رايىس: خوڭكوڭنىڭ سىياسى تەقدىرىنى خوڭكوڭلۇقلار ھەل قىلىشى كېرەك


2005.12.01

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندىلىزا رايىس، ئىككى كۈن ئىلگىرى ۋاشىنگتوندا خوڭكوڭ پارلامېنتىدىكى دېموكراتىك كۈچلەرنىڭ لى جۇمىڭ ۋە شەن جوڭكەي قاتارلىق ۋەكىللىرىنى قوبۇل قىلىپ، خوڭكوڭدا دېموكراتىك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغاندىن كېيىن، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى پەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، " خوڭكوڭ مەسىلىسى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشى. بىز ھەر قانداق چەتئەللىكنىڭ ئىچكى ئىشلىرىمىزغا ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرىمىز،" دېدى.

لى جۇمىڭ باشچىلىقىدىكى دېموكراتىك كۈچلەرنىڭ 4 كىشىلىك ۋەكىللەر ئۆمىكى " خوڭكوڭ خەلقىنىڭ دېموكراتىيىگە بولغان تەلىپىنى قوللاشقا ئىگە قىلىش مەقسىتى بىلەن دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىشقا باشلىغان. دېموكراتىك كۈچلەر 2007 ۋە 2008 - يىللىرىدا ياكى 2012 - يىلغىچە خوڭكوڭ پارلامېنت ئەزالىرى ۋە مەمۇرىي ئەمەلدارىنى ئومۇمى سايلام ئارقىلىق سايلاشنى تەلەپ قىلماقتا.

خىتاي ھۆكۈمىتى نېمىشقا قورقىدۇ؟

لى جۇمىڭ چارشەنبە كۈنى ۋاشىنگتوندا خوڭكوڭ ئالاھىدە رايون مەمۇرىي ئەمەلدارى زېڭ يىڭچۈئەننى " خوڭكوڭ خەلقىنىڭ كۈچلۈك ئارزۇسىنى بېيجىڭغا يەتكۈزەلمىدى،" دەپ ئەيىبلىدى. ئۇ، " خوڭكوڭ خەلقىنىڭ ئارزۇسىنى تىنچ يىغىلىشلار ئارقىلىق بېيجىڭ رەھبەرلىرىگە بىزنىڭ دېموكراتىيە تەلەپ قىلىدىغانلىقىمىز ۋە ئۇنىڭغا لايىق ئىكەنلىكىمىزنى يەتكۈزۈشتىن باشقا تاللاش يولى يوق " دەيدۇ.

لى جۇمىڭ چارشەنبە كۈنى رادىئومىزنى زىيارەت قىلغاندا، " ئەگەر مەن بېيجىڭ رەھبەرلىرى بىلەن يۈز تۇرانە ئولتۇرسام، ئالدى بىلەن ئۇلارغا دېموكراتىيىدىن نېمە ئۈچۈن قورقىدىغانلىقىنى سورايمەن؟ نېمىدىن قورقۇدۇ؟ ياكى خوڭكوڭ مۇستەقىللىق داۋاسى قىلىۋاتمىسا " دېدى. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئالدى بىلەن كىشىلىك ھوقۇق، ئاندىن ئەركىنلىك، كېيىنرەك دېموكراتىيە، ئارقىدىن مۇستەقىللىق تەلەپلىرىنىڭ چىقىشىدىن قورقۇدىكەن.

زور كۆلەملىك نامايىش

خوڭكوڭدىكى دېموكراتىك كۈچلەر 4 - دېكابىر كۈنى خوڭكوڭ بويىچە زور كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىماقتا. خەلق رايىنى سىناش نەتىجىلىرىگە قارىغاندا نامايىشچىلارنىڭ سانى 200 مىڭدىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن.

خوڭكوڭ مەمۇرىي ئەمەلدارى زېڭ يىڭچۈئەن، خوڭكوڭدا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، ئەمما ئىسلاھات ۋاقىت جەدۋىلىنى تىلغا ئالمىغان. ئۇ، چارشەنبە كۈنى خوڭكوڭ پۇقرالىرىغا تېلېۋىزىيە نۇتىقى سۆزلەپ، ئۆزىنىڭ ئىسلاھات لايىھىسىنى قوللاشنى تەلەپ قىلدى. ئەمما زېڭ يىڭچۈئەننىڭ ئىسلاھات لايىھىسى دېموكراتىك كۈچلەرنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىماقتا.

تۆت كىشىلىك ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى شەن جوڭكەي، زېڭ يىڭچۈئەننىڭ ئىسلاھات پىلانىدا ئومۇمى سايلامنىڭ ۋاقىت جەدۋىلى تىلغا ئېلىنمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، "بۇ نىشانى بولمىغان بىر ئىسلاھات لايىھىسى. ئومۇمى سايلام 2012 - يىلى ئېلىپ بېرىلامدۇ؟ 2017 - يىلىمۇ ياكى 2022 - يىلىمۇ ؟ ۋە ياكى 20 - 30 يىلدىن كېيىنمۇ ؟ بۇنى بىز بىلمەيمىز " دېدى.

لى جۇمىڭنىڭ تەكىتلىشىچە، گەرچە بېيجىڭ ھۆكۈمىتى خوڭكوڭ پارلامېنتىدىكى بەزى دېموكراتىك ئەزالارنى سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە چاقىرغان بولسىمۇ، ئەمما بېيجىڭنىڭ كوچا نامايىشىنى توسۇپ قېلىش پىلانى "مۇۋاپپەقىيەتلىك بولالمايدىكەن "

خىتاي ھۆكۈمىتى خوڭكوڭ پارلامېنتىدىكى دېموكراتىك كۈچلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پارلامېنت ئەزالىرىنى جۈمە كۈنى شىنجېندا سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تەكلىپ قىلدى.

ئەنگلىيە، 1997 - يىلى خوڭكوڭنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن ماقۇللانغان تۈپ قانۇندا، خوڭكوڭ مەمۇرىي رەھبىرىنىڭ دېموكراتىك سايلام بىلەن ۋۇجۇدقا كېلىدىغانلىقىنى قوبۇل قىلغان. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى تۈپ قانۇنغا ئىزاھات بېرىپ، خوڭكوڭدا 2007 ۋە 2008 - يىللىرى - ئومۇمى سايلام ئېلىپ بېرىلىش مۇمكىنچىلىكىنى يوققا چىقارغان ئىدى. بىراق ئامېرىكا خوڭكوڭدا دېموكراتىك سايلام ئېلىپ بېرىشنى قوللىماقتا.

ئامېرىكا: خوڭكوڭ ئالاھىدىلىكى ۋە مۇھىم رولىنى ساقلاپ قالىدۇ

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى مىككورماكنىڭ مۇخبىرلارغا تەكىتلىشىچە، كوندىلىزا رايىس لى جۇمىڭ قاتارلىقلار بىلەن ئۇچراشقاندا " بىز، خوڭكوڭنىڭ سىياسى ئىسلاھات قەدىمى ۋە ئىسلاھات كۆلىمىنى خوڭكوڭلۇقلار تۈپ قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە قارار قىلىشى كېرەكلىكىگە ئىشىنىمىز " دەپ تەكىتلىگەن.

مىككورماك، رايىسنىڭ لى جۇمىڭغا " ئامېرىكا خوڭكوڭ دېموكراتىيىسىنى ۋە ئومۇم سايلام ئېلىپ بېرىشنى قوللايدۇ " دېگەنلىكىنى بىلدۈردى. مىككورماك، " بىز بۇنى خوڭكوڭ، خىتاي ۋە پۈتۈن رايوننىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ. خوڭكوڭنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە داۋاملىق مۇھىم رول ئوينىشىنى ساقلاپ قالىدۇ، دەپ قارايمىز " دەيدۇ.

لى جۇمىڭ ۋاشىنگتوندا خەلقئارا جەمئىيەتتىن خوڭكوڭ دېموكراتىيە ھەرىكىتىنى قوللاشنى تەلەپ قىلىپ، 1984 - يىلى ئىمزالانغان خىتاي - ئەنگلىيە قوشما ئاخباراتىدا خوڭكوڭغا ئالىي ئاپتونومىيە ئاتا قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، " بۇ خوڭكوڭ خەلقىنىڭ بىزنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىمىزنى بىلىۋېلىشى ئۈچۈن مۇھىم " دەپ كۆرسەتتى.

لى جۇمىڭنىڭ تەكىتلىشىچە، تۈپ قانۇن 1990 - يىلى ماقۇللانغاندىن كېيىن خوڭكوڭ خەلقى دېموكراتىيىنى 17 يىلدىن بېرى كۈتمەكتە. لى جۇمىڭ، " ھۆكۈمەتكە شۇنى دېمەكچىمەنكى، دۇنيادا بىر دۆلەت خەلقى دېموكراتىيىنى ياخشى نەرسە، دەپ قوبۇل قىلىپ تۇرۇپ ، ئۇنى 17 يىل كۈتكەنلىكنىڭ بىر مىسالى بارمىدۇ؟" دەيدۇ. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.