ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 8 - فېۋرال كۈنى ئاشكارىلىشىچە، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ھەربىي كومىتېتى 6 - فېۋرال كۈنى 2008 - يىللىق دۆلەت مۇداپىئە خامچوتى ھەققىدە ئاچقان ئاڭلاش يىغىنىدا، ئامېرىكىنىڭ مۇداپىئە مىنىسىتىرى روبرت گەيت پرېزىدېنت بۇشنىڭ تەستىقى بۇيىچە ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ ئافرىقا قۇمدانلىق شتابى قۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى جاكارلىغان. ئامېرىكىنىڭ مۇداپىئە مىنىسىتىرى روبرت گەيت كېڭەش پالاتا ئەزالىرىنىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە 'يەر كۆلىمى دۇنيانىڭ 35% نى، نوپۇسى دۇنيانىڭ 25% نى تەشكىل قىلىدىغان، ھازىر جەمئىيىتىدە ھەرخىل ئېغىر توقۇنۇش داۋاملىشىۋاتقان ئافرىقىنىڭ مۇھىملىقىنى ئامېرىكا ئەمدى نەزەردە تۇتمىسا بولمايدىغان ۋاقىت بولۇپ قالدى'دېگەن.
ئافرىقا قوماندانلىق شىتابىنىڭ ۋەزىپىسى
ئامېرىكىنىڭ مۇداپىئە مىنىسىتىرى روبرت گەيت ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ ئافرىقا قوماندانلىق شىتابى ھەققىدە توختالغاندا، ھازىر قۇرۇلۇۋاتقان ئافرىقا قوماندانلىق شىتابى ئافرىقىدىكى توقۇنۇشلارنى ئازايتىش، ئافرىقا خەلقىنىڭ بىخەتەرلىك ۋە سالامەتلىك مۇھىتىنى ياخشىلاش، تېررورچىلارنىڭ ئالاقە تورىنى بېت-چىت قىلىش ۋە ھەرخىل كرىزىسلارغا تاقابىل تۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ، دېگەن.
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە يەنە، ئامېرىكا مۇشۇ كۈنگە قەدەر، ئافرىقىغا دائىر ئىشلارنى ئۆزىنىڭ ياۋروپا قوماندانلىق شىتابى، مەركىزى رايون قوماندانلىق شىتابى ۋە تىنچ ئوكيان قوماندانلىق شىتابىدىن ئىبارەت 3 ئورگىنى ئارقىلىق بىجىرىپ كەلمەكتە. ھازىر ئامېرىكىنىڭ بۇ قۇماندانلىق شىتابلىرىنى سوغۇقچىلىق ئۇرۇشىدىن قالغان بىرمۇنچە مەسىلىلەر ھەل قىلىشنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتىدۇ. ئەمدى ئامېرىكا ئافرىقىدىكى مەسىلىلەرنى ئۆزىنىڭ ئافرىقا قوماندانلىق شىتابى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىدۇ.
ئافرىقا قوماندانلىق شىتابىنىڭ ئورنى تېخى مەلۇم ئەمەس
خىتاينىڭ 'يۇلتۇزلۇق ئارال' دەپ ئاتىلىدىغان مۇھاجىرلار گېزىتىدە بايان قىلىنىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىسىتىرلىقى ھازىر ئافرىقىدا يەنە بىر ھەربىي قوماندانلىق شىتابىنى قۇرۇۋاتىدۇ، ئۇنىڭ ئورنى تېخى مەلۇم ئەمەس، ئېھتىمال بىر مەزگىلگىچە يەنىلا دېڭىزدىكى ھەربىي پاراخوتلاردا بولۇشى مۇمكىن.
