ئامېرىكا -موڭغۇلىيە ھەربىي ھەمكارلىقى پىشىپ يېتىلمەكتە
2006.08.11
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 8 - ئاينىڭ 11 - كۈنى بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا ئامېرىكا بىلەن موڭغۇلىيە بىرلىكتە ب د ت نىڭ تىنچلىق ساقلاش پروگراممىسى ئۈچۈن ئىككى ھەپتىلىك ھەربىي مەشىق ئورۇنلاشتۇرغان. ئۇلانباتۇر شەھىرىنىڭ شىمال تەرىپىدىكى بەش تاغ رايونىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان 'خاننى ئىزلەش' دەپ ئاتىلىدىغان بۇ ھەربىي مەشىققە فىجى، توڭگا، تايلاند، بېنگال ۋە ھىندىستاندىن ئىبارەت 5 دۆلەتنىڭ ھەربىي قىسىملىرى بولۇپ جەمئى 850 جەڭچى قاتنىشىۋاتىدۇ. يۇقىرىدا نامى تىلغا ئېلىنغان كۆپ دۆلەت قىسىملىرى - دەپ بايان قىلىدۇ ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ باياناتچىسى لېيتېنانت دەرىجىلىك ئوفىتسېرى مارك زىممار، - بۇ كۆپ دۆلەت قىسىملىرى كۇرسنى تۈگەتكەندىن كېيىن، ئۇلارغا ب د ت نىڭ تىنچلىق ساقلاش قوشۇنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن گۇۋاھنامە تارقىتىپ بېرىلىدۇ.
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، بۇرۇن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ سۈنئى ھەمرا دۆلىتى بولغان موڭغۇلىيە يېقىنقى يىللاردا بىردىنلا ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقدىشىغا ئايلاندى ۋە ئامېرىكا بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ ئىراققا قوشۇن ئەۋەتتى. شۇنىڭدىن كېيىن جورجى ۋ. بۇش ئامېرىكا پرېزىدېنتىلىق سالاھىيىتى بىلەن تۇنجى قېتىم موڭغۇلىيىنى زىيارەت قىلغان ئىدى. خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ئامېرىكا يېقىنقى يىللاردا رۇسىيە ۋە خىتايدىن ئىبارەت ئىككى يادرو قورال دۆلىتىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بېكىنىپ قالغان موڭغۇلىيە بىلەن ھەربىي ئالاقە ئورناتتى. موڭغۇلىيىمۇ چوڭ قوشنىلىرى تەرىپىدىن ئىدارە قىلىنىپ كېتىش خەۋپىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كېڭەيتىشنى ئىزدەيدۇ.
ئامېرىكا بىلەن موڭغۇلىيىنىڭ ھەربىي مۇناسىۋىتى گەرچە يېڭى بولسىمۇ، ئەمما ھازىر پىشىپ -يىتىلىۋاتىدۇ
ئامېرىكىنىڭ موڭغۇلىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتچىسى ئالېكسى كرالنىڭ بايان قىلىشىچە، موڭغۇلىيە ھازىر ئامېرىكا بىلەن بىرلىكتە 2003 - يىلىدىن بۇيان 3 - قېتىم ئېلىپ بېرىۋاتقان 'خاننى ئىزلەش مەشقى' دەپ ئاتىلىدىغان ھەربىي مەشقنى داۋاملاشتۇرىۋاتىدۇ. بۇ مەشىققە قاتنىشىۋاتقان كۆپ دۆلەت قىسىملىرى ھازىر قاراۋۇللۇق پونكىتلىرىنى ساقلاش، چارلاش ئېلىپ بېرىش، بىنالارنىڭ بىخەتەرلىكىنى ساقلاش، ئەشيا تەقسىملەش، پەۋقۇلئاددە ۋەزىپە ئۆتەش، دائىرە بەلگىلەش قاتارلىق جەھەتلەردە مەشق قىلماقتا. بۇ مەشىققە رۇسىيە، خىتاي، فرانسىيە، ئىتالىيە، بېرىتانىيە، ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورىيىىلەر كۆزەتكۈچى ئەۋەتكەن. ئامېرىكىنىڭ موڭغۇلىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا بىلەن موڭغۇلىيىنىڭ ھەربىي مۇناسىۋىتى گەرچە يېڭى بولسىمۇ، ئەمما ھازىر پىشىپ -يىتىلىۋاتىدۇ.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ توكيودىن خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيىنىڭ باش مىنىستىرى جۇنىشىرو كويزۇمى موڭغۇلىيىگە قىلغان ئىككى كۈنلۈك زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ 8 - ئاينىڭ 11 - كۈنى توكيوغا قايتىپ كەلگەن. بۇ ياپونىيە باش مىنىستىرى كېيزو ئوبوچى 1999 - يىلى موڭغۇلىيىنى زىيارەت قىلغاندىن بۇيان ياپونىيىنىڭ باش مىنىستىر دەرىجىلىك ئەمەلدارىنىڭ موڭغۇلىيىگە قىلغان تۇنجى قېتىملىق زىيارىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. كويزۇمى بۇ قېتىم موڭغۇلىيىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشنى ئىزلىگەن.
موڭغۇلىيە ئۈچۈن پۈتۈن دۇنياغا قاراپ ئالغا ئىلگىرىلەش پۇرسىتى
بۇلتۇر ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى ۋ. بۇش موڭغۇلىيىنى زىيارەت قىلغاندا فرانسىيە ئاگېنتلىقى ئېلان قىلغان ئوبزوردا "ئامېرىكا ئىككى چوڭ قۇدرەتلىك دۆلەتنىڭ ئوتتۇرىسىدا بېكىنىپ قالغان موڭغۇلىيىدىن ئىبارەت بۇ ياش دېموكراتىك دۆلەتنى قوللاشقا باشلىدى. موڭغۇلىيىمۇ بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئامېرىكا بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ ئىراققا 180 نەپەر ئەسكەر ئەۋەتتى. ئامېرىكا ھازىر موڭغۇلىيىنى، خۇددى ھۇنۇنۇلۇدىكى تىنچ ئوكيان تەتقىقات مەركىزى باھا بەرگەندەك، 'كوممۇنىزمدىن دېموكراتىك تۈزۈمگە تىنچ ئۆتۈشنىڭ ئۈلگىسى' قىلىپ تىكلەۋاتىدۇ. موڭغۇلىيە ئەمەلدارلىرىمۇ بۇ پۇرسەتنى 'موڭغۇلىيە ئۈچۈن پۈتۈن دۇنياغا قاراپ ئالغا ئىلگىرىلەش پۇرسىتى، ئەمدى پۈتۈن دۇنيا موڭغۇلىيىگە دىققەت بىلەن قارايدىغان بولىدۇ' دېدى، دەپ بايان قىلىنغان ئىدى. فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ موڭغۇلىيە رەھبەرلىرى ئامېرىكىنى زىيارەت قىلغاندا ئېلان قىلغان ئوبزورىدىمۇ 'ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى ۋ. بۇش بۇ ۋەقەنى "ئامېرىكا -موڭغۇلىيە ئومۇميۈزلۈك سەپداشلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ يېڭى ئەسىرى" دەپ جاكارلىغانلىقىدىن قارىغاندا، ئامېرىكا موڭغۇلىيىنىڭ ستراتېگىيىلىك ئورنىنى كۆزدە تۇتۇپ، ھازىر ئۇنى ئۆزىنىڭ ئاسىيا ستراتېگىيە تورىغا قوشۇۋالدى' ، شۇنداقلا ھازىر 'ئامېرىكا موڭغۇلىيىنىڭ ب د ت نى 5000 كىشىلىك تىز ئىنكاس قايتۇرىدىغان تىنچلىق ساقلاش قوشۇن بىلەن تەمىنلىشى ئۈچۈن، 18 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئاجرىتىپ، موڭغۇلىيە ھەربى قوماندان تەربىيىلەپ بېرىۋاتىدۇ' دەپ بايان قىلىنغان ئىدى.
ئامېرىكا ئاۋازى بۇرۇن ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، موڭغۇلىيە 1987 - يىلى ئامېرىكا بىلەن دىپلوماتىيە مۇناسىۋىتى ئورناتقان. ئۇ 1990 - يىللاردىن باشلاپ دېموكراتىك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا باشلىغاندا، ئامېرىكىنىڭ ئاكتىپ قوللىشىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە. ئامېرىكا 1994 - يىلىدىن باشلاپ موڭغۇلىيىنى رۇسىيە ۋە خىتايدىن باشقا 'تەسەۋۋۇردىكى 3 - مۇھىم دۆلەت' دەپ قاراپ كەلمەكتە ۋە 1999 - يىلىدىن باشلاپ موڭغۇلىيىنى سودىدا ئالاھىدە ئېتىۋار بېرىلىدىغان دۆلەت ئورنىغا ئىگە قىلىپ، ئۇنىڭغا ئىزچىل ھالدا كۆپ جەھەتتىن ئىقتىسادىي ياردەم بەرمەكتە. (ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئوتتۇرا ئاسىيا تېمىسىدا ئىسپات بېرىش يىغىنى ئېچىلدى
- ئامېرىكا ئوتتۇرا ئاسىيادا تۇرىدىغان ھەربىي قىسىملىرىنى قىسقارتىشى مۇمكىن
- ئامېرىكا بىلەن قىرغىزىستان ھەربىي بازىنىڭ ئىجارە مەسىلىسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلدى
- ئافغانىستاندىكى ئامېرىكا قىسىملىرى قىسقارتىلماقچى
- دونالد رامسفىلد تاجىكىستاننى زىيارەت قىلدى
- خىتاينىڭ ئىران پرېزىدېنتىنى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا تەكلىپ قىلىشى ئامېرىكىغا تاقابىل تۇرغانلىقمۇ؟
- ئامېرىكا ئوتتۇرا ئاسىياغا قاراتقان سىياسىتىنى كۈچەيتىشى مۇمكىن
- ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ كەلگۈسى زور
- ئامېرىكا تەلەپ قىلىنغان شارائىتتا، قازاقىستاندا ھەربىي بازا ئېچىشى مۇمكىن