ئامېرىكا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئەزالىقىغا ئىلتىماس قىلىدۇ

ئامېرىكا سابىق پرېزىدېنت جورج بۇش دەۋرىدە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئەزالىقىدىن چېكىنىپ چىققان ئىدى. لېكىن ئوباما ھۆكۈمىتى سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئەزالىقىغا قاتنىشىش ئىلتىماسىدا بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2009-04-01
Share
xillariy-Klinton-Asiya-305 ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻯ ﻫﯧﻠﻼﺭﯨﻲ ﻛﻠﯩﻨﺘﻮﻥ ﺑﯩﺮ ﻫﻪﭘﺘﯩﻠﯩﻚ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺯﯨﻴﺎﺭﯨﺘﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺋﯘ، ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﺭﯛﯞﯦﻠﯩﺶ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ.
AFP Photo

بۇ ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ بۇش دەۋرىدە يولغا قويۇلغان ئامېرىكا تاشقى سىياسىتىنى ئۆزگەرتىش يولىدىكى يەنە بىر زور قەدەملىرىنىڭ بىرىدۇر. ئانالىزچىلار ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ قارارى زور ئىلگىرىلەش، دەپ قارىماقتا.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى پرېزىدېنت بۇش دەۋرىدە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئىسرائىلىيىنى تەنقىد قىلىدىغان، لېكىن سۇدان ئوخشاش كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە كۆز يۇمۇدىغان ئورگانغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى سەۋەب قىلىپ، كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنى بايقۇت قىلغان ئىدى. لېكىن ئوباما ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى مەيدانىدا ئۆزگىرىش ياسىغانلىقىنى، بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنى بايقۇت قىلىش سىياسىتىگە خاتىمە بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا بولۇشنى قارار قىلغانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ سايلامغا قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھېللارى كلىنتون ۋە ئامېرىكىنىڭ ب د ت تىكى دائىمىي ۋەكىلى سۇزان رايس سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا بولۇپ، كېڭەشنىڭ ئاكتىپ بىر ئورگانغا ئايلىنىشىغا ياردەمدە بولۇشنى قارار قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى. كلىنتون خانىم باياناتىدا مۇنداق دېگەن: " كىشىلىك ھوقۇق ئامېرىكا تاشقى سىياسىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم ھالقىلىرىنىڭ بىرى. بىز كىشىلىك ھوقۇق خىتاپنامىسىنىڭ غايىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، باشقىلار بىلەن ب د ت كىشىلىك سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىمىز كېرەك." ئامېرىكىنىڭ ب د ت دىكى دائىمىي ۋەكىلى سۇزان رايس خانىم، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارغا كېلىشىدىكى سەۋەبىنى مۇنداق چۈشەندۈرگەن: " چۈنكى بىز ھەمكارلاشقان ۋاقتىمىزدىلا كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنى كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدايدىغان، كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بىر مۇنبەر قىلىپ قۇرۇپ چىقالايمىز."

بەزى ئانالىزچىلارنىڭ نەزىرىدە ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا بولۇش قارارى ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى سىياسىتىدىكى يېڭى ئۆزگىرىش. بۇ قاراشتىكى ئانالىزچىلارنىڭ بىرى ئامېرىكىدىكى خىتاي سىياسى ۋەزىيەت مۇتەخەسسىسى دوكتور فاڭ جۆي ئەپەندى. ئۇ، بۇ ئۆزگىرىشنى زۆرۈر، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. فاڭ جۆي مۇنداق دەيدۇ": مەن ئۆزگىرىشنى زۆرۈر، دەپ قارايمەن. چۈنكى خەلقئارا نۇقتىئىينەزەردىن قارىغاندا كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى دۇنيا خاراكتېرلىك بىردىن بىر كىشىلىك ھوقۇقى ئورگىنى شۇنداقلا ھەر قايسى دۆلەتلەر ئۆز ۋەكىللىرىنى ئەۋەتىدىغان بىردىن - بىر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى. بىزنىڭ ئۇنىڭ ئورنىنى باسالايدىغان 2 ‏- بىر ئورگاننى تېپىشىمىز ناھايىتى تەس. شۇڭا ئامېرىكا بۇ رېئاللىقنى كۆرۈپ يەتكەن. دېمەك بۇ، دۇنيانىڭ ھازىرقى رېئاللىقىدا ئۇنىڭ ئورنىنى باسالايدىغان تېخىمۇ ياخشى بىر ئورگان يوق، دېگەنلىكتۇر. شۇڭا ئەڭ ياخشىسى يەنىلا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە قاتنىشىش، دېگەن نۇقتىغا كەلگەن بولسا كېرەك."
 
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى 2006 - يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىلگەن. كىشىلىك ھوقۇقى كومىتېتى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىشەنچىسىنى يوقاتقان، ئىناۋىتى تۆكۈلگەن، ئېتىبارى قالمىغان ئەھۋالدا تارقىتىۋېتىلگەن بولۇپ، كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى بۇ جەھەتتىكى بوشلۇقنى تولدۇرىدۇ، دېگەن ئۈمىدلەر بىلەن قۇرۇلغان ئىدى. لېكىن ب د ت كىشىلىك ھوقۇقى ئورگىنىدىكى ئىسلاھات كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ مەزكۇر ئورگانغا ئەزا بولۇۋېلىشىنى توسىيالمىغان. بۇ ئەھۋاللار بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنى بايقۇت قىلىشىدىكى تۈپكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى ئىدى. ئەگەر ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا بولۇپ سايلانسا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ياخشىلىشىغا قانچىلىك تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ ؟

فاڭ جۆي ئەپەندى خۇ جىنتاۋ دەۋرىدە خىتاي كىشىلىك ھوقۇقى خاتىرىسى ۋە دېموكراتىيە ئىشلىرىدا يۈكسىلىش بولىدۇ، دەپ قارىمايدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇ " ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا جۇڭگونىڭ خۇ جىنتاۋ باشچىلىقىدىكى بۇ ئەۋلاد رەھبەرلىرى كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر بىلەن خەلقئارا جەمىيەت كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر ئوخشىمايدۇ. خەلقئارا جەمئىيەت جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى، كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان خەلقئارا تەسىر كۈچىنى قانداق ئىشلىتىدىغانلىقى ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدۇ. لېكىن خۇ جىنتاۋ باشچىلىقىدىكى رەھبەرلەرنىڭ قىزىقىدىغىنى بولسا جۇڭگونىڭ مۇقىملىقى، ئىقتىسادى تەرەققىيات، جۇڭگونىڭ قۇدرەتلىك دۆلەت بولۇشى.... مېنىڭ پەرىزىمچە خۇ جىنتاۋ ھاكىمىيەت سورايدىغان يىللاردا ئۆزىنىڭ نىشانىنى ئۆزگەرتىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تەلىپىگە جاۋاب بەرمەسلىكى مۇمكىن"، دەپ كۆرسەتتى.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىتىنىڭ رادىكاللىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن فاڭ جۆي ئەپەندى، يەنە خۇ جىنتاۋ دەۋرىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىدە ئۆزگىرىش بولىدۇ، دەپ قارىمايدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ رايوندىكى سىياسىتى يەرلىك ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىش ئاساسىدا يولغا قويۇلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ": جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ نۇقتىئىينەزىرىدىن ئېيتقاندا ئۇنىڭ شىنجاڭدا يولغا قويۇۋاتقان سىياسىتى ئاساسەن كونترولنى ئاساس قىلغان سىياسەتتۇر. ئۇلار ھېچقاچان شىنجاڭدىكى مىللى ئاپتونومىيىنى يەرلىك خەلقنىڭ ئۆز- ئۆزىنى ئىدارە قىلىش نۇقتىئىينەزىرىدە تۇرۇپ ئىسلاھ قىلىشنى ئويلىشىپ باقمىدى. ئۇلار كونترول قىلىشنى ئاساسى ئورۇنغا قويۇپ كەلمەكتە. ئىسلاھات بولسا ئۇلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نىشانىدىكى مەسىلە. شۇڭا مېنىڭچە خۇ جىنتاۋ دەۋرىدە جۇڭگونىڭ شىنجاڭ سىياسىتى ئۆزگەرمەسلىكى مۇمكىن."

ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا بولۇش قارارى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى دېموكراتلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن بولۇپ، ئاۋام پالاتا تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى خوۋارد بېرمان ھۆكۈمەتنىڭ قارارىنى قوللايدىغانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە ئۆز پىكىرىنى بايان قىلىدىغان ۋاقىت كەلدى، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر قارارى ئاۋام پالاتاسىدىكى بەزى جۇمھۇرىيەتچى ئەزالارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمىدى.

جۇمھۇرىيەتچى ئاۋام پالاتا ئەزاسى ئىلېئانا روس - لېتىنان، ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر قارارىنى قايتا ئويلىشىپ بېقىشىنى، كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ يېقىندىلا ئىسرائىلىيىگە قارشى بىر تەرەپلىمىلىك قارار ماقۇللىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت