
ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش، يەكشەنبە كۈنى بېلگىيىنىڭ پايتەختى بريۇسسېلغا يېتىپ كېلىپ، ياۋروپاغا قاراتقان 5 كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلىۋەتتى.
بۇش: ياۋرۇپا بىلەن شىمالىي ئامېرىكا دۇنيا بىخەتەرلىكىنىڭ ئاساسلىق تايانچ كۈچى
پرېزىدېنت بۇش ياۋرۇپا ئىتتىپاقى ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش شىتابى بريۇسسېلدا ياۋرۇپا ئىتتىپاقى ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدە تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىرىگە، ئاتلانتىك ئوكياندىن ھالقىغان ئىتتىپاقلىق قەدىمىنى باشلاش دەۋرىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكى ھەققىدە توختىلىپ " ياۋرۇپا بىلەن شىمالىي ئامېرىكا دۇنيا بىخەتەرلىكىنىڭ ئاساسلىق تايانچ كۈچى" دەپ كۆرسەتتى.
جورج بۇش سۆزىدە، دۇنيا تىنچلىقى ۋە دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئامېرىكا بىلەن ياۋرۇپا ئىتتىپاقى ئارىسىدىكى دوستلۇقنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى ھەمدە ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق تېنچلىق پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ قوللىشىغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
جورج بۇش بۇ ھەقتە ئوتتۇرىغا قويغان نۇتقىدا، پەلەستىن - ئىسرائىلىيە توقۇنۇشنى توختىتىش، نۆۋەتتىكى مۇھىم نىشاننىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە يەنە ياۋرۇپا ئىتتىپاقىدىكى بىر قىسىم رەھبەرلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا- ياۋرۇپا مۇناسىۋىتىنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختالغان جورج بۇش يەنە، ياۋرۇپانىڭ ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ پۈتكۈل دۇنيادا ئەركىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقى ئۈچۈن، ئىرادىلىك بىر ھەمراھنىڭ كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ : " بىزنىڭ دوستلىقىمىز پۈتۈن يەر شارىنىڭ تىنچلىقى، روناق تېپىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، ھەر قانداق ۋاقىتلىق ئىختىلاپ، ھۆكۈمەتلەر ئارىسىدا بۇنىڭدىن ئىلگىرى يۈز بەرگەن زىددىيەتلەر ۋە دۇنيادىكى ھېچقانداق كۈچ بىزنى ئايرىۋىتەلمەيدۇ" دېدى.
ئىراقنى توغرا سىياسەت، ئىقتىساد ۋە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى بىلەن تەمىنلەش كېرەك
جورج بۇش، ياۋرۇپا بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدا ئىراق مەسىلىسىدە يۈز بەرگەن ئانچە - مۇنچە ئىختىلاپلارنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ھازىر دۇنيادا ئەڭ يېڭى ھېسابلانغان دېموكراتىك بىر ئىراقنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى، ئەمدىلىكتە يېڭىدىن قۇرۇلغان بۇ ئىراقنى توغرا سىياسەت، ئىقتىساد ۋە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى بىلەن تەمىنلەش كېرەكلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
بۇ ئارىدا ئامېرىكىنىڭ ياۋرۇپا ئىتتىپاقىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى، پرېزىدېنت بۇشنىڭ ئىككىنچى قېتىم ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەندىن كېيىن تۇنجى قېتىم ياۋرۇپا ئىتتىپاقىدا ئېلىپ بارغان زىيارىتىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ۋە ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مەزكۇر زىيارەت ۋە پرېزىدېنت بۇشنىڭ ياۋرۇپا بىلەن بولغان مۇناسىۋەت ھەققىدە بىلدۈرگەن كۈچلۈك ۋە ئېنىق ئىپادىسىنىڭ كەلگۈسى ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپا مۇناسىۋىتىگە يېڭى بىر ھاياتى كۈچ بېغىشلايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
جورج بۇشنىڭ ياۋرۇپا ئىتتىپاقىدا ئېلىپ بارىدىغان بەش كۈنلۈك زىيارىتى مۇناسىۋىتى بىلەن، ياۋرۇپا ئىتتىپاقى بريۇسسېلدا 2 مىڭ 500 ساقچىنى ھەمدە ئامېرىكىنىڭ 250 نەپەر ئالاھىدە بىخەتەرلىك خادىملىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، زىيارەت داۋامىدىكى بىخەتەرلىك خىزمەتلىرىنى ئىشلىدى.
بۇ ئارىدا يەنە، جورج بۇشنىڭ زىيارىتىگە نارازى بولغان نەچچە مىڭلىغان نامايىشچىلار، بۇش بېلگىيىگە يېتىپ كېلىشى بىلەن تەڭ، بريۇسسېل شەھەر مەركىزىدە نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى.
جورج بۇش، بريۇسسېلدىكى ئۈچ كۈنلۈك زىيارىتىدە ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچراشقاندىن سىرت، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدە تەشكىلاتىنى زىيارەت قىلىدۇ، ئۇ سەيشەنبە ۋە چارشەنبە كۈنلىرى يەنە فرانسىيە پرېزىدېنتى جەك شىراك، ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى توني بېلەيېر ۋە گېرمانىيە باش مىنىسىتىرى گېرخارد شۇرۇدېرلەر بىلەن ئۇچرىشىدۇ. پرېزىدېنت بۇش پەيشەنبە كۈنى سلوۋاكىيىدە ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتى داۋامىدا رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن ئۇچراشماقچى. (ئەقىدە)