ئامېرىكا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەربىي بازىلىرىنى چېكىندۈرمەيدۇ


2005.07.26
KYRGYZSTAN-US-BAKIYEV-RU-69.jpg
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى دونالد رامسفېلد قىرغىزىستان پرېزىدېنتى قۇرمانبېگ باقىيېف بىلەن بېشكەكتە. AFP

تاجىكىستاندا زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى دونالد رامسفېلد، تاجىكىستان دائىرىلىرىنىڭ ئامېرىكا تاجىكىستان ھاۋا تەۋەسى ۋە ھەربىي ئەسلىھەلىرىنى داۋاملىق ئىشلەتسە بولىدۇ، دېگەن ۋەدىسىگە ئېرىشتى.

تاجىكىستان ئامېرىكا بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىشىدۇ

رامسفېلد سەيشەنبە كۈنى پايتەخت دۈشەنبىدە تاجىكىستان پرېزىدېنتى ئىمام ئەلى راخمانوۋ بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردى.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇلارنىڭ سۆھبىتى ئامېرىكا - تاجىكىستان ھەربىي ھەمكارلىقىنى ئاساسى تېما قىلغان. تاجىكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تالباخ نازاروۋ، ئامېرىكا ۋە فرانسىيە ھەربىي ئايروپىلانلىرىنىڭ ئۇچۇش ۋە تاجىكىستاندا ماي قاچىلاش مەشغۇلاتى توغرىسىدا توختىلىپ، " تاجىكىستان خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تەلىپىنى نەزەردە تۇتۇپ كەلدى ۋە شۇنداق قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ،" دەپ تەكىتلىگەن.

دونالد رامسفېلد، تالباخ نەزەروۋ بىلەن ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، " بىز ئىككى دۆلەت يەر شارى خاراكتېرلىك دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش شۇنداقلا ئافغانىستاندا مۇقىملىقنى ۋە تىنچلىقنى ئورنىتىش يولىدىكى مۇستەھكەم شېرىكلەر،" دەپ كۆرسەتتى.

تالباخ نەزەروۋ، ئامېرىكا باشچىقىلىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلەرنىڭ ئافغانىستاندا تالىبان ھاكىمىيىنى ئاغدۇرۇش ھەرىكىتى " ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا كېلىۋاتقان تەھدىتنى بىكار قىلدى،" دەپ تەكىتلىگەن.

رامسفېلد : ئامېرىكا ئەسكەرلىرى يۈك - تاقىلىرىنى يىغىشتۇرمىسىمۇ بولىدۇ

7 - ئاينىڭ باشلىرىدا قىرغىز ۋە تاجىكىستانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شاڭخەي گۇرۇھىدىكى دۆلەتلەر، خىتاي بىلەن رۇسىيىنىڭ باشچىلىقىدا ئامېرىكىنى ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستاندىكى ھەربىي بازىرىلىرىنى تاقىۋېتىشكە چاقىرغان.

رامسفېلد تاجىكىستانغا كېلىش ئالدىدا بېشكەكنى زىيارەت قىلىپ، قىرغىزىستان دائىرىلىرىنىڭ ئامېرىكا قىسىملىرىنى داۋاملىق بازا بىلەن تەمىنلەش توغرىسىدىكى ۋەدىسىگە ئېرىشكەن.

رامسفېلد، مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بېشكەكتىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىسىنىڭ كېلەچىكى توغرىسىدا ئىپادە بىلدۈرۈشنى رەت قىلدى. رامسفېلد، " بۇ مەسىلە قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىنىڭ قارارىغا باغلىق،" دەپ كۆرسەتتى. رامسفېلد ، تاجىكىستانغا قاراپ يولغا چىققاندا ئايروپىلاندىكى ھەربىي خادىملارغا، بۇ يەردىكى ئامېرىكا قىسىملىرى يۈك - تاقلىرىنى پات يېقىندا يىغىشتۇرۇشنى ئويلاشمىسىمۇ بولىدۇ، دەپ تەكىتلىگەن.

ئامېرىكا قىرغىزىستاندىكى بازىنى ئافغانىستاندىكى ۋەزىيەت ئۆزگەرگىچە ئىشلەتسە بولىدۇ

قىرغىزىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئىسمايىل ئىساقوۋ، ئامېرىكا قىرغىزىستاندىكى " بازىنى ئافغانىستاندىكى ۋەزىيەت ئۆزگەرگىچە ئىشلەتسە بولىدۇ،" دېدى.

بۇ ئاينىڭ باشلىرىدا قىرغىزىستان پرېزىدېنتى قۇرمانبېگ باقىيېۋ، ئامېرىكىنىڭ قىرغىزىستاندىكى قوشۇنلىرىنى چېكىندۈرۈش قەرەلىنى بېكىتىش ۋاقتى كېلىپ قالغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئەمما ئىساقوۋ، سەيشەنبە كۈنى رامسفېلد بىلەن ئۆتكۈزگەن بېشكەكتىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، " ئافغانىستان ۋەزىيىتى مۇقىملاشسا بۇ يەردىكى بازىغا ئېھتىياج قالمايدۇ. مەن رامسفېلد ئەپەندىنىڭ ئافغانىستاندىكى ۋەزىيەت مۇقىملىقتىن يىراق، دېگەن كۆز قارىشىغا قوشۇلىمەن،" دەپ ئەسكەرتكەن. رامسفېلد، " ئۇلار بىزنىڭ ئافغانىستاندا قىلىۋاتقان ئىشىمىزنىڭ ئەھمىيىتىنى چۈشىنىدۇ. مەن مۇناسىۋىتىمىزنىڭ بۇرۇنقى تەرتىپ بويىچە داۋاملىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن،" دېدى.

رامسفېلد : قىرغىزىستاندىكى سايلام ئادىل ۋە ئەركىن ئۆتكۈزۈلدى

رامسفېلد پرېزىدېنت باقىيېۋنىڭ سايلامدا غەلىبە قىلغانلىقىنى تەبرىكلەپ، قىرغىزىستاندىكى سايلام خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ نازارىتى ئاستىدا ئادىل ۋە ئەركىن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ماناس ئايرودرۇمىنىڭ ئىجارىسى قىرغىزىستاننى يىلدا 50 مىليون دوللار ئىقتىسادى كىرىمگە ئېرىشتۈرمەكتە. ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، رامسفېلد، پرېزىدېنت باقىيېۋ ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئىساقوۋلارغا ئافغانىستاندا ھەربىي ھەرىكەتنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكى شۇنداقلا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بازىلارغا ئىھتىياجى بارلىقىنى چۈشەندۈرگەن.

ئامېرىكا ئۆزبېكىستاننى تەركئەتسە ئافغانىستاندىكى ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋېرىدۇ

رامسفېلدنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىدىكى زىيارىتى چارشەنبە كۈنى ئاخىرلىشىدۇ. بۇ رامسفېلدنىڭ قىرغىزىستاننى يېقىنقى 4 ئاي ئىچىدە 2 - قېتىم زىيارەت قىلىشىدۇر.

رامسفېلد، دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكا ئۆزبېكىستاندىكى ھەربىي بازىسىنى تەرك ئەتكەن ئەھۋالدا، ئافغانىستاندىكى ھەربىي ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋېرىدۇ، دەپ تەكىتلىگەن.

ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ 13 - مايدا يۈز بەرگەن ئەنجاندىكى خەلق ئىسيانىنى باستۇرۇش ھەرىكىتى ئامېرىكىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن، كەرىموف ھۆكۈمىتى ئامېرىكا قوشۇنلىرىنىڭ خانئاباد ھاۋا ئارمىيە بازىسىدىكى ئۇچۇش مەشغۇلاتىغا چەكلىمە قويغان. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.