ئامېرىكا - رۇسىيە ئارىسىدا قايتا سوغۇق ئۇرۇش ۋەزىيىتى شەكىللىنەمدۇ؟


2007.03.06

ئامېرىكىنىڭ شەرقىي ياۋروپادا باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئە كۆرۈش سىستېمىسى ئورنىتىش پىلانى رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدىكى پىكىر ئىختىلاپىنى كۈچەيتىۋەتتى. نەتىجىدە، كۆزەتكۈچىلەر سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ۋەزىيىتىنىڭ قايتا شەكىللىنىپ قېلىشى، بۇ قېتىمقى سوغۇق مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئىلگىرىكىدىن ئېغىرراق بولۇشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلىشماقتا.

زىددىيەتنىڭ مەنبەسى- ئىستراتېگىيىلىك قوراللار مەسىلىسى

بۇ يىل 1-ئايدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى پولشا ۋە چېخ جۇمھۇرىيىتى بىلەن سوھبەت ئۆتكۈزۈپ، باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئە كۆرۈش سىستېمىسىنىڭ بىر قىسىم ئەسلىھەلىرىنى بۇ ئىككى دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش ھەققىدە كېلىشىم ھاسىل قىلغان شۇنىڭدەك ئامېرىكا ھۆكۈمىتى مەزكۇر سىستېمىنى قۇرۇش مەقسىتىنىڭ رۇسىيىگە قارىتىلمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھەمدە يەنە رۇسىيىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارنى شەرقىي ياۋروپادا قۇرۇلماقچى بولغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئە كۆرۈش سىستېمىسى ھەققىدىكى مەزكۇر كېلىشىمدىن خەۋەردار قىلغان ئىدى. بىراق، رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ميۇنخېندا ئېچىلغان يىغىن جەريانىدا ھەمدە كېيىن موسكۋادا ئېچىلغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا قايتا-قايتا ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر پىلانىنى ئەيىبلەپ، رۇسىيىنىڭ بۇ پىلانغا نىسبەتەن ئاكتىپ ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن، ئارقىدىنلا رۇسىيە باش قوماندانلىق شىتابىنىڭ باشلىقى بالۇيېۋسكىي ئامېرىكىنىڭ شەرقىي ياۋروپادا قۇرماقچى بولغان بۇ سىستېمىسىنىڭ 1987-يىلى ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئارىسىدا تۈزۈلگەن ئوتتۇرا مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى چەكلەش كېلىشىمىگە خىلاپ ئىكەنلىكى، رۇسىيىنىڭ مەزكۇر كېلىشىمدىن چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

پۇتىن يېڭى قورال كەشىپ قىلىپ ئامېرىكىغا تاقابىل تۇرماقچى

رۇسىيە ھەربىي دائىرىلىرى پەقەت ئامېرىكىغا ئەمەس بەلكى يەنە، پولشا بىلەن چېخنىڭ ئامېرىكىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئە كۆرۈش سىستېمىسى قۇرۇشىغا قوشۇلغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى، راكېتا قىسىملىرىنىڭ قوماندانى پولشا بىلەن چېخنىڭ رۇسىيە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنىڭ ھۇجۇم نىشانى بولىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى. ھەتتا، ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ شەرقىي ياۋروپادا قۇرماقچى بولغان مەزكۇر پىلانىغا رۇسىيە بىلەن ئىستراتېگىيىلىك مەنپەئەتلەر توقۇنۇشىغا ئىگە گرۇزىيە ھەم ئۇكرائىنىيىمۇ قىزىقىشىنى بىلدۈرۈپ، ۋاقتى كەلسە مەزكۇر سىستېمىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. بۇ ئەھۋال رۇسىيىلىكلەرنى تېخىمۇ بىئارام قىلغان.

بۇنىڭدىن نارازى بولغان رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ئامېرىكىنىڭ پىلانىغا قارشى رۇسىيىنىڭ يېڭى ئەۋلاد ئىستراتېگىيىلىك قوراللىرى سىستېمىسىنى كەشىپ قىلىدىغانلىقى ۋە ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە " بىز دەۋاتقان بۇ قورال پۈتۈنلەي يېڭى تىپتىكى ئىستراتېگىيىلىك قورال سىستېمىسىدىن ئىبارەت. مەن دەپ ئۆتتۈمكى، بۇ يېڭى خىلدىكى ئىستراتېگىيىلىك قورال سىستېمىسىنىڭ سۈرئىتى ئاۋازدىن يۇقىرى دەرىجىدە تېز بولۇپ، بۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ ئۇچۇش يولى، ئۇچۇش ئېگىزلىكى ۋە ئۇچۇش يۆنىلىشى داۋاملىق ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، بۇنىڭ ئالدىدا باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئە كۆرۈش سىستېمىسى قىلچە رولى قالمايدۇ" دەيدۇ.

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ ئۇچۇرىدىن قارىغاندا رۇسىيە پارلامېنتىدا بولغان مۇزاكىرىدە بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى ئامېرىكىنىڭ بۇ سىستېمىسىنىڭ رۇسىيىگە قارىتىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇش تەدبىرى ئېلىش پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان، بىر نەپەر پارلامېنت ئەزاسى ئاشكارا ھالدا ئامېرىكىنىڭ ياۋروپادا باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئە كۆرۈش سىستېمىسى ئورنىتىشى خەلقئارا تېررورىزمنى تەھدىتىگە ئەمەس، بەلكى بىۋاسىتە رۇسىيىگە قارىتىلغان دەپ كۆرسەتكەن.

موسكۋا ۋاشىنگتونغا قارشى بېيجىڭ قەرتى ئوينايدۇ

لېكىن، رۇسىيە-ئامېرىكا ھەربىي ئىشلار مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قارىشى باشقىچە بولۇپ، بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدا بۇنىڭلىق بىلەن ھەربىي تەييارلىقلار مۇسابىقىسى يۈز بەرمەيدىغانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر پىلانىنىڭ رۇسىيە ئۈچۈن تەھدىد ئەمەسلىكىنى، رۇسىيە ھەربىي ۋە ھۆكۈمەت ئەربابلىرىنىڭ باياناتلىرىنىڭ چولتا ۋە نامۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىشكەن.

"نىيورك ۋاقتى" گېزىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان رۇسىيە-ئامېرىكا ئىختىلاپى مەسىلىسى ھەققىدىكى ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، گەرچە ئامېرىكا رۇسىيە تەرەپتىن كۆپ تەنقىدلەرگە ئۇچرىسىمۇ، بەرىبىر ئۆز پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىۋېرىدۇ شۇنىڭدەك يەنە شىمالىي ئاتلانتىك ئويان ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ كېڭىيىشىنى قوللايدۇ. شىمالىي ئاتلانتىك ئويان ئەھدى تەشكىلاتىمۇ رۇسىيىنىڭ بۇ خىل ھەيۋە خاراكتېرلىق ئەيىبلەشلىرىگە نارازى بولغان. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىزچىل تۈردە رۇسىيىگە چۈشەنچە بېرىپ، ئۆزلىرىنىڭ مەزكۇر مۇداپىئە سىستېمىسىنىڭ رۇسىيىگە قارىتىلميدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق رۇسىيە بۇنىڭغا ئىشەنمەي كەلدى.

ۋاشىنگتون –موسكۋا مۇناسىۋەتلىرى مانا مۇشۇنداق سوغۇقلىشىۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا رۇسىيە قوراللىق كۈچلىرى باش شىتاب باشلىقى بالۇيېۋسكىي تۆت كۈنلۈك خىتاي زىيارىتىنى باشلاپ، خىتاي ھەربىي رەھبەرلىرى بىلەن بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈش، ھەربىي –تېخنىكا ۋە قورال-ياراق سودىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ تەرەپلەر بويىچە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى. رۇسىيىنىڭ "مۇستەقىللىق" گېزىتى ۋاشىنگتون بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەر سوغۇقلىشىپ قالغانلىقى ئۈچۈن موسكۋانىڭ بېيجىڭ بىلەن ھەربىي ئىتتىپاق شەكىللەندۈرۈش ئارقىلىق ئامېرىكىغا تاقابىل تۇرۇشقا ئىنتىلىۋاتقانلىقىنى، رۇسىيىنىڭ ئاسىيادا ئۆزىنىڭ ھەربىي شېرىكلىرىنى بەرپا قىلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ كېلىشىمى بويىچە بۇ يىل 7-ئايدا رۇسىيە-خىتاي ئارمىيىسىنىڭ بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرنى ئۆتكۈزۈلۈش پىلانلانغان بولۇپ، بۇ ئىككى دۆلەت 2005-يىلى خىتاي تەۋەسىدە 10 مىڭ كىشىلىك قوشۇن قاتناشقان تۇنجى قېتىملىق بىرلەشمە مانېۋىر ئېلىپ بارغان. كۆزەتكۈچىلەر بۇ مانېۋىرنىڭ رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ بىرلىشىپ، ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى تەسىرىگە ئىنكاس بىلدۈرۈپ، مەزكۇر رايوندا بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ كۈچىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى كۆرسىتىپ قويۇشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن ئىدى. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.