
ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش ياۋروپادىكى سەپىرىنىڭ 3 - كۈنى گېرمانىيىنى زىيارەت قىلىپ، باش مىنىستىر گېرخارد شرۆدىر بىلەن ئىراق ئۇرۇشى شۇنداقلا ئىران مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىككى دۆلەت مەنپەئەتىگە ئالاقىدار خەلقئارا مەسىلىلەر بويىچە ئورتاق چۈشەنچە ھاسىل قىلدى. بىراق خىتايغا قارىتىلغان قورال - ياراق ئىمبارگوسىنى ساقلاپ قېلىش مەسىلىسىدە ياۋروپالىقلارنى قايىل قىلالمىغان.
ئىراننىڭ يادرو قوراللىرىغا ئېگە بولۇشىغا يول قويۇلمايدۇ
يادرو قوراللار مەسىلىسى بويىچە ئىراننى ئاگاھلاندۇرغان پرېزىدېنت بۇش بىلەن گېرمانىيە باش مىنىستىرى شرۆدىر، ئىراننىڭ يادرو قوراللارغا ئىگە بولۇشىغا يول قويۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ پرېزىدېنت بۇشنىڭ ئىراق ئۇرۇشى باغلانغان ئىككى يىلدىن بېرى تۇنجى قېتىم گېرمانىيىنى زىيارەت قىلىشى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. گېرمانىيە بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ ئىراقنى ئىشغال قىلىش قارارىغا قارشى چىققان. ئامېرىكا پرېزىدېنتى بىلەن گېرمانىيە باش مىنىستىرى، يۇقىرىقى سۆزلەرنى چارشەنبە كۈنى گېرمانىيىنىڭ مېينىز شەھىرىدە ئۇچراشقاندىن كېيىن ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا تەكىتلىدى.
بۇش مۇنداق دەيدۇ: " ئىران، بىخەتەرلىك ۋە تىنچلىق ئۈچۈن يادرو قوراللارغا ئىگە بولماسلىقى كېرەك. بۇ جەھەتتە ئەنگىلىيە، فرانسىيە، ئىتالىيە، گېرمانىيە ۋە ئامېرىكىلار ئورتاق پىكىرىگە ئىگە."
ئىران، بىخەتەرلىك ۋە تىنچلىق ئۈچۈن يادرو قوراللارغا ئىگە بولماسلىقى كېرەك. بۇ جەھەتتە ئەنگىلىيە، فرانسىيە، ئىتالىيە، گېرمانىيە ۋە ئامېرىكىلار ئورتاق پىكىرىگە ئىگە." مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
پرېزىدېنت بۇش، خەلقئارا جەمئىيەت ئىراننىڭ يادرو قوراللارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا بولمايدىغانلىقىنى ئورتاق بىر تىل بىلەن بىلدۈرۈشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:
" بىز دوستلىرىمىز بىلەن موللىلارنىڭ يادرو قوراللاردىن ۋاز كېچىشى كېرەكلىكىنى چۈشۈنىۋېلىشى ئۈچۈن بىرگە ھەرىكەت قىلىمىز. كىشىلەرگە شۇ ئەسكەرتمەكچىمەنكى دىپلوماتىيىمىز ئەمدى باشلاندى. ئىران بولسا ئىراق ئەمەس،" دەپ كۆرسەتتى.
شرۆدىر، ئىران مەسىلىسىدە پرېزىدېنت بۇش بىلەن ئوخشاش قاراشقا ئىگىلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ، " بىز ئىراننىڭ ھەر قانداق تىپتىكى يادرو قوراللارنى رەت قىلىشى كېرەكلىكىگە قوشۇلىمىز،" دەپ كۆرسەتتى.
<ئامېرىكا ئامما ھەر قانداق يولنى سىناپ كۆرۈشتىن يانمايدۇ
پرېزىدېنت بۇشنىڭ تەكىتلىشىچە، خەلقئارا جەمئىيەت تېھراننى يادرو قوراللار پىلانىدىن ۋاز كېچىشكە ئىزچىل تۈردە ئۈندەيدىكەن. پرېزىدېنت بۇش سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا ھۇجۇم قىلىش نىيىتى يوقلىقىنى، ئامما ھەر قانداق يولنى سىناپ كۆرۈشتىن يانمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. بۇش، مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئامېرىكا - گېرمانىيە مۇناسۋىتىنىڭ ساغلاملىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: " باش مىنىستىر شرۆدىر بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمدە ش ئا ئو ئە ت نىڭ مۇھىملىقىنى يەنە بىر قېتىم مۇئەييەنلەشتۈردۇق."
شرۆدىر، مېينىزدا ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتنىڭ سەل ئالدىدا ئامېرىكا بىلەن گېرمانىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپلارنىڭ ئۆتمۈشكە ئايلانغانلىقىنى ئېلان قىلغان. پرېزىدېنت بۇشنىڭ ياۋروپادىكى زىيارىتىنىڭ مەقسىدى ئىراق ئۇرۇشى سەۋەبىدىن بۇزۇلغان ياۋروپا - ئامېرىكا مۇناسۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بولۇپ، ئىمبارگو مەسىلىسى زىيارەت كۈنتەرتىپىنىڭ بىر قىسىمىنى ئىگىلىدى.
خىتايغا قارىتىلغان قورال ئىمبارگو مەسىلى
پرېزىدېنت بۇش، بريۇسېلدا ئامېرىكىنىڭ ئىمبارگو مەسىلىسىدىكى ئەندىشىلىرىنى تىلغا ئالغان. بۇش، ئامېرىكىنىڭ قورال - ياراق ئۆتۈنۈپ بېرىش شۇنداقلا خىتايغا تېخنىكا ئېكسپورت قىلىش مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ خىتاي بىلەن تەيۋەن ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر تەڭپۇڭلىقىنى ئۆزگەرتىۋېتىشى مۈمكىن،" دەپ تەكىلىگەن.
فرانسىيە پرېزىدېنتى جاك شراك، ئىمبارگونى بىكار قىلىش قارارىنى ئاقلاپ، ئۇ، قورال - ياراق ئىمبارگوسى تيەنئەنمىن ۋەقەسىنىڭ مەھسۇلى، دەپ كۆرسەتكەن. پرېزىدېنت بۇش، ياۋروپا دۆلەتلىرى ئىمبارگونى بىكار قىلماقچى بولسا، ئالدى بىلەن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنى قايىل قىلىشىغا توغرا كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى بەزى ئەزالار، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىمبارگونى بىكار قىلسا، ئۆچ ئېلىش خاراكتىرلىك قانۇن چىقىرىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان. (ئەركىن)