زامبىيە مىس كان ئىشچىلىرى خىتايلارنى 'ئالدامچى' ھېسابلايدۇ
زامبىيىدە چىقىدىغان 'ۋەتەنپەرلەر فرۇنتى' گېزىتىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ زامبىيەگە كەلگەندە، خىتاينىڭ بۇلاڭ -تالاڭ قىلىشغا ئۇچرىغان مىس كان ئىشچىلىرى نامايىش قىلىپ 'خىتايلارنى قارشى ئالمايمىز'، 'خىتايلار ئالدامچى'، 'خىتايلار زالىملارنىڭ چۇماقچىسى' دەپ شۇئار توۋلاپ قارشىلىق كۆرسەتكەنلىكتىن، خۇ جىنتاۋ ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان زىيارەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا مەجبۇر بولغان.
ئافرىقا قوماندانلىق شىتابى خىتاينىڭ ئافرىقىدا زالىملارغا يانتاياق بولۇشىنى چەكلەيدۇ
'ئەركىنلىك ۋاقىت گېزىتى' نىڭ خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئافرىقىدا پەقەت ئۆزىنىڭ نېفىت، تەبىئىي گاز ۋە باشقا كان بايلىقلىرىغا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈنلا، مىللىي توقۇنۇش بارغانسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان دۆلەتلەردىكى ھۆكۈمەتلەرگە زور كۈچ بىلەن ياردەم بېرىپ، ئۇلارنىڭ ب د ت نىڭ تىنچلىق ساقلاش قوشۇنلىرىنى رەت قىلىشغا يانتاياق بولماقتا. ھازىر ئامېرىكا يېڭىدىن قۇرۇۋاتقان ئافرىقا قوماندانلىق شىتابى خىتاينىڭ ئافرىقىدا زالىملارغا يانتاياق بولۇشىنى چەكلەيدۇ ۋە ئافرىقىنىڭ دارفور كرىزىسىدەك ۋە ئەيدىز كېسەللىكى يامراپ كېتىشتەك بالايى ئاپەتلەردىن ساقلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
ئافرىقا تۇمشۇقىدىكى جىبۇتىلىقلار ئامېرىكا قىسىملىرىنى قارشى ئالىدۇ
خىتاي ئارمىيىسىنىڭ 'ھەربىي تېخنىكا' تور بېتىدە بايان قىلىنىشىچە، يېقىنقى بىر مەزگىل ئىچىدە، ئامېرىكىنىڭ ئافرىقا تۇمشۇقىدىكى چۆل -جەزىرىلەردە ئۆتكۈزگەن ھەربىي مەشىقلىرىنىڭ توپ ئاۋازلىرى، چاڭ توزانلىرى ۋە ئامېرىكا پەۋقۇلئادە قىسىملىرىنىڭ ۋاقىتسىز قۇرۇقلۇققا چىقىپ ھەرىكەت قىلىشى جىبۇتىلىقلار ئاڭلاپ، كۆرۈپ تۇرغان ئىدى. ۋاھالەنكى، ئامېرىكا قوشۇنلىرى ئافغانىستانغا كىرگەندىن كېيىن، ئافرىقا تۇمشۇقى تېررورچىلارنىڭ قورال-ياراق، پارتلاتقۇچ دورا ۋە باشقا كەڭ دائىرىلىك قىرغىنچىلىق ئەسلىھەلىرىنى يۆتكەيدىغان قاتناش يولىغا ئايلانغان ئىدى. بۇ قاتناش يولىدا، ئېفىئوپىيە بىلەن سومالىينىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان جىبۇتى جۇمھۇرىيىتى ناھايىتى سەزگۈر رايون، ئۇ ئەلقائىدىچىلەرنىڭ جەننىتى بولغان يەمەنگە ئىنتايىن يېقىن دۆلەت. شۇڭلاشقا، ئامېرىكا بۇ دۆلەتتىكى فرانسىيىنىڭ ھەربىي بازىىسىدىن پايدىلىنىپ ھەرىكەت قىلىشقا باشلىغان. خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، جىبۇتىلىقلار ھازىر ئەلقائىدىچىلەرگە بولغان ئۆچمەنلكىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ بۇ دۆلەتكە كېلىپ تېررورچىلىققا قارشى ھەرىكەت قىلىشىنى، ھەتتا بازا قۇرۇشىنى قارشى ئالىدۇ. (ۋەلى)
