ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ تاشقى ئىشلار كومىتېتى"يەرشارى ئىنتېرنېت ئەركىنلىك قانۇنى" ماقۇللىدى


2007.10.25

USCONGRESS-150.jpg
ئامېرىكا پارلامېنتىدىن بىر كۆرۈنۈش. Wikipedia.org Photo

خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلاشقان ئامېرىكا ئىنتېرنېت شىركەتلىرىگە جەرىمانە قويۇلۇشى مۇمكىن

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ تاشقى ئىشلار كومىتېتى "يەر شارى ئىنتېرنېت ئەركىنلىك قانۇنى" ماقۇللاپ، قانۇندا ئامېرىكا ئىنتېرنېت شىركەتلىرىنىڭ ئىستىبىدات دۆلەتلەردىكى ھاكىمىيەتلەرنى توردا ھۆكۈمەتكە قارشى پىكىر يازغۇچى تورداشلارنىڭ ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلىشى چەكلەندى. مەزكۇر قانۇن لايىھىسى دۆلەت مەجلىسىنىڭ تاشقى ئىشلار كومىتېتىدىكى دېموكراتلار ۋە جۇمھۇرىيەتچى ئاۋام پالاتا ئەزالىرىنىڭ قوللىشى بىلەن ماقۇللاندى.

ئامېرىكا Yahoo شىركىتىنىڭ خىتاي ساقچى دائىرىلىرىنى، تور بېتىدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ سىياسىتىنى ئەيىبلەپ ماقالە يازىدىغان ياكى پىكىر قاتناشتۇرغان ئۆكتىچى زاتلارنىڭ ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلەش ۋەقەسى، خىتاي ئۆكتىچى شائىرى شى تاۋغا ئوخشاش كىشىلەرنىڭ قولغا ئېلىنىش ۋە تۈرمىگە تاشلىنىشىغا سەۋەبچى بولغان ئىدى.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتى بۇ تۈردىكى ۋەقەلەرنىڭ تەكرار يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە، چارشەنبە كۈنى جۇمھۇرىيەتچى ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرىستوفىر سىمىت 2006 ‏- يىلى 2 ‏- ئايدا ئوتتۇرىغا قويغان ۋە ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ ئىستىبىدات دۆلەتلەرنى تورغا چىققۇچىلارنىڭ ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلەشكە قارشى تۇرىدىغان"يەر شارى ئىنتېرنېت ئەركىنلىك قانۇنى"نى ماقۇللىدى. ئەمدى بۇ قانۇن ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئومۇمى يىغىنىغا يوللىنىدۇ ۋە بۇ يەردە ماقۇللانسا رەسمىي كۈچكە بولىدۇ. ئەگەر بۇ قانۇن رەسمىي كۈچكە ئىگە بولسا، Yahoo شىركىتىگە ئوخشاش خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلاشقان ئامېرىكا ئىنتېرنېت شىركەتلىرىگە 2 مىليون دوللار جەرىمانە قويۇلۇشى مۇمكىن.

قانۇن لايىھىسىنى ئاۋازغا قويۇش يىغىنىدا ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرىستوفىر سىمىت سۆز قىلىپ، ئىنتېرنېت خىتايغا ئوخشاش بىر قىسىم دۆلەتلەردە ئۆكتىچى پىكىرلەرنىڭ باستۇرۇشنىڭ قورالى بولۇپ قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ، " ئىنتېرنېت ‏- خىتاي، ۋېيتنام، ئېتىوپىيە ۋە باشقا بىر قىسىم دۆلەتلەردە مەخسۇس مەخپىي ساقچىلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە ھەققىدە پىكىر بايان قىلغان كىشىلەرنى تېپىش، تۇتقۇن قىلىش، تەن جازاسى بېرىش ۋە تۈرمىگە تاشلاشنىڭ قورالى بولۇپ قالدى " دەيدۇ. كرىستوفىر سىمىت يەنە، ئامېرىكا ئىنتېرنېت تېخنىكىسى ۋە شىركەتلىرى خىتاينىڭ ئۆكتىچى پىكىرلەرنى باستۇرۇپ، ئۆز تەشۋىقاتىنى ئېلىپ بارىدىغان، خىتاي ئىستىبىدات ھاكىمىيىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرىدىغان قورالى بولۇپ قالماسلىقىنى ئەسكەرتتى.

ياخۇ ئىنتېرنېت شىركىتى تورغا چىققۇچى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ قولغا ئېلىنىش ۋە تۈرمىگە تاشلىنىشىغا سەۋەبچى بولدى

مەركىزى پارىژدىكى چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى ئاخبارات ئەركىنلىكى ۋە مۇخبىرلار ھوقۇقىنى قوغدايدىغان خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقى تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرىدۇر. بۇ ئورگان شۇ كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ قانۇن لايىھىسىنى مەدھىيىلەپ، "ئىنتېرنېت ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى كىشىنى خوشاللاندۇرىدىغان ئىلگىرىلەش " دەپ كۆرسەتتى.

مەزكۇر تەشكىلات، خىتاي دائىرىلىرىنى ئولىمپىك يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلسە، "ئاخبارات ئەركىنلىكى ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلايمىز " دېگەن ۋەدىسىدە تۇرمىدى، دەپ ئەيىبلىمەكتە. مۇخبىرلارنى قوغداش تەشكىلاتى، " يەر شارى ئىنتېرنېت قانۇنى"نىڭ ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئومۇمى يىغىنىدا تېزرەك ماقۇللىنىشىنى تەلەپ قىلدى. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئەسكەرتىشىچە، Yahoo ئىنتېرنېت شىركىتى خىتاي دائىرىلىرىنى تورغا چىققۇچى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلەپ، ئاز دېگەندە شى تاۋ، ۋاڭ شاۋ قاتارلىقلارنىڭ قولغا ئېلىنىش ۋە تۈرمىگە تاشلىنىشىغا سەۋەبچى بولغان.

" بىز پەقەت كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچىمىنىڭ خىتايدا ئەمەلىيلىشىشىنى ئارزۇ قىلىمىز "

مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئالىم سېيىت، بۇ قانۇن ئۇيغۇر تورداشلارنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، دەپ كۆرسەتتى. ئەگەر "يەرشارى ئىنتېرنېت ئەركىنلىك قانۇنى" ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئومۇمى يىغىنىدا رەسمىي ماقۇللانسا، ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ خىتاي دائىرىلىرىنى تورغا چىققۇچىلارنىڭ ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلەش مەسىلىسى تەسلىشىدۇ. چۈنكى خىتايلار ئامېرىكا شىركەتلىرىنى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەشكە قىستىسا، ئۇ ھالدا بۇنىڭغا ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى ئارىلىشىدىكەن. لېكىن مەزكۇر لايىھە، ئامېرىكىنىڭ رەسمىي قانۇنىغا ئايلىنىشى ئۈچۈن مەلۇم ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن.

قانۇن لايىھىسى ئاۋام پالاتا ئومۇمى يىغىنىغا سۇنۇلۇش بىلەن بىرگە ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئېنېرگىيە ۋە سودا كومىتېتىدا مۇزاكىرىگە قويۇلىدۇ. ئەگەر ئېنېرگىيە ۋە سودا كومىتېتىدا ماقۇللانسا، ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئومۇمى يىغىنىدا ئاۋازغا قويۇلۇشى كېرەك. ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئومۇمى يىغىنىدا ماقۇللانغان تەقدىردە كېڭەش پالاتاسىنىڭ تەستىقلىشىغا توغرا كېلىدۇ.

چېگرىسىز مۇخبىرلار كومىتېتىنىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى مو لىيوڭ، ئاۋام پالاتا ئېنېرگىيە ۋە سودا كومىتېتىنىڭ قانۇن لايىھىسىنى تېزرەك تەستىقلىشىنى تەلەپ قىلىپ، " بىز چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى ئامېرىكا ئىنتېرنېت شىركەتلىرىنىڭ خىتاي بىلەن سودا قىلىشىنى توسىماقچى ئەمەس. بىز پەقەت پۈتۈن دۇنيا ئېتىراپ قىلغان كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچىمىنىڭ خىتايدا ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىنى، ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ خىتايدىكى ئۆكتىچى زاتلارغا زەربە بېرىش ۋەقەلىرىگە ئارىلىشىپ قالماسلىقىنى ئارزۇ قىلىمىز " دەيدۇ.

"بۇ قانۇن مەلۇم جەھەتلەردە ئىنتېرنېت شىركەتلىرىنىڭ قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىشى مۇمكىن"

لېكىن يەنە بەزى سىياسىي ئانالىزچىلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، مەزكۇر قانۇن لايىھىسى كېڭەش پالاتاسىدا تەستىقلىنىپ، پرېزىدېنت بۇش ئىمزا قويغانغا قەدەر بولغان بۇ جەرياندا رەت قىلىنىش ئېھتىمالى مەۋجۈت. ئامېرىكىدىكى خىتاي سىياسىي ئانالىزچى لى خوڭكۈەن، بۇ قانۇننىڭ ئامېرىكا ئىنتېرنېت شىركەتلىرىنىڭ ۋە Wall Street تىكى گۇرۇھلارنىڭ قارشى تۇرۇشىغا ئۇچراش ئېھتىمالى بار، دەپ قارايدىغان كۈزەتكۈچىلەرنىڭ بىرىدۇر. ئۇ، "بۇ قانۇن مەلۇم جەھەتلەردە ئىنتېرنېت شىركەتلىرىنىڭ قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىشى مۇمكىن. ۋاشىنگتون رايونىدا بۇ شىركەتلەر ياللىۋالغان نۇرغۇن لوبىچى گۇرۇھلار بار.

يەنە بىر جەھەتتە، Wall Street ئاكسىيە بازىرىدىكى گۇرۇھلاردا ئامېرىكىنىڭ مەبلىغى بىلەن خىتاينىڭ ئەرزان ئەمگەك كۈچىنى بىرلەشتۈرۈپ، بايلىقنى كۆپەيتىش ئارزۇسى مەۋجۇت. بۇ كۈچلەر ناھايىتى قۇدرەتلىك " دەيدۇ. لېكىن بۇ مەسىلىدە لى خوڭكۈەننىڭ بىلەن ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ئالىم سېيىتنىڭ پىكىرى بىردەك ئەمەس. ئالىم سېىيت، بۇ گۇرۇھلارنىڭ مەزكۇر قانۇننى توختىتىۋېلىشى تەسكە توختايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەگەر "يەر شارى ئىنتېرنېت ئەركىنلىك قانۇنى لايىھىسى"رەسمىي ئامېرىكا قانۇنىغا ئايلانسا، ئۇ ھالدا يەر شارى ئىنتېرنېت ئەركىنلىك ئىشخانىسى قۇرۇلۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنتېرنېت ئۇچۇر ئەركىنلىك سىياسىتىگە مەسئۇل بولىدۇ ۋە بۇ قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەتلەرنى نازارەت قىلىدۇ. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.