ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ رابىيە خانىمنىڭ قويۇپ بېرىلىشىگە قايتۇرغان ئىنكاسلىرى


2005.03.18
rabiye-amma.jpg

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئاتاغلىق ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى ۋە كارخانىچىسى رابىيە قادىرنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى تەبرىكلىدى ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنى كىشلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ياخشىلاشتا تېخىمۇ كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە چاقىردى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەمگەك ئىشلىرىغا مەسئۇل ياردەمچى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايكېل كوزاك مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا، رابىيە قادىرنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىدىن ئىنتايىن خۇشال بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

"ئۇلار رابىيە قادىرنى قويۇپ بەردى. رابىيە قادىر، سىياسىي سەۋەپ بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپدىن ئۇزۇن مەزگىل تۇتۇپ تۇرۇلغان كىشىلەرنىڭ بىرى ھەمدە ئۇنىڭ مەسىلىسىگە كومىتېتىمىزدىكى بارلىق ئەزالار يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى. ئۇ پەقەت گېزىت-ژورناللارنى ئەۋەتكەنلىكى ئۈچۈنلا، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلىغان دەپ تۈرمىگە تاشلاندى. بۇنىڭغا كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ. لېكىن ئۇنىڭ ھازىر ئەركىنلىككە چىققانلىقىدىن بىز تولىمۇ خۇشال بولدۇق".

ئۇيغۇر مەسىلىسىدە رابىيە قادىرنىڭلا قويۇپ بېرىلىشى تېخى يېتەرلىك ئەمەس

مەن شۇنى ئېنىق دەپ قوياي. ئۇنى قويۇپ بەرگەنلىكنىڭ ئۆزىلا يېتەرلىك بولمايدۇ…… شۇنداقلا بىز بۇ ھەقتە خىتاي ھۆكۈمىتىگە داۋاملىق بېسىم ئىشلىتىمىز.

مايكېل كوزاك يەنە، گەرچە خىتاينىڭ رابىيە قادىرنى قويۇپ بېرىشى بىر ئىلگىرىلەش بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭ يەنە يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:

"مەن شۇنى ئېنىق دەپ قوياي. ئۇنى قويۇپ بەرگەنلىكنىڭ ئۆزىلا يېتەرلىك بولمايدۇ. بىز بۇنى پەقەت 'بىر قەدەم ئىلگىرلەش' دەپ قارشى ئالىمىز. بىز بۇنىڭدىن سىرت يەنە خىتايدىكى باشقا نۇرغۇن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىگە ۋە ھازىرغىچە تۈرمىدە يېتىۋاتقان سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلىمىز. شۇنداقلا بىز بۇ ھەقتە خىتاي ھۆكۈمىتىگە داۋاملىق بېسىم ئىشلىتىمىز".

ئامېرىكا ب د ت دا خىتاينى ئەيىبلەيدىغان قارارنى سۇنمايدىغان بولدى

ئامېرىكىدا چىقىدىغان ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتىنىڭ پەيشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رابىيە قادىرنى قويۇپ بېرىش بەدىلىگە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن، جەنۋەدە ئېچىلىۋاتقان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ يىللىق يىغىنىدا خىتاينى تەنقىتلەيدىغان قارار سۇنماسلىقىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى كۆرسەتكەن. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن باياناتچىسى ئادام ئىرەلى بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:

"بىز ھەقىقەتەن رابىيە قادىرنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ھەققىدە كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كەلدۇق. رابىيە قادىرنىڭ قويۇپ بېرىلىشى، بىزنىڭ جەنۋەدە خىتاينى ئەيىبلەيدىغان قارارنى سۇنماسلىقىمىزدا بىر سەۋەپ بولدى. ئەمما بۇ بىردىن-بىر سەۋەپ ئەمەس. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى بەزى ساھەلەردە بىز بىلەن ماسلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. مەسىلەن، خىتاي ب د ت خادىملىرىنىڭ خىتاينى زىيارەت قىلىشىغا يول قويدى ھەمدە خەلقئارا قىزىل كرېست جەمئىيىتىنىڭ بېيجىڭدا ئىشخانا قۇرۇشىغا ماقۇل بولدى".

ئادام ئىرەلى يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىدىكى بۇ ئىلگىرلەشلەرنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى، ئەمما خىتايدا بۇنىڭدىن سىرت يەنە نۇرغۇن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى مەۋجۇت بولۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتە خىتايغا ئىزچىل بېسىم ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رابىيە خانىمنىڭ قويۇپ بېرىلىشىگە، كوندولىزا رايسنىڭ زىيارىتى سەۋەپ بولدى

"ئەلبەتتە يەنە نۇرغۇن مەسىلىلەر مەۋجۇت. مەسىلەن ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتايدا يەنىلا نەچچە ئونمىڭلىغان سىياسىي مەھبۇسلار تۈرمىدە يېتىۋاتىدۇ.

ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلىپ كەلگەن ھەمدە رابىيە قادىر مەسىلىسىگە كۆپ كۆڭۈل بۆلگەن ئامېرىكىنىڭ دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىغا مەسئۇل سابىق ياردەمچى مىنىستىر لورېن كرېينېر بۇ ھەقتە رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، رابىيە خانىمنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىدىن ئۆزىنىڭ ئىنتايىن خۇشال بولغانلىقىنى بىلدۈردى. بىز ئۇنىڭدىن خىتاينىڭ رابىيە قادىرنى بۇنداق تۇيۇقسىز قويۇپ بېرىشىدىكى سەۋەبىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندولىزا رايسنىڭ خىتايغا قىلىدىغان زىيارىتىنىڭ بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەپ ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:

"رايس خانىم يېقىندا خىتايغا زىيارەتكە بارىدۇ. مېنىڭچە بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رابىيە قادىرنى بۇ مەزگىلدە قويۇپ بېرىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەپ. كوندولىزا رايس، رابىيە قادىر مەسىلىسىنى ئوبدان بىلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭغا شۇنداق قىزىقىدۇ. شۇنداقلا بۇ ئۇنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن خىتايغا قىلىدىغان تۇنجى زىيارىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا خىتاي بۇنىڭ قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىدۇ".

لورېن كرېينېر سۆزىدە، رابىيە قادىرنىڭ قويۇپ بېرىلىشى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ جەنۋەدە خىتاينى ئەيىبلەيدىغان قارارنى سۇنماسلىقىدىكى بىر مۇھىم سەۋەپ بولالايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلىدىكى جەنۋە يىغىنى ئالدىدا رابىيە قادىرنىڭ كېسىمىنى بىر يىل قىسقارتقانلىقى سەۋەبىدىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن يىلىمۇ جەنۋەدە خىتاينى ئەيىپلەيدىغان قارارنى سۇنمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يەنە نەچچە ئونمىڭلىغان كىشى خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتىدۇ

ئەلبەتتە بۇ يەنە داۋاملىشىدۇ. رابىيە قادىر ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ بىر سىمۋولى. لېكىن ئۇ ئۇيغۇر مەسىلىسى ئەمەس. بۇنىڭدىن سىرت يەنە سۆھبەتلىشىدىغان ۋە ئىلگىرى سۈرۈشكە تېگىشلىك نۇرغۇن ئۇيغۇر مەسىلىلىرى بار.

رابىيە خانىمنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن سىرت، خەلقئارادىكى ھەر قايسى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى قارشى ئالدى. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئامېرىكىدىكى ۋەكىلى ت . كۇمار، رابىيە خانىمنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە، خىتايدا جۈملىدىن ئۇيغۇر ئېلىدە يەنە نۇرغۇن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

"ئەلبەتتە يەنە نۇرغۇن مەسىلىلەر مەۋجۇت. مەسىلەن ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتايدا يەنىلا نەچچە ئونمىڭلىغان سىياسىي مەھبۇسلار تۈرمىدە يېتىۋاتىدۇ. شىنجاڭ خىتايدىكى سىياسىي جىنايەتچىلەرگە ئۆلۈم جازسى بېرىلىدىغان بىردىن-بىر جاي. بۇنىڭدىن سىرت يەنە، تۈرمىلەردىكى قىيىن-قىستاقلار، دىنىي ئەركىنلىك دەپسەندىچىلىكى، سۆز ۋە مەتبۇئات ئەركىنلىكنىڭ بوغۇلۇشى ۋە پىلانلىق تۇغۇت قاتارلىق نۇرغۇن كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى خىتايدا يەنىلا ئېغىر".

ئۇيغۇر مەسىلىسىگە داۋاملىق كۆڭۈل بۆلىمىز

ت . كۇمار سۆزىدە يەنە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندولىزا رايسنى خىتايدىكى زىيارىتىدە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا چاقىردى. شۇنداقلا ئۇ ئاخىرىدا خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە داۋاملىق كۆڭۈل بۆلۈپ تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. لورېن كرېينېر ئەپەندىمۇ ئوخشاشلا، رابىيە خانىمنىڭ قويۇپ بېرىلىشى بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى تىرىشچانلىقىنىڭ توختاپ قالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

" ئەلبەتتە بۇ يەنە داۋاملىشىدۇ. رابىيە قادىر ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ بىر سىمۋولى. لېكىن ئۇ ئۇيغۇر مەسىلىسى ئەمەس. بۇنىڭدىن سىرت يەنە سۆھبەتلىشىدىغان ۋە ئىلگىرى سۈرۈشكە تېگىشلىك نۇرغۇن ئۇيغۇر مەسىلىلىرى بار. بىز بۇنىڭغا داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز".

رابىيە قادىر 1999 - يىلى 8 -ئايدا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، ئۇنىڭغا "دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش" جىنايىتى بىلەن 8 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەن. ئۇ 6 يىل تۈرمىدە ياتقاندىن كېيىن بۇ يىل 3 - ئاينىڭ 17 - كۈنى قويۇپ بېرىلدى. ئەمما خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەقتە ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىدى. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.