جورج بۇش پۇتىننى مۇداپىئە سىستېمىسىدىن قورقماسلىققا دەۋەت قىلدى


2007.06.05

BUSH-IN-PRAGUE-200.jpg
پرېزىدېنت بۇش چېختىكى يىغىندا، بارلىق سىياسى مەھبۇسلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى سورىدى. Czech Republic 05 June 2007. US President George W. Bush called Tuesday for the "immediate and unconditional release" of many dissidents in countries such as Belarus, Myanmar, Cuba and Vietnam. / AFP PHOTO/Jim WATSON

ئامېرىكىنىڭ شەرقىي ياۋروپادا باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئە كۆرۈش سىستېمىسى ئورنىتىش پىلانى رۇسىيىنى ئەندىشىگە سالغان بولۇپ، بۇ مەسىلىدە ئىككى دۆلەت ئارىسىدا پىكىر ئىختىلاپلىرى داۋاملىشىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللارنىڭ بىرىگە ئايلانغان ئىدى. سەككىز سانائەتلەشكەن دۆلەت رەھبەرلىرى يىغىنى ھارپىسىدا ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش رۇسىيىنى مەزكۇر سىستېمىدىن قورقماسلىققا چاقىرىپ، بۇنىڭ رۇسىيىگە تەھدىت ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈردى.

بۇش پۇتىننى قورقماسلىققا چاقىردى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش سانائەتلەشكەن 8 دۆلەت يىغىنى ھارپىسىدا ئۆزىنىڭ ياۋروپادىكى بەش دۆلەتكە قاراتقان سەپىرىنى سەيشەنبە كۈنى ئالدى بىلەن چېخىيە جۇمھۇرىيىتىدىن باشلىدى.

پرېزىدېنت بۇش چېخ جۇمھۇرىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى ۋاسلاۋ كلائۇس ۋە چېخ باش مىنىستىرى قاتارلىق ئەربابلار بىلەن كۆرۈشۈپ، ئامېرىكا-چېخ مۇناسىۋەتلىرى جۈملىدىن ئامېرىكىنىڭ شەرقىي ياۋروپا ئورۇنلاشتۇرماقچى بولغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئە كۆرۈش سىستېمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار مەسىلىلەر ھەققىدە توختالدى.

Putin-German-PM-150.jpg
پۇتىن، گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئاڭېلا مېركەل خانىم بىلەن. German Chancellor Angela Merkel shakes hands with Russian President Vladimir Putin 06 June 2007 / AFP PHOTO DDP/MICHAEL KAPPELER GERMANY OUT

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ مۇخبىرى سكوت ستېرنىسنىڭ پراگادىن بەرگەن خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، پرېزىدېنت بۇش ئامېرىكىنىڭ شەرقىي ياۋروپادا ئورۇنلاشتۇرماقچى بولغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئە كۆرۈش سىستېمىسىنىڭ رۇسىيىگە تەھدىت ئەمەسلىكىنى تەكىتلىگەن .

بۇش مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدىكى سۆزىدە رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىننىڭ ياۋروپا قۇرۇلماقچى بولغان مەزكۇر مۇداپىئە سىستېمىسىدىن قورماسلىقىنى تەكىتلەپ، " مەن سەمىمىيلىك بىلەن شۇنداق ھېسابلايمەنكى، باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئە كۆرۈش سىستېمىسى پەقەت مۇداپىئە مەسىلىسىدىن ئىبارەتتۇر. مەن بۇ ھەقتە پرېزىدېنتى پۇتىن بىلەن خەيلىگېندامدا ئېچىلىدىغان سەككىز چوڭ دۆلەت يىغىنىدا ۋە يەنە ئۇ ئىيۇلنىڭ بېشىدا ئۇ ماڭا كەلگەندە سۆزلىشىمەن. مەن ئۇنىڭغا ۋلادىمىر، سەن باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئە كۆرۈش سىستېمىسىدىن قورقماسلىقىڭ كېرەك، بىز ئامېرىكا-رۇسىيە بىرلەشمە سىستېمىسىنى قۇرۇشقا بىرلىكتە قاتنىشىشىمىز مۈمكىن" دېگەن.

سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇش ئاخىرلاشتى

بۇش بۇ سۆزىنى ئېيتىشتىن بىر كۈن ئىلگىرى رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ئامېرىكىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئە كۆرۈش سىستېمىسى ھەققىدە قايتا توختىلىپ، بۇنىڭ رۇسىيە ئۈچۈن تەھدىت ئىكەنلىكىدىن بىشارەت بېرىش بىلەن بىرگە ئەگەر ئامېرىكىنىڭ بۇ سىستېمىنى ئورناتسا، ئۇ چاغدا رۇسىيىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنىڭ نىشانىنىڭ ياۋروپا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، " بىز ئۆز خەۋپسىزلىكىمىزنى قوغدىشىمىز كېرەك ، بۇنداق قىلىشىمىزنىڭ تەشەببۇسكارلىرى بىز ئەمەسمىز " دەپ تەكىتلىگەن.

رۇسىيىنىڭ ئىنتېرفاكىس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پرېزىدېنت بۇش" سوغۇق ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلاشقانلىقى ۋە چېخ خەلقىنىڭ ئوخشاش ۋاقىتتا ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى ۋە رۇسىيىنىڭ دوستى بولالايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ سۆزىدە يەنە " بىز بىرلىكتە كۆپلىگەن مەقسەتلەرگە يېتەلەيمىز، ئۇنىڭ بىرى، ئەركىن دۆلەتلەرنى رەزىل تۈزۈملەر تەرىپىدىن قويۇپ بېرىلىشى مۇمكىن بولغان راكېتالاردىن قوغداشتۇر."

ئامېرىكا پرېزىدېنتى بۇش ئۆز سۆزىدە رۇسىيە پرېزىدېنتىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنىڭ رۇسىيىگە قارىتىلمىغانلىقىنى ھەمدە "بىزنىڭ مەملىكەتلىرىمىزنىڭ دۈشمەنلىرى ئەشۇنداق راكېتالارنى قويۇپ بېرىشقا ئۇرىنىۋاتقان رەزىل تۈزۈملەر ۋە ئەسەبىيلەر" دەپ چۈشەندۈرگەنلىكىنى تەكىتلىگەن .

مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا چېخ باش مىنىستىرى مىرېك توپالانېك مەزكۇر مۇداپىئە سىستېمىسىنى قوللاش مەنىسىنى بىلدۈرۈپ، بۇ سىستېمىنىڭ ياۋروپانىڭ ئەركىنلىكىنى قوغداشنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ مەزكۇر سىستېمىنى ياۋروپا زېمىنىدىكى ئەركىنلىكنى قوغداشقا قوشۇلغان ئورتاق تۆھپە دەپ قارايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

پرېزىدېنت بۇش رابىيە قادىرنى قوبۇل قىلدى

Rabiye-Bush-Rushen0-150.jpg
رابىيە قادىر خانىم ۋە ئۇيغۇر ئامەرىكا بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى رۇشان ئابباس، ئامەرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش بىلەن سۆھبەتتە. Photos are courtesy of UAA / Rushan

5-ئىيۇن كۈنى پرېزىدېنت بۇش پراگادا ئېچىلغان خەلقئارالىق دېموكراتىيە ۋە ئىنسان ھوقۇقى يىغىنىغا قاتنىشىپ، دېموكراتىيە ھەم كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەققىدە نۇتۇق سۆزلىدى. ئىگىلىشىمىزچە، شۇ كۈنى يەنە پرېزىدېنت جورج بۇش ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى لورا بۇش خانىم پراگادا ئۆتكۈزۈلگەن دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىغا قاتناشقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنى قوبۇل قىلغان. رابىيە قادىر خانىم پرېزىدېنت بۇشقا ئۇيغۇرلارنىڭ دوپپىسىنى تەقدىم قىلغان شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن . ئامېرىكا پرېزىدېنتى رابىيە قادىر خانىمغا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پرېزىدېنت بۇش دېموكراتىيە ۋە ئىنسان ھوقۇقى مەسىلىسى ھەققىدە سۆزلىگەن نۇتقى داۋامىدا رابىيە قادىرنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ، ئۇنىڭ دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن كۈرەش قىلغانلىقى سەۋەبىدىن پەرزەنتلىرىنىڭ دىكتاتورلار تەرىپىدىن تۈرمىگە تاشلانغانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتكەن.

ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلىرى ئامېرىكىنىڭ شەرقىي ياۋروپادا باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئە كۆرۈش سىستېمىسى ئورنىتىشىنىڭ رۇسىيىنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچراۋاتقان پەيتتە ھەمدە زور خەلقئارا ئەھمىيەتكە ئىگە سەككىز سانائەتلەشكەن دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ ئېچىلىش ھارپىسىدا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىرنى قوبۇل قىلىشىنى ئۇيغۇرلارنىڭ دېموكراتىك ۋە مىللىي ھەرىكىتىگە زور ئىلھام ۋە ئۈمىد ئېلىپ كېلىدۇ دەپ قارىماقتا. خەۋەرلەردىن قارىغاندا، پرېزىدېنت بۇش سەككىز سانائەتلەشكەن دۆلەت يىغىدىن كېيىن، 8-ئىيۇن كۈنى پولشانى زىيارەت قىلىپ، پولشا پرېزىدېنتى بىلەن باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئە كۆرۈش سىستېمىسى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر بويىچە سۆھبەت ئېلىپ بارىدۇ.

ئامېرىكىنىڭ پىلانى بويىچە پولشا بىلەن چېخىيىگە 10 دانە باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئە كۆرۈش قۇرۇلمىسى ئورۇنلاشتۇرۇلماقچى ، تارىختىن بېرى شەرقىي ياۋروپانى ئۆز تەسىر ئاستىدا تۇتۇشقا ئىنتىلىپ كەلگەن رۇسىيە بۇنى ئۆزىگە نىسبەتەن زور تەھدىت دەپ قارىغان ، نەتىجىدە مەزكۇر مەسىلىدە ئىككى دۆلەت ئارىسىدا پىكىر ئىختىلاپى كۈنسايىن كۈچەيگەن بولۇپ، ئىيۇل ئايلىرىدا پرېزىدېنت پۇتىن ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىپ، پرېزىدېنت بۇش بىلەن مەزكۇر مەسىلە ھەققىدە سۆھبەتلىشىپ، مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرماقچى ئىكەن. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.