ئىراق ئۇرۇشى، ئامېرىكا -خىتاي مۇناسىۋىتى جەھەتلەردە ئامېرىكىنىڭ سىياسەتلىرىدە يېڭى ئۆزگىرىش بولماقتا


2006.12.07
bush-iraq-200.jpg
ئامېرىكا پرېزىدېنتى بۇش 6 – ئۆكتەبىر كۈنى ئىراق تەتقىقات گۇرۇپىسى خادىملىرى بىلەن ئاق سارايدا. AFP

ئامېرىكىدكى جۇمھۇرىيەتچىلەر ۋە دېموكراتلاردىن ئىبارەت ئىككى چوڭ پارتىيە بىرلىكتە تەشكىللىگەن تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ 90 نەچچە بەتلىك دوكلاتىنىڭ مەزمۇنلىرىنى مەتبۇئاتلار 12 ‏- ئاينىڭ 6 ‏- كۈنى ئېلان قىلدى. 'ئامېرىكا ئاۋازى'نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ دوكلاتتا پرېزىدېنت بۇشنىڭ ئىراق ئىستراتېگىيىسى مۇۋەپپىقىيەتلىك بولمىدى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئامېرىكا ھەربىي، دېپلوماتىيە جەھەتلەردە دەرھال چوڭ ئۆزگىرىش ياسىشى لازىم، دەپ كۆرسىتىلگەن ئىدى.

جورجى بۇش كۆرسەتكەن ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋەزىپە ئۆتەشكە تەييارلانماقتا

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش يېقىندا ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەن ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى رامىسفلىد ئەپەندىنىڭ ئورنىغا سابىق ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، ئىككى پارتىيە بىرلىكتە يۇقىرىي سالاھىيەتلىك ئەربابلاردىن تەشكىللىگەن تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى روبرت گەيتس ئەپەندىنى كۆرسەتكەن ئىدى. 'بىرلەشمە ئاگېنتلىقى'نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، روبرت گەيتس ئەپەندى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئىككى پارتىيىنىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىلىق سالاھىيىتى كېڭەش پالاتاسىدا 2 گە قارشى 95 ئاۋاز بىلەن تەستىقلاندى.

ئامېرىكا ئىراق ئۇرۇشىدا تېخى غەلىبە قىلمىدى

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، روبرت گەيتس ئەپەندى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئىككى پارتىيىنىڭ تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇش، خىتاينىڭ ھازىر ھەربىي كۈچىنى ھەدەپ ئۆستۈرۈۋاتقانلىقى، ئامېرىكا -رۇسىيە مۇناسىۋىتى، شىمالىي كورىيە مەسىلىسى، ئىران، سۈرىيە مەسىلىسى قاتارلىق جەھەتلەردە سورىغان كەسكىن سۇئاللىرىغا جاۋاب بەردى. روبرت گەيتس ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا ئىراق ئۇرۇشىدا تېخى غەلىبە قىلمىدى، بۇنىڭ ئۈچۈن ھەر ئىككى پارتىيە بىرلىكتە دۆلەت مەنپەئەتىنى نەزەردە تۇتۇپ، قايتىدىن ئۇزۇن مۇددەتلىك، ئىزچىل ئىستراتېگىيە ۋە سىياسەت تۈزۈپ چىقىپ، رىقابەتلەرگە بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇش كېرەك. گەيتس ئەپەندى بۇنىڭغا، بۇرۇن سوغۇقچىلىق ئۇرۇشىدا ئامېرىكىنىڭ قۇدرەتلىك سوۋېت ئىتتىپاقىنى يېڭىپ چىقىشى پۈتۈنلەي پارتىيە ئايرىماي، مەزھەپ ئايرىماي بىردەك ھەرىكەت قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى دەلىل قىلىپ كۆرسەتتى.

ئىران ئامېرىكىغا تەھدىت بولۇپ چىقالمايدۇ، ئەمما...

روبرت گەيتس ئەپەندى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە، ئىككى پارتىيىنىڭ 'تېررورچىلىق ئوق مەركىزى' دېيىلىۋاتقان مەسىلە ھەققىدىكى سۇئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە 'ئىران ھەربىي جەھەتتە ئامېرىكىغا تەھدىت بولۇپ چىقالمايدۇ، لېكىن، ئىران پارس قولتۇقىنى قامال قىلىپ، نېفىت ئىكىسپورت يوللىرىنى توساش ئىقتىدارىغا، پۈتۈن ئوتتۇرا شەرقتە، ياۋرۇپادا ۋە ئامېرىكىدا تېررورچىلىق ھۇجۇمى قوزغاش ئىقتىدارىغا ئىگە. ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ئىراقتا تېخىمۇ چوڭ چاتاق چىقىرىش ئىقتىدارىمۇ بار' دەپ كۆرسەتتى.

روبرت گەيتس ئەپەندى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە سۇرىيە مەسىلىسى ھەققىدە سورالغان سۇئاللارغا جاۋاب بەرگەندە 'دەمەشىق ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان سېلىش ئىقتىدارى ئىرانغا قارىغاندا كۆپ ئاجىز . ئەمما ئامېرىكا، ئەگەر سۈرىيىگە زەربە بەرسە، ئۇ ئامېرىكىنىڭ بۇ رايوندىكى ئۇزۇن مۇددەتلىك مەنپەئەتلىرىگە قارىتا يامان تەسىر پەيدا قىلىشى مۇمكىن' دەپ كۆرسەتتى.

'ئامېرىكا -خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى ئۇچۇرلارنى ئىنچىكە تەتقىق قىلىمەن'

روبرت گەيتس ئەپەندى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە 'ئامېرىكىغا خىتاي ھەربىي جەھەتتە تەھدىت بولۇپ شەكىللەنمەكتە' دېيىلىۋاتقان مەسىلە ھەققىدە ئىككى پارتىيىنىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاب بەردى. جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ بىر كېڭەش پالاتا ئەزاسى گەيتس ئەپەندىدىن 'خىتاينىڭ قوزغىتىلغان نۇر بىلەن ئامېرىكىنىڭ سۈنئىي ھەمرالىرىغا كاشىلا قىلىۋاتقانلىقى' ، 'خىتاي ئامېرىكىنىڭ ھۆكۈمەت تور بەتلىرىگە خېكىر ئارقىلىق ھۇجۇم قىلىۋاتقانلىقى' ، 'خىتاينىڭ سۇڭ دەرىجىلىك سۇئاستى پاراخوتى ئامېرىكىنىڭ كىچىك لاچىن ئاۋىئاماتكىسى پاراخوت توپىغا ئەگىشىپ يېقىنلاشقانلىقى' قاتارلىق ئۇچۇرلاردىن خەۋىرى بار-يوقلىقىنى سورىغان ئىدى. بۇنىڭغا قارىتا روبرت گەيتس ئەپەندى 'مەن ھۆكۈمەت ئىشىدىن ئايرىلىپ كەتكىلى خېلى ئۇزۇن ۋاقىت بولۇپ قالغاچقا، گەرچە بۇ ھەقتىكى مەخپىي ئۇچۇرلاردىن خەۋىرىم بولمىسىمۇ، ئەمما كاپالەتلىك قىلىمەنكى، مەن ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلىغاندىن كېيىنلا بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى ئىنچىكە تەتقىق قىلىپ، ئۇنىڭغا تىز چارە قوللىنىمەن' دەپ جاۋاب بەردى.(ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.