ئەرەب مەتبۇئاتلىرى : دۇنيانىڭ كۆزى ئامېرىكىدىكى سايلامدا

مەلۇمكى، 2012-يىلى 6-نويابىر سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكىدا پرېزىدېنتلىق سايلىمى ئېلىپ بېرىلىدىغان كۈن بولۇپ، 300 مىليون ئامېرىكىلىق يېڭى پرېزىدېنتىنى سايلاش سەپەرۋەرلىكىدە. بۇ سەۋەبتىن پۈتۈن دۇنيانىڭ كۆزى ئامېرىكىدا بولماقتا.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئۆمەرجان
2012.11.06
amerika-saylam-2012-yilliq-305.jpg ئامېرىكا پرېزىدېنت سايلىمىدا بىلەت تاشلاۋاتقان كۆرۈنۈش. 2012-يىلى 6-نويابىر، ۋاشىنگتون.
AFP

چۈنكى ئامېرىكىدىكى پرېزىدېنتلىق سايلىمى بىرلا ئامېرىكىلىقلار بىلەنلا مۇناسىۋەتلىك ئىش ئەمەس، بەلكى پۈتۈن دۇنياغا مۇناسىۋەتلىك ۋە دۇنيا سىياسىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان بىر سايلام.

ئەرەب ئەللىرىنىڭ تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنىڭ ھەممىسى ئامېرىكىدىكى پرېزىدېنتلىق سايلىمى بىلەن تولغان. پۈتۈن گېزىتلەر ۋە رادىئو-تېلېۋىزىيە قاناللىرى دىققەت ئېتىبارىنى ئوباما بىلەن رومنېي ئىككىسىگىلا قاراتقان ۋە سايلامدا بۇ ئىككىسىنىڭ قايسىسى ئۇتۇپ چىقىدىغانلىقى، شۇنداقلا دۇنيا سىياسىتىدە قانداق ئۆزگىرىشلەر بولىدىغانلىقى ھەققىدە تەخمىنىي پىكىر ۋە تەھلىللەر بولماقتا.

لