
تېخى ئون بەش ئاي ئاۋۋال خىتاي تۈرمىسىدىن ئەركىنلىككە ئېرىشكەن ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىرخانىمنىڭ ئوغۇللىرى، قاھار ئابدۇرېھىم، ئابلىكىم ئابدۇرېھىم ۋە ئالىم ئابدۇرېھىمنىڭ يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، قىزى روشەنگۈلنىڭ نەزەربەند قىلىنغانلىقى، دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ بولۇپمۇ ئامېرىكىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
رابىيە قادىر خانىمنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتۇلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنىڭ تارقىلىشى بىلەن بىرگە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى جىددىي ئىنكاس قايتۇردى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ بۇ ۋەقەدىن ئەندىشىلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئىگىلەشلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا بېرىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ رابىيە خانىمنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ناھايتى جىددىي بىر مەسىلە دەپ قارايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ھەمدە ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق خىتاي باش ئەلچىسىنى مىللىي بىخەتەرلىك كېڭىشىگە چاقىرتىپ، باش ئەلچىگە رابىيە خانىمنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىشى ۋە خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئۇلارغا قاراتقان مۇئامىلىسىنىڭ ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە سەلبىي تەسىر يەتكۈزىدىغان بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.
6-ئاينىڭ 23 - كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ نوپۇزلۇق ئەزاسى ۋە دۆلەت مەجلىسى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ رەئىسى ھانر ھايد، مەزكۇر كومىتېتنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئەزاسى ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كىشىلىك ھوقۇق گۇرۇپپىسىنىڭ رەئىسى تام لەنتوس ئەپەندىلەر خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋغا بىر خەت ئەۋەتىپ، رابىيە قادىر خانىمنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتۇلغانلىقىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن ھەمدە ئۇلارنىڭ تېزدىن ۋە شەرتىژ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغان.
ھانرى ھايد ۋە تام لەنتوس ئەپەندىلەر، خۇ جىنتاۋغا يېزىلغان خەتنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بارلىق ئەزالىرىغا تارقىتىپ، ئۇلارنى بۇ خەتنى ئۆزلىرىنىڭ نامىدا خىتاي دۆلەت رەئىسىگە ئەۋەتىشكە چاقىرغان.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ رەئىسى ھانرى ھايد ۋە دۆلەت مەجلىسى كىشىلىك ھوقۇق گۇرۇپپىسىنىڭ رەئىسى تام لەنتوس ئەپەندىلەر خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋغا ئەۋەتكەن خېتىدە مۇنداق دېگەن:
"سىزنىڭمۇ خەۋرىڭىز بولغاندەك، بۇ يىل ماي ئېيىنىڭ ئاخىرىدا، رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئۈچ بالىسى تۇتۇلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىككىسى قاتتىق ئۇرۇلغان ھەمدە ئۇلارنىڭ باشقا ئائىلە ئەزالىرىمۇ ۋاقىتلىق تۇتۇلغان ۋە قاتتىق قورقۇتۇلغان، تەھدىتگە ئۇچرىغان.
بىزنىڭ ھۆكۈمىتىمىز، سىزنىڭ بىخەتەرلىك خادىملىرىڭىزنىڭ بۇ قىلمىشىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ، رابىيە قادىر خانىمنىڭ پەرزەنتلىرىنى قۇتقۇزۇشقا تىرىشتى. سىزنىڭ بىخەتەرلىك ئورگانلىرىڭىز ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى تەلەپلىرىنى رەت قىلىپلا قالماي، 6- ئاينىڭ 13- كۈنى رابىيە قادىرخانىمنىڭ يەنە بىر ئوغلى يەنى قاھار ئابدۇرېھىمنى ئاقسۇدا تۇتقۇن قىلدى. بىز رابىيە خانىمنىڭ ئۈچ ئوغلى ئالىم ئابدۇرېھىم، ئابلىكىم ئابدۇرېھىم ۋە قاھار ئابدۇرېھىمنىڭ قولغا ئېلىنغانلىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرىمىز ھەمدە ئۇلارنىڭ تېزدىن ۋە شەرتسىز قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز.
ھانرى ھايد ۋە تام لەنتوس ئەپەندىلەرنىڭ خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋغا ئەۋەتكەن خېتىدە يەنە مۇنداق دىيىلگەن:
6-ئاينىڭ 13- كۈنى قاھار ئابدۇرېھىم باج ئوغرىلاش ۋە ساقچىلار بىلەن ھەمكارلاشماسلىق، ئابلىكىم ئابدۇرېھىم دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنۇش ۋە ئالىم ئابدۇرېھىم ۋەتەننى پارچىلاش ئۈچۈن تەشكىلات قۇرۇش ۋە باج ئوغرىلاش دېگەنگە ئوخشاش جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەندى. رابىيە خانىم تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلىپ، ئامېرىكىغا ئەۋەتىلگەن چاغدا، سىزنىڭ بىخەتەرلىك قىسىملىرىڭىزنىڭ رابىيە قادىر ئائىلىسىگە رابىيە قادىرنىڭ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى ئۈچۈن ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بارماسلىقى توغرىسىدا قىلغان تەھدىتلىرىنى نەزەردە تۇتساق، ھۆكۈمىتىڭىز رابىيە خانىمنىڭ پەرزەنتلىرىگە يۈكلىگەن جىنايەتلەرنىڭ ئىشەنچسىزلىكى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. قانداق بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، رابىيە قادىر خانىمنىڭ نەۋرىلىرىگە قارىتىلغان مۇئامىلە، پەرزەنتلىرىگە ئىشلىتىلگەن قاتتىق قوللۇقنى ھەقلىق قىلىپ كۆرسەتكىلى بولمايدۇ. بىز رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئائىلە ئەزالىرىغا قارىتىلغان مۇئامىلىنى خىتاي ئاساسىي قانۇنىدا بېكىتىلگەن خىتاي پۇقرالىرىنى قوغداش قانۇنلىرىغا ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى قول قويغان خەلقئارا كېلىشىملەرگە خىلاپ بىر ھەرىكەت دەپ قارايمىز.
ھانرى ھايد ۋە تام لەنتوس ئەپەندىلەر خۇ جىنتاۋغا ئەۋەتكەن خېتىنى مۇنداق ئاخىرلاشتۇرغان:
"جانابىي پرېزىدېنت، رابىيە قادىر خانىمنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى، ئۇنىڭ ئائىلە ئەزالىرىغا قارىتىلغان تەھدىتنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى شۇنداقلا، ئۇلارغا قارىتىلغان قاتتىق قول مۇئامىلە، دۇنيا دۆلەتلىرىنى بېئىجىڭدا جەم بولۇپ 2008- يىلى ئولىمپىك تەنھەرىكەت يېغىنىنى دوستلۇق ۋە تىنچلىق روھى بىلەن ئۆتكۈزۈشكە چاقىرىۋاتقان بىر دۈلەت ئۈچۈن قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان بىر ھەرىكەت.
ئاخىرىدا بىز، سىزدىن يەنە بىر قېتىم، رابىيە قادىر خانىمنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ دەرھال ۋە شەرتسىز قويۇپ بېرىلىشىنى، ئۇنىڭ نەۋرىلىرى ۋە تۇققانلىرنىڭ سالامەتلىكى ۋە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشىڭىزنى تەلەپ قىلىمىز".