كىم يوڭئېل يادرو قوراللىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇشتىن باشقا بىر ياخشى يولنى تاللاشنى بىلىشى كېرەك

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ 22 ‏- ئاۋغۇست كۈنى سىئولدىن خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورىيىنىڭ يىلدا بىر قېتىم ئېلىپ بارىدىغان ھەربىي مەشقى بۇيىل 21 ‏- ئاۋغۇست كۈنى باشلانغان. 9 ‏- ئاينىڭ 1 ‏- كۈنىگىچە داۋاملىشىدىغان بۇ مەشىققە ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورىيىنىڭ 20 مىڭ ئەسكىرى بىرلىكتە قاتناشقان.

مەركىزى نوقتىنى قارىغا ئېلىش

"مەركىزى نوقتىنى قارىغا ئېلىش" دەپ ئاتالغان بۇ قېتىمقى ھەربىي مەشىق جەنۇبىي كورىيە قىسىملىرىنىڭ ئۇشتۇمتۇت يۈز بەرگەن ھادىسىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىكەن. ئەمما بۇ ھەربى مەشق باشلانغان ھامان، شىمالى كورىيە بۇنىڭغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ "شىمالى كورىيىنىڭ ئۆزىنى قوغدىشى ئۈچۈن ئالدى بىلەن ھۇجۇم قوزغاش ھوقۇقى بار ، ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورىيىنىڭ بۇ قېتىمقى بىرلەشمە ھەربى مەشىقى رىيال ئۇرۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن" دېگەن. خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورىيىنىڭ بىرلەشمە ھەربىي مەشقى باشلانغان كۈنى ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش بىلەن خىتاينىڭ دۆلەت رەئىسى خۇجنتاۋنىڭ تېلېفون ئارقىلىق سۆھبەتلىشىپ، شىمالى كورىيىنىڭ يادرو قوللىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكەرلىشىدىغانلىقىنى مۇقىملىغان.

خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ تور بېتىدە خەۋەر قىلىشىچە، "خۇجىنتاۋ 21 ‏- ئاۋغۇست كۈنى كەچتە ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش بىلەن تېلېفوندا سۆزلىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ سودا مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ تەرەققى قىلدۇرۇش ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرغان. جورجى بۇش خىتاينىڭ شەرقىي جەنۇبى دېڭىز قىرغاقلىرىدا تايپون بورىنى ئاپىتىگە ئۇچرىغان ئۆلكىلەردىن ھال سورىغان ۋە خىتاي بىلەن ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خۇجىنتاۋ بۇشقا "خىتاي - ئامېرىكا مۇناسىۋىتى كۈندىن -كۈنگە يېقىنلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى ھەر ئىككى دۆلەت ئۈچۈن پايدىلىق، دۇنيا تىنچلىقى ئۈچۈنمۇ ئاكتىپ رول ئوينايدۇ" دېگەن.

ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى تېلېفون سۆھبىتى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 22 ‏- ئاۋغۇست كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورىيىنىڭ بىرلەشمە ھەربىي مەشقى باشلانغان بۈگۈنكى كۈندە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش ئاق سارايدا مۇخبىرلارغا ئۆزىنىڭ خۇجىنتاۋ بىلەن تېلېفون ئارقىلىق ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنىڭ مەزمۇنىنى ئاشكارىلىغان. خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، جورجى بۇش خۇجىنتاۋ بىلەن تېلېفون ئارقىلىق سۆزلىشىپ ئالتە تەرەپ سۆھبىتى مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان. ئۇلار ئامېرىكا بىلەن خىتايدىن ئىبارەت بۇ ئىككى دۆلەتنى بۇ جەھەتتە چوقۇم ھەمكارلىشىشى لازىم دەپ ھېسابلىغان. شۇنداقلا ئۇلار شىمالى كورىيە رەھبىرى كىم يوڭئېلغا يادرو قوراللىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا قارىغاندا تېخىمۇ ياخشى بىر يولنى تاللاشنى بىلىشى ھەققىدە بىر ئېنىق ئۇچۇر ئىزاھلىغان.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە يەنە، شىمالى كورىيە ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ پۇل مۇئامىلە جەھەتتە جازالىشىغا قارشى تۇرغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ شىمالى كورىيىنى پۇل يۇيۇش مەسىلىسىنى بىلەن جازالىشىغا قوشۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئەمما جورجى بۇش ئەگەر بىرسى يالغاندىن ئامېرىكا دوللىرى ياسىسا، ئۇنىڭغا ھەرىكەت قوللانماي تۇرۇشقا بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە. بۇش بۇ قېتىم خۇجىنتاۋ بىلەن تېلېفون ئارقىلىق سۆزلەشكەندىمۇ، بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ياپونىيىدە چىقىدىغان "كيوتو خەۋەرلىرى" دە بايان قىلىنىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش دۈشەنبە كۈنى كەچتە خىتاي رەئىسى خۇجىنتاۋ بىلەن تېلېفون ئارقىلق سۆزلىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئالتە تەرەپ سۆھبىتى جەھەتتىكى ھەمكارلىقىنى مۇقىملىغان. شۇنداقلا ئامېرىكا بىلەن خىتاي بىرلىكتە شىمالى كورىيىگە يادرو قوراللىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇشتىن باشقا تېخىمۇ ياخشى بىر يولنى تاللىشى كېرەكلىكى ھەققىدە ئېنىق ئۇچۇر ئىزاھلىغان. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ توكيودىن خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى بۈگۈن ياپونىيىنىڭ باش سۆھبەت ۋەكىلى كېنىشىرو ساسائىنىڭ 23 ‏- ئاۋغۇستتىن باشلاپ جەنۇبى كورىيىنىڭ سۆھبەت ۋەكىلى چۇن يوڭۋۇ بىلەن خەلقئارالىق قورالسىزلاندۇرۇش مەسىلىسى ئۈستىدە مۇزاكىرە باشلايدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ سىئولدىن خەۋەر قىلىشىچە، جەنۇبىي كورىيە سەيشەنبە كۈنى ھۇنۇنۇلۇدىن "مۇگۇنگۋا- بەش" ناملىق سۈنئى ھەمراھ قويۇپ بەرگەن. ھەربى مەقسەت ئۈچۈن قوللىنىلىدىغان بۇ سۈنئى ھەمراھ جەنۇبىي كورىيىنىڭ ئۆزىنى قوغداش قابىلىيىتىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش جەھەتتىكى يەنە بىر تىرىشچانلىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، جەنۇبىي كورىيە بىلەن شىمالدىكى كوممۇنىست كورىيە ئوتتۇرىسىدا 1953 ‏- يىلى تىنچلىق كېلىشىمى ئەمەس، پەقەت ئۇرۇش توختۇتۇش كېلىشىمىلا ئىمزالانغان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىنمۇ چېگرىدا جىددىيلىك ئۆزلۈكسىز داۋام قىلماقتا. (ۋەلى)