سەككىز سانائەت دۆلىتىنىڭ رۇسىيىنىڭ سانكىت پېتىربۇرگ شەھىرىدىكى يىغىنىدىن بىر كۈن بۇرۇن سانكتپېتېربۇرگقا يېتىپ كەلگەن ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ قىزغىن كۈتۈۋېلىشىغا ئېرىشتى ھەمدە ئىككى پرېزىدېنت رەسمى سوھبەت ئۆتكۈزدى.
رۇسىيىنىڭ ئىنتېرفاكىس قاتارلىق ئاگېنتلىقلىرىنىڭ ئۇچۇر بېرىشىچە، جۈمە كۈنى جورجى بۇش ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى لورا بۇش سانكتپېتېربۇرگ شەھىرى يېنىدىكى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ تۇرالغۇ جايىدا پۇتىن ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسىنىڭ قىزغىن كۈتۈۋېلىشىغا ئېرىشكەن.
ئائىلىۋى دوستلۇق كەيپىياتىدىكى ئۇچرىشىش
ئۇلار ئارىسىدىكى بۇ ئۇچرىشىش رەسمى تۈس ئالمىغان بولۇپ، ئىككى پرېزىدېنت ۋە ئۇلارنىڭ خانىملىرى ئەركىن ئازادە ئائىلىۋى دوستلۇق تەرىقىسىنى ئالغان مېھماندارچىلىق كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرگەن .
"نېۋسرۇ"ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇلارنىڭ ئۇچرىشىش ھەققىدىكى تەپسىلىي مەلۇماتلىرىدىن قارىغاندا، ئۇلار ئارىسىدىكى دوستانە ئۇچرىشىشتا تەرجىمانمۇ ئىشلىتىلمىگەن. ۋلادىمىر پۇتىن جورجى بۇشقا ئۆزىنىڭ 1972-يىلى ھەيدىگەن تۇنجى ماشىنىسىنى كۆرسەتكەن. رۇسىيە ئاگېنتلىقلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇلار ئارىسىدىكى بۇ ئۇچرىشىش بەكمۇ ئىللىق كەيپىياتتا ئۆتكەن بولۇپ، تولۇق ئائىلىۋى دوستلۇقى تۈسى ئالغان. ۋلادىمىر پۇتىن پرېزىدېنت بۇش ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسىنى ئامېرىكىچە " بارباكيۇ" دەپ ئاتالغان كاۋاب تۈرى بىلەن مەھمان قىلغان.
بۇش بىلەن پۇتىن سۆھبەتتىن رازى بولغان
ئىنتېرفاكىس ئاگېنتلىقىنىڭ ۋە ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، شەنبە كۈنى جورجى بۇش بىلەن ۋلادىمىر پۇتىن رۇسىيە –ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە رەسمى سۆھبەت ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ئىران، شىمالىي كورىيە مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا مەسىلىلەر ھەمدە تېررورىزمغا قارشى ئۇرۇش قاتارلىق كۆپ مەسىلىلەردە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغان. سۆھبەتتىن كېيىن بىرلەشمە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش ئۆتكۈزگەن.
نېۋسرۇ ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، ۋلادىمىر پۇتىن ئۆزىنىڭ جورجى بۇش بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدىن رازى بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ" بىز ئىككى تەرەپ ۋە خەلقئارالىق ئاچقۇچلۇق مەسىلىلەر بويىچە بىر قاتار تولۇق كېلىشىملەرنى ھاسىل قىلدۇق" دېگەن.
بۇش بىلەن پۇتىن سۆھبەت نەتىجىسى سۈپىتىدە بىخەتەر ئاتوم ئېنېرگىيىسىنى راۋاجلاندۇرۇپ، بۇنى ئېنېرگىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىش ، ئاممىۋى قىرىش خاراكتېرلىق قوراللارنىڭ تارقىلىشىغا ھەمدە تېررورىزمغا قارشى ئورتاق كۈرەش قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەر بويىچە مەخسۇس تەشەببۇسنامە ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ مەزكۇر تەشەببۇسلىرىنىڭ سەككىز سانائەت دۆلىتىنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىنىدىكى مۇزاكىرە تېمىسى بولۇشى تەكىتلەنگەن.
ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسى
ئىككى پرېزىدېنت ئوتتۇرا شەرقتە كېتىۋاتقان ۋەزىيەتكە ئوخشاشلا كۆڭۈل بۆلۈدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن. جورجى بۇش ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىنى تىنچلىق سۆھبىتى ئارىلىق ھەل قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ سۈرىيە ھۆكۈمىتىنى " ھىزبۇللانىڭ" مەسىلىنى ھەل قىلىشىدا تۈرتكىلىك رول ئويناشقا چاقىرغان.
ئىران ۋە شىمالىي كورىيە مەسىلىسى
بۇ قېتىمقى سۆھبەتلەر جەريانىدا ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە شىمالىي كورىيە ۋە ئىرانغا ئورتاق سىگنال بېرىشكە كېلىشىپ، ئۇلارنىڭ يادرو قوراللىرى پىلانىنى بىرلىكتە چەكلەشكە پۈتۈشكەن. رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا تېررورىزمغا قارشى شۇنىڭدەك ئاممىۋى قىرغىن قىلىش خاراكتېرلىق قوراللارنىڭ تارقىلىشىغا نىسبەتەن بىرلىكتە كۈرەش قىلىشقا قوشۇلغان.
دېموكراتىيە مەسىلىسىمۇ مۇزاكىرە قىلىنغان
ئىنتېرفاكىس ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، جورجى بۇش بىلەن ۋلادىمىر پۇتىن ئارىسىدا رۇسىيىدىكى دېموكراتىيىنىڭ چېكىنىپ كېتىۋاتقانلىقى ھەققىدىمۇ پىكىر ئالماشتۇرۇشلار بولغان. بۇش بىلەن پۇتىننىڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ۋلادىمىر پۇتىن غەرب دۆلەتلىرىنىڭ رۇسىيىنى دېموكراتىيە جەھەتتە چېكىنىپ كەتكەنلىك بىلەن ئەيىبلىشىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ،" رۇسىيە ئۆزىدىكى دېموكراتىيىنى قانداق تەرەققى قىلدۇرۇشنى باشقا ھەر قانداق بىر دۆلەتتىن ئەڭ ياخشى بىلىدۇ" دېگەن. جورجى بۇش رۇسىيىنىڭ خۇددى ئىراقتىكىگە ئوخشاش دېموكراتىيە يولىغا مېڭىشىنى، چۈنكى ھازىر ئىراقتا سۆز ۋە مەتبۇئات ئەركىنلىكى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا، ۋلادىمىر پۇتىن، ھېچكىمنىڭ رۇسىيىگە دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنى ئۆگەتمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن " بىز رۇسىيىدە خۇددى ئىراقتىكىگە ئوخشاش دېموكراتىيە بولۇشنى خالىمايمىز" دەپ كەسكىن ئېيتقان.
جورجى بۇش رۇسىيىنىڭ ئامېرىكىچە دېموكراتىيىنى قوبۇل قىلماسلىقىغا قوشۇلۇپ،" رۇسىيەدە رۇسىيىچە دېموكراتىيە ئۇسۇلى بار، ئۇ چوقۇم ئامېرىكىدىكى بىلەن ئوخشىماسلىقى كېرەك" دەپ بىلدۈرگەن.
رۇسىيىنىڭ دېموكراتىيە جەھەتتە چېكىنىپ كەتكەنلىكى، ۋلادىمىر پۇتىنىڭ بارلىق ھوقۇقلارنى ئۆز قولىغا ئېلىپ، مۇستەبىت تۈزۈم ئورنىتىۋاتقانلىقى يېقىندىن بۇيان غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئىزچىل تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلگەن ئىدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىمۇ بۇ مەسىلىدە ۋلادىمىر پۇتىننى تەنقىد قىلغان. كۆزەتكۈچىلەر بۇ قېتىمقى بۇش-پۇتىن ئۇچرىشىشىدا دېموكراتىيە مەسىلىسىدىكى ئىختىلاپلارنىڭ ساقلىنىپ قالغانلىقىنى، ئەمما ئۇنىڭ بەدىلىگە ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى بىرى قىسىم خەلقئارا مەسىلىلەر ھەققىدىكى ئىختىلاپلارنىڭ ھەل بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا.
كۆزەتكۈچىلەر بۇ ئۇچرىشىشنىڭ رۇسىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ يېقىنقى يىلدىن بۇيان سوغۇقلىشىپ قالغان مۇناسىۋەتلىرىنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئىللىتىش رولىنى ئوينىغانلىقىنى ھۆكۈم قىلىشماقتا.
رۇسىيىنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىش مەسىلىسىدە ئۆزگىرىش بولمىغان
ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش ئامېرىكا-رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇلارنىڭ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ" ياخشى" ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ئەمما، رۇسىيىنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىش مەسىلىسى ھەققىدىكى تەلىپى بۇ قېتىم نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن بولۇپ، نۆۋەتتە، ئامېرىكا رۇسىيىنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىش مەسىلىسىدە بىردىن –بىر ئېنىق قوللاش ئىپادىسىنى بىلدۈرمىگەن مەملىكەتتۇر. موسكۋا دائىرىلىرى ۋاشىنگتوننىڭ بۇ جەھەتتىكى قوللىشىغا بەكمۇ مۇھتاج بولماقتا، بىراق، بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەر ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ئارىسىدىكى مەزكۇر مەسىلىگە ئائىت سۆھبەتنىڭ بۇ يىل 10-ئايدا ئېلىپ بېرىلىپ، بەلكى 2007-يىلى رۇسىيىنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىشىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلماقتا. (ئۈمىدۋار)