ئامېرىكا ئىران بىلەن بىۋاستە سۆھبەت ئېلىپ بارماقچى
2005.11.29
ئامېرىكىنىڭ ئىراقتىكى نوپۇزلۇق باش ئەلچىسى زەلمەي خەلىلزاد يېقىندا News Week ژورنىلىغا بەرگەن باياناتىدا، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جۇرج بۇشنىڭ ئۇنىڭغا ئىراقتىكى ۋەزىيەتنى مۇقىملاشتۇرۇش توغرىسىدا ئىران بىلەن بىۋاستە سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ھەققىدە سالاھىيەت بەرگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. سىياسىي مۇلاھىزىچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ھەرىكەت ئامېرىكىنىڭ سىياسىتىدىكى چوڭ بىر ئۆزگىرىش ھېسابلىنىدىكەن. چۈنكى ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا، 2003 - يىلى ماي ئېيىدا يەنى ئىراقتا ساددام ھۈسەيىن ھاكىمىيىتى ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرى تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي، بىر قىتىملىق بىۋاستە سۆھبەت ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئاندىن كېيىن ئىككى دۆلەت ۋەكىللىرى ئوتتۇرىسىدا بىۋاستە سۆھبەت ئېلىپ بېرىلمىغان.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئۇ قېئىتم ئىككى دۆلەت ۋەكىللىرى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان بىۋاستە سۆھبەتتە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئەلقائىدە تەشكىلاتىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئېلىپ بارغان ھۇجۇمىنىڭ ئىراندا پىلانلانغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئامېرىكا تەرەپنىڭ بۇ ئەيىبلىشىدىن قاتتىق غەزەپلەنگەن ئىران، ئامېرىكا بىلەن ئافغانىستان ۋە ئىراق مەسىلىسىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان دىپلوماتىيە سۆھبىتىنى دەرھال توختاتقان ئىدى.
سىياسىي ئانالىزچى جىم لوبنىڭ ئاسىيا ۋاقتى گېزىتىدە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە بىلدۈرۈشىچە، ئىران بىلەن قايتىدىن بىۋاستە سۆھبەت باشلاش - باشلىماسلىق مەسىلسى، ئىراننىڭ يادرو پروگراممىسىنى داۋاملاشتۇرىشى تۈپەيلىدىن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىچىدە نۇرغۇن تالاش- تارتىشلارغا سەۋەب بولغان.
ئىراندىكى مەۋجۇت ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇش مەقسەت قىلىنغان
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىچىدىكى كونسرىۋاتىپلار، ئىراندىكى ئۆكتىچى گۇرۇپپىلارنىڭ پائالىيەتلىرى ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ مەلۇمات قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن تىھراندا بىر دىپلوماتىيە ئىشخانىسى ئېچىشىنى تەلەپ قىلغان. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئەگەر ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىراندىكى سىياسىي ئۆكتىچى گۇرۇپپىلارغا مۇۋاپىق ياردەم يەتكۈزەلىسە، بۇ ئۆكتىچى گۇرۇپپىلار، 1980 - يىللىرى پولشادا ھەمكارلىق جەمئىيىتى ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرغاندەك، ئىراندىكى مەۋجۇت ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرىۋىتىشى مۇمكىن.
ئەمما ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىكى يەنە بىر قىسىم كىشىلەر، ئىران بىلەن نۆۋەتتە بىۋاستە سۆھبەت ئېلىپ بېرىشنىڭ سىياسىي جەھەتتىن زىيانلىق ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ، بۇنداق بىر ھەرىكەت ئىران پرېزىدېنتى مەخمۇت ئەخمەدى نىجات ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيىنى دۇنيا خەرىتىسىدىن يوقىتىش كېرەك دەپ جار سېلىپ يۈرگەن بىر پەيىتتە، ئۇنىڭ ھاكىمىيىتىنى خەلقئارادا قانۇنلاشتۇرغان بولۇپ قالىدۇ دەپ، ئىران بىلەن بىۋاستە سۆھبەت ئېلىپ بېرىشقا قارشى چىققان.
ئامېرىكا چارىسىز قالغان
ئەمما، مىچىگەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى جان كول قاتارلىق بەزى ئوتتورا شەرق مۇتەخەسسسىلىرى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىران بىلەن، ئىراقتىكى ۋەزىيەت ھەققىدە بىۋاستە سۆھبەت ئۆتكۈزۈش تەشەببۇسىنى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىراق مەسىلسىدىكى چارىسىزلىكىنىڭ بىر ئىپادىسى ۋە ئىراقتىن چىقىش ئۈچۈن ئىراننىڭ ياردىمىگە ئېھتىياچلىق ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغانلىق دەپ تەبىرلىمەكتە.
نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئىراقتىكى ئامېرىكا باش ئەلچىسى زەلمەي خەلىلزادنىڭ، ئىران بىلەن بىۋاستە سۆھبەت ئۆتكۈزۈش توغرىسىدىكى باياناتى، ئۇزۇندىن بىرى ئامېرىكىدىكى سابىق ئامېرىكا مىللىي بىخەتەرلىك كىڭىشىنىڭ رەئىسى برنېت سكۇكرافت قاتارلىق جۇمھۇرىيەتچىلەر ۋە بەزى دېموكراتلارتەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلىۋاتقان ئىستراتېگىيىسىنىڭ بىر قىسمى ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار ئۇزۇندىن بىرى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن ئىراق مەسىلسىنى بىرتەرەپ قىلىش ئۈچۈن ئىراقنىڭ قوشنىلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشىنى تەلەپ قىلماقتا.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا خەلقىنىڭ پرېزىدېنت بۇشنىڭ ئىراققا قاراتقان سىياسىتىگە بولغان كۆز قارىشىنىڭ ئۆزگىرىپ، ئىراقتىكى ئۇرۇشتىن نارازى بولغانلار سانىنىڭ كۈندىن ـ كۈنگە كۆپىيىشى، بۇش ھۆكۈمىتىنى ئىراق مەسىلىسى توغرىسىدا يېڭى تەشەببۇسلارنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا، ھەتتا ئىران بىلەن بىۋاستە سۆھبەت ئېلىپ بېرىشقا مەجبۇرلىغان بولۇشى مۇمكىن. (قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئىران پرېزىدېنتىنىڭ ئىسرائىلىيە توغرىسىدىكى باياناتى دۇنيادا غۇلغۇلا قوزغىدى
- ئامېرىكا پۈتۈن دۆلەتلەرنى ئىران بىلەن يادرو ھەمكارلىقىنى توختىتىشقا چاقىردى
- خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيە ئىدارىسى ئىران يادرو مەسىلىسىدە قارار ماقۇللىدى
- ئىران پرېزىدېنتى غەرب ئەركىنلىكىنى تەنقىد قىلدى
- ئامېرىكا ئىراننىڭ خەلقئارادا يالغۇز قېلىش ئېھتىماللىقىنى ئاگاھلاندۇردى
- ب د ت يادرو ئېنېرگىيە ئىدارىسى ئىران يادرو مەسىلىسىدە سۆھبەتلەشمەكچى