ئامېرىكا ۋە ياۋروپا نېمە ئۈچۈن كوسوۋا مۇستەقىللىقىنى قوللىدى؟


2008.02.25

كوسوۋا مەسىلىسى جىددىي يوسۇندا خەلقئارا كۈنتەرتىپكە كەلگەن 1990 ‏ - يىللارنىڭ ئوتتۇرىدىن باشلاپ، خىتاي مەتبۇئاتلىرى دەسلەپ كوسوۋا مەسىلىسىنى يوشۇرۇش پوزىتسىيىسى تۇتقان، 1999 ‏ - يىلى ناتو قوشۇنى سىربىيە ئارمىيىسىگە ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن، بولۇپمۇ، بېلگرادتىكى خىتاي كونسۇلخانىسى زەربىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن، كوسوۋا مەسىلىسى كەڭ تۈردە خەۋەر قىلىنىشقا باشلىغان. ئەمما، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ كوسوۋانى قوللىشىنى ئادالەت ۋە تېنچلىق ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن دەپ تەشۋىق قىلغان. خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ بۇ تەشۋىقاتىنى ئىنكار قىلغۇچى خىتاي زىيالىيلىرىدىن بىرى ۋاڭ شياۋكەيدۇر.

ۋاڭ شياۋكەي: غەربتە كىشىلىك ھوقۇق ئىگىلىك ھوقۇقتىن ئۈستۈن

پروفېسسور ۋاڭ شياۋكەي " كوسوۋا مەسىلىسى ۋە خىتاينىڭ كەلگۈسى تەقدىرى" ناملىق ماقالىسىدە، ئامېرىكا ۋە ياۋروپانىڭ كوسوۋانى قوللىشىنى شۈبھىسىزكى ئادالەت ۋە تېنچلىق ئۈچۈن دەپ كۆرسىتىدۇ. " ئىنسان ھەقلىرىنى ئىگىلىك ھوقۇقتىن ئۈستۈن بىلىش غەرب قىممەت قارىشىنىڭ ئاساسلىق قىسمى. شۇڭا يەرلىك ئاھالىلەر ئۆزلىرىنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىنى ئۆزلىرى تاللاش، مىللەتلەر ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش، ئومۇمى خەلقنىڭ مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك تالاش - تارتىشلىق مەسىلىلەرنى خەلق ئاۋازىغا قويۇپ ھەل قىلىش، يەرلىك ھۆكۈمەتنى ئومۇمى سايلام ئارقىلىق قۇرۇپ چىقىش، جەمئىيەتتە ئادالەت ۋە تېنچلىقنى ئۇزۇن مەزگىل كاپالەت ئاستىغا ئېلىشنىڭ چارىسى."

ئاپتور غەرب دۇنياسىنىڭ بۈگۈن يۇقۇرقىدەك چاقىرىقلارنى تەشەببۇس قىلىپلا قالماي، ئالدى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئىجرا قىلىپ كەلگەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ، ئۇ بۇ تورىدا، فرانسىيە بىلەن گېرمانىيىنىڭ ئارىسىدىكى زېمىن مەسىلىسىنى يەرلىك ئاھالىنىڭ ئاۋازىغا قويۇش بىلەن ھەل قىلغانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ كوستارىكو ۋە ھاۋاي مەسىلىسىنىمۇ خەلق ئاۋازىغا سېلىش بىلەن ھەل قىلغانلىقىنى مىسال ئېلىپ كۆرسىتىدۇ. ۋاڭ شياۋكەي ماقالىسىدە يەنە مۇنداق دەيدۇ: "ئامېرىكا ۋە ياۋروپانىڭ كوسوۋانى قوللىشىدا شەخسىي مەنپەئەتلىرى بولۇشى مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى، ئامېرىكىنىڭ ھېچ بىر دۆلەت بىلەن زېمىن ماجراسى يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ مۇكەممەل قانۇن - تۈزۈملىرى بار، بۇ تۈزۈملەر ھېچ بىر ئەزا دۆلەتنىڭ ئوز مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشىغا يول قويمايدۇ."

ۋاڭ شياۋكەي يەنە مۇنداق يازىدۇ " ياۋروپا ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئىنسانىيەتنىڭ چوڭ بىر ئائىلە ئىكەنلىكىنى، شۇڭا دۇنيانىڭ ھەر قانداق يېرىدە يۈز بەرگەن بىر ھەقسىزلىقنىڭ ئاخىرقى ھېسابتا ئۆزلىرىگىمۇ زىيان ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى، ئامېرىكا ۋە ناتونىڭ كوسوۋانى قوللىشى مانا بۇنىڭدىن باشقا مەقسەتتە ئەمەس ."

ۋۇفەن: ياۋروپا تارىخي تەجرىبە ساۋاقلارنى كۆزدە تۇتىۋاتىدۇ

خىتاينىڭ كوسوۋا مەسىلىسىدىكى مەيدانىنى تەنقىد قىلغان خىتاي دېموكراتچىلىرىدىن ۋۇ فەن مۇنداق دەيدۇ: خىتاينىڭ كوسوۋا مەسىلىسىدىكى مەيدانى تۇتۇرۇقسىز، ئۇ كوسوۋانى قوللىسا، خىتايدا مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىۋاتقان مىللەتلەرنى جاسارەتلەندۈرۈپ قويىدۇ، ئۇلارنىڭ تەلىپىنى قانۇنىي جەھەتتىن ئېتىراپ قىلغان بولىدۇ، قوللىمىسا، كوسوۋا تەيۋەن بىلەن دېپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىپ قېلىش خەۋپى بار. ۋۇفەننىڭ قارىشىچە، ياۋروپا ئۇزۇن مەزگىللىك ئىچكى ۋە تاشقى ئۇرۇشلاردىن كېيىن تارىختىن توغرا خۇلاسە چىقارغان. دىنىي مەزھەپلەر ئۇرۇشى، كىشىلەرنىڭ تەشكىلاتلارغا ئويۇشۇش ھوقۇقىنى قوبۇل قىلدۇرغان بولسا، زېمىن ماجرالىرى مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلىغان. ياۋروپانىڭ كوسوۋا مەسىلىدىكى مەيدانى ئەنە ئەشۇ خۇلاسىنىڭ ئىپادىسى.

ۋاڭ شياۋكەي، ئامېرىكىنىڭ ئادالىتى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ياۋروپا 2 ‏ - دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، دۇنيادا ساقچىلىق رول ئوينىغۇچى بىر دۆلەتنىڭ كېرەكلىكىنى تونۇپ يەتتى ۋە ئامېرىكىنى بۇنىڭغا لايىق كۆردى. ئەلۋەتتە، ئامېرىكىنىڭ تاشقى سىياسىتىنى پۈتۈنلەي ئادالەتلىك دېگىلى بولمايدۇ، دۇنيانىڭ بۈگۈنكى تەرەققىيات سەۋىيىسىدە يۈزدە - يۈز ئادالەتلىك بىر ساقچىنى كۈتۈشكىمۇ بولمايدۇ؛ مېنىڭ ئامېرىكا ئادالىتىگە بولغان ھۆرمىتىم، ئۇنىڭ بارلىق تاشقى سىياسىتىدىن مەمنۇن بولغانلىقىمدىن ئەمەس، بەلكى بۈگۈن دۇنيانىڭ خوجايىنلىقىنى تالىشىۋاتقان دۆلەتلەرنى بىر - بىرىگە سېلىشتۇرۇشتىندۇر.

يۇقىرىقى قاراش، خىتاي زىيالىيلىرىدىن ئىقتىسادشۇناس ۋاڭ شياۋكەيگە ئائىتتۇر. ئامېرىكا كوسوۋا، دارفۇر، بېرما مەسىلىسىگە تۇتقان پوزىتسىيىسى بىلەن دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، پەلەستىن ۋە ئىراق سىياسىتى بىلەن بىر قىسىم جامائەتنىڭ بولۇپمۇ ئىسلام دۇنياسىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراغلىق. (شۆھرەت ھوشۇر)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.