ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى 'ئىككى نىزامنامە' ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلدى

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى يېقىندا ئۇيغۇر رايونىدا يولغا قويۇلغان "مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قانۇنى" ۋە "جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش قانۇنى"غا دائىر ئىككى پارچە دوكلات تەييارلىدى.
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2010-03-02
Share
Amerika-kongres-binasi-1-305 ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﭘﺎﺭﻻﻣﯧﻨﺖ ﺑﯩﻨﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺳﯩﺮﺗﻘﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
www.house.gov ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

كومىتېت دوكلاتىدا ئۇيغۇر رايونىدا يولغا قويۇلغان بۇ ئىككى قانۇننىڭ خىتاينىڭ باشقا ئۆلكىلىرىدە مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ھەرخىل زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق خەلقنىڭ تېنچلىق بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرىنى ۋە پىكىر ئەركىنلىكىنى قاتتىق باستۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. تۆۋەندە بۇ دوكلات ھەققىدە مۇخبىرىمىز ئىرادە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىدۇ.

خىتاي يەرلىك ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن تۈزۈپ چىققان "ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نىزامنامىسى" ۋە "ئاپتونوم رايوننىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش نىزامنامىسى"دىن ئىبارەت ئىككى نىزامىنى 1 - فېۋرالدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويغان ئىدى.

بۇ نۆۋەت يولغا قويۇلغان "مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نىزامنامىسى" دە، ھەر قانداق ئورگان ۋە شەخسنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىسىز گەپ - سۆزلەرنى قىلىشى، تارقىتىشى، توپلىشى، تەمىنلىشى، بېسىشى، ئېلان قىلىشى ياكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىسىز ئۇچۇرلارنى تارقىتىشى چەكلەنگەن. شۇنىڭدەك يۇقىرىقى قائىدىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش چارىسىگە ئاساسەن بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقى، جىنايەت شەكىللەندۈرگەن دەپ قارالغانلارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن يولغا قويۇلغان يەنە بىر "جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش نىزامنامىسى" بولسا ئەسلى 1994 - يىلى يولغا قويۇلغان. نىزامنامە1997 - يىلدىكى 5 - فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىدىن كېيىن بىر قېتىم ئۆزگەرتىلىپ 8 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 13 - يىغىندا قايتا ماقۇللانغان. بۇ نىزامنامە يەنە 2009 - يىلى 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن يەنە بىر قېتىم ئۆزگەرتىلىپ 2009 - يىلى 11 - ئاينىڭ 23 ‏ - كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 15 - يىغىنىدا تونۇشتۇرۇلغان ئىدى.

بۇ نۆۋەت جەمئىيەت ئامانلىقى نىزامنامىسىغا يېڭىدىن قوشۇلغان ماددىدا، پۇقرالارغا ئىنقىلابى قۇربانلىق شەرىپى بېرىش بەلگىلەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا پۇقرالار جەمئىيەت ئامانلىقىنى قوغداش ئۈچۈن، قانۇنسىز جىنايى قىلمىشلار بىلەن كۈرەش قىلىپ ئۆلۈپ كەتكەن تەقدىردە، ئۇلارغا دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن ئىنقىلابى قۇربانلىق نامى بېرىلىپ، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ نەپىقە بىلەن تەمىنلىنىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن.

بۇ قېتىم تۈزىتىلىپ بېكىتىلگەن "جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش نىزامنامىسى" جەمئىي 7 باب، 48 ماددىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بۇ نىزامنامە ھۆكۈمەت، ھەربىي، ئىجتىمائىي بىرلىك، ئىدارە -ئورگان ۋە خەلق ئاممىسىغا قارىتا چىقىرىلغان.

نىزامنامىدە، جەمئىيەت مۇقىملىقنى قوغداشقا، قانۇن - ئەدلىيە، ھەربىي - ساقچى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ھەر دەرىجىلىك ئاپپاراتلىرىغا تايانغاندىن سىرت، ئىدارە - ئورگان، كوچا - باشقارما، مەھەللە، مائارىپ تارماقلىرى، ئاياللار بىرلەشمىسى، ھەر دەرىجىلىك ئىتتىپاق جەمئىيەتلىرى، دىنىي ساھە، زاۋۇت - كارخانىلار ئىشلەپچىقىرىش سەپلىرى، ئىشچى - دېھقانلار ۋە ئادەتتىكى پۇقرالارغىچە ئورتاق قاتنىشىش تەلەپ قىلىنغان.

بۈگۈن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى ئۇيغۇر رايونىدا 1 - فېۋرالدىن ئېتىبارەن يولغا قويۇلغان مەزكۇر ئىككى نىزامنامە ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ دوكلات ئېلان قىلدى. كومىتېت دوكلاتىدا دوكلاتنى قۇرمۇ - قۇر ئىنچىكىلەپ چىققان بولۇپ، "جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش نىزامنامىسى" دا يولغا قويۇلغان بەلگىلىمىلەرنىڭ خىتاينىڭ باشقا ئۆلكىلىرىدە يوقلۇقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ھەر تەرەپلىمە تۈزەش نىزامنامىسى ئارقىلىق ئۇيغۇر رايونىدىكى خەلقلەرنىڭ تېنچلىق پائالىيەتلىرىنى، پىكىر ئەركىنلىكىنى ۋە نورمال دىنىي پائالىيەتلىرىنىمۇ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ جازالاۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى يەنە، "مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نىزامنامىسى" ھەققىدە ئېلان قىلغان دوكلاتىدا يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نىزامنامىسىنى ئۇيغۇر رايونىدىكى ھەر دەرىجىلىك ئىدارە - ئورگان، ھەر قاتلامغىچە ھەتتا يەسلى بالىلىرىغىچە ئومۇملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن ۋە بۇ نىزامنامىنىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق نىزامنامىلىرىغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىقىنى كۆرسىتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نىزامنامىسى ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ يەرلىك مەسىلىلەر، كومپارتىيىنىڭ مىللىي سىياسىتىگە دائىر تەنقىدىي پىكىرلەرنى توساش ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىنى ئېغىر دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى، خىتاينىڭ دۆلەت ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى كۆزىتىپ، تەتقىق قىلىپ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمىتىگە تەكلىپ ۋە ھەل قىلىش چارىلىرى ئۈستىدە مەسلىھەت بېرىدىغان مۇھىم دۆلەت ئاپپاراتى بولۇپ، بۇ كومىتېت ھەر يىلى خىتاي ئىشلىرى ھەققىدە يىللىق دوكلاتلار ئېلان قىلىپ ھەمدە بۇ خىلدىكى دوكلاتلىرىدا ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىگىمۇ ئالاھىدە ئورۇن بېرىپ كەلمەكتە.

ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلشات ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدا يولغا قويۇلغان ئىككى يەرلىك نىزامنامىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە تەتقىق قىلىنىپ، دوكلات ئېلان قىلىنىشى ئىجابىي بىر ئەھۋال بولۇپ، بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىنىڭ ماھىيىتىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.

ئىلشات ئەپەندى سۆزىدە يەنە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى ئېلان قىلغان بۇ خىل دوكلاتلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگىمۇ بەلگىلىك بېسىم پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت