدىكەن. (ئارزۇ)