ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرقنىڭ نېفىتىگە تايىنىشنى ئازايتىش ئۈچۈن، قايتىدىن كانادا نېفىتىگە دىققەت قىلىشقا باشلىدى. كانادانىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن باش مىنىستىرى ستېفېن خارپەرمۇ نېفىتلىكلەرنى ئېچىش ۋە ئىقتىسادنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئامېرىكا بىلەن رەسمىي سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تەيارلانماقتا. ئامما مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا، كانادا نېفىت ساھەسىگە كىرمەكچى بولسا، ھىندىستان بىلەن خىتاينىڭ خىرىسىغا دۇچ كېلىدىكەن.
كانادا نېفىتى ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق نېفىتىگە تايىنىشنى ئازايتىشىغا ياردىمى بار
ئامېرىكا ئېنېرگىيە مىنىستىرلىگىگە قاراشلىق ئېنېرگىيە ئۇچۇرلىرى ئورگىنىنىڭ بۇ ئاينىڭ بېشىدا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، كانادا نېفىتىنىڭ ئامېرىكىنىڭ كەلگۈسى 20 يىل ئىچىدە ئوتتۇرا شەرقتىن ئىمپورت قىلىدىغان نېفىتنى 50% ئازايتىشىغا، شۇنداقلا ئامېرىكا پرېزىدېنتى بۇش ئوتتۇرىغا قويغان 2025- يىلى ئوتتۇرا شەرقتىن ئىمپورت قىلىدىغان نېفىتنى 75% ئازايتىش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ياردىمى بولىدىكەن.
كانادا تەبىئى بايلىقلار مىنىستىرلىگىنىڭ ماتېرىيالىغا قارىغاندا، كانادانىڭ ئالبېرتا ئۆلكىسىدىكى نېفىتنىڭ زاپاس مىقتارى 179 مىليارد ۋارىل بولۇپ، كانادا سەئۇدى ئەرەبىستاندىن قالسا 2-چوڭ نېفىت دۆلىتى ھېسابلىنىدىكەن. كانادا نېفىتلىگىنىڭ كۆپلىرى تەخى ئېچىلمىغان ۋە كول تەگمىگەن نېفىتلىكلەر ئىكەن. ئامېرىكىنىڭ ئېنېرگىيە ئۇچۇرلىرى ئورگىنىنىڭ دوكلاتىدىمۇ بۇ سانلىق مەلۇماتلار تىلغا ئېلىنغان.
كانادا ئامېرىكىنىڭ ئۆز نېفىتلىكىگە مەبلەغ سېلىشىنى خالايدۇ.
رەئۇتەرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولىشىچە، نېفىت بازىسىدىن كېلىپ چىققان كانادانىڭ يېڭى باش مىنىستىرى ستەپھەن خارپەر، يېڭى ئېنېرگىيە مەنبەلىرىگە مەبلەغ سەلىپ، ئىقتىسادنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئامېرىكا تەرەپ بىلەن سۆھبەتلىشىشكە باشلىغان. ،بۇ ئاگېنتلىقنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كانادا تەرەپ ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنى ئېچىشتىن ئىبارەت ئاساسلىق ھوقۇقنى ئامېرىكا شىركەتلىرىگە بېرىشنى ئويلايدىكەن. ھازىر كانادا ھەر كۈنى ئامېرىكىغا ئەخپورت قىلىۋاتقان نېفىت 1 مىليون 600 مىڭ ۋارىل ئەتراپىدا بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ ھەر كۈنى ئوتتۇرا شەرقتىن كىرگۈزىدىغان نېفىتى مىقتارى بولسا، 6 مىليون ۋارىل ئىكەن.
كانادادىكى ئېنېرگىيە مەسلىھەت بېرىش ئورگىنىنىڭ ئېنېرگىيە مۇتەخەسسىسى Michail Cron نىڭ بىلدۈرۈشۈشىچە، خىتاي بىلەن ھىندىستان ئالبەرتا نېفىتلىگىنى ئېچىشقا ئاللا بۇرۇنلا قول تىققانلىقى ئۈچۈن كەلگۈسىدە ئالبەرتا ئۆلكىسىدىكى نېفىتلىكنى ئامېرىكىدىن ئىبارەت بىر دۆلەتلا كونترول قىلالمايدىكەن. نېفىت مۇتەخەسسىسى Cron مۇنداق دەيدۇ:
نېفىت ۋە تەبىئى گازنى تالىشىپ سېتىۋېلىش دولقۇنى كۆتۈرۈلگەندىن كېيىن كانادانىڭ ئېنېرگىيە شىركەتلىرى بارغانسىرى چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ سېتىۋېلىش نىشانىسىغا ئايلانماقتا. سېتىۋالغۇچىلار ئىچىدە ئامېرىكا، ياۋروپا ۋە خىتاي شىركەتلىرى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. ئامما مۇتەخەسسىس Cron نىڭ تەكىتلىشىچە، ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ كانادا ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنى ئېچىشقا قاتنىشىشى -- بىخەتەرلىك نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، يەنىلا كانادا ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەن. كانادا پۇقرالىرى، كانادانىڭ ئېنېرگىيە شىركەتلىرىنى بىر پارتىيە دېكتاتورلىقىدىكى خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىركەتلىرىنىڭ سېتىۋېلىشىغا ئەندىشە بىلەن قارايدىكەن. ھەتتا ئۇلار بۇ خىل سودىغا قارشى تۇرىدىكەن. ئالدىنقى يىلى كانادانىڭ دۇنيا بويىچە 3-ئورۇندا تۇرىدىغان رەڭلىك مەتال شىركىتى نوراندانى خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى مېتاللورگىيە شىركىتى سېتىۋالماقچى بولغاندا، كانادا جامائىتىنىڭ كۈچلۈك بېسىمى بىلەن بۇ سودا توختىتىپ قۇيۇلغانىدى.
كانادانىڭ بۇرۇنقى ھۆكۈمىتى ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەت يىرىكلەشكەندىن كېيىن ئېنېرگىيە مەسىللىرىدە خىتاي بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولغانىدى.
كانادا خىتاي بىلەن ئېنېرگىيە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، ئىككى تەرەپ ئالبەرتا ئۆلكىسىدىن شىمالىدىكى پورت-- ۋانكوۋېرغا تۇتىشىدىغان نېفىت ئاققۇزۇش تۇرۇبىسىنى قۇرۇپ چىقىشقا قوشۇلغان. بۇنىڭ بىلەن نېفىت بازىسى بولغان ئالبەرتادىن خىتايغا دېڭىز ئارقىلىق نېفىت توشۇش يولى ئېچىلغانىدى.
كېيىنكى ۋاقىتلاردا ھىندىستانمۇ كانادانىڭ نېفىت مەنبەلىرىگە بارغانسىرى قىزىقماقتا. يېقىندا ھىندىستان كېلەر يىلى ئالبەرتادىكى نېفىت قۇدۇقلىرىنى ئېچىشقا بىر مىليارد دوللار مەبلەغ سالىدىغانلىغىنى ئېلان قىلدى.
ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىن كىرگۈزىدىغان نېفىتنى ئازايتماقچى بولىشى كانادا ئۈچۈن پۇرسەت
ئامېرىكا ئېنېرگىيە ئۇچۇر ئورگىنىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، 20 يىلدىن كېيىن ئالبەرتادىن چىقىدىغان نېفىتنىڭ كۈندىلىك مەھسۇلات مىقتارى 3 مىليون 200 مىڭ ۋارىلغا يېتىدىكەن. ئامما ئالبەرتادىكى ئېنېرگىيە ۋە ئاممىۋى خىزمەتلەر كومىتېتىنىڭ مۇتەخەسسىسى بارتېلنىڭ قارىشىچە، بۇ مۆلچەرگە ئانچە توغرا ئەمەسكەن. ئەگەر تېخىمۇ كۆپلەپ مەبلەغ سېلىنسا، مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرغىلى، ھەمدە ھەرقايسى تەرەپنىڭ تەلىپىنى قاندۇرغىلى بولىدىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:
بىزنىڭ ئالبەرتادىكى نېفىت ئاققۇزۇش تورۇبا سىستېمىسىنىڭ ئۇزۇنلىقى 200 مىڭ كىلومېتىرغا يېتىدۇ . بۇ كوپەيتىپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان نېفىتنى توشۇشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ ئۇنىڭ قارىشىچە، ئەگەر ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىدىن كىرگۈزىدىغان نېفىتنى ئازايتىپ، بۇنى كانادا نېفىتى ئارقىلىق تولۇقلىماقچى بولسا، كانادا بۇنىڭ ھۆددىسىدىن تامامەن چىقالايدىكەن. ھەمدە بۇ كانادانىڭ نېفىت سانائىتى ئۈچۈن ئىنتايىن ياخشى پۇرسەت ھېسابلىنىدىكەن.
خىتاي ئامېرىكىنىڭ ئەڭ چوڭ رىقابەتچىسى
ئامما كانادا مەتبۇئاتلىرىدا ئېنېرگىيىگە بولغان تەلەپ شىددەت بىلەن ئېچىۋاتقان ۋە نېفىت باھاسى بارغانسىرى ئۆرلەۋاتقان مۇنداق بىر پەيتتە ئامېرىكىنىڭ نىمە ئۈچۈن ئوتتۇرا شەرق نېفىتىدىن ۋاز كەچمەكچى بولغانلىغى ۋە ئۇ يەردىكى نېفىتنى ئۆزىنىڭ رىقابەتچىسى بولغان خىتايغا تاشلاپ بېرىدىغان بەرمەيدىغانلىغى ھەققىدە مۇنازىرىلەر ئېلىپ بېرىلماقتا.
1993 –يىلىدىن باشلاپ نېفىت ئىمپورت قىلىشقا باشلىغان خىتاي ھازىر ئامېرىكىدىن قالسا دۇنيادا 2-چوڭ نېفىت ئىستىمال قىلىدىغان دۆلەتكە ئايلاندى. 2000-يىلىدىن باشلاپ دۇنيادا نېفىتكە بولغان تەلەپ 40% كۆپەيدى. ئېنېرگىيە ئىستىمال قىلىشتا دۇنيادا 6-چوڭ دۆلەت بولغان ھىندىستان ھام نېفىتنىڭ 66% سىرتتىن ئىمپورت قىلىشقا، خىتاي بولسا 33% تىنى چەتئەلدىن كىرگۈزۈشكە تايىنىدۇ. شۇڭا ئامېرىكا خىتايغا نىسبەتەن ئېنېرگىيىدە قامال قىلىش سىياسىتى يۈرگۈزۈپ كەلگەن بولۇپ، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئېنېرگىيە مەسىلىسىدە توقۇنۇش يۇز بېرىش ئەھتىماللىغى بارغانسىرى چوڭايماقتا. (كامىل تۇرسۇن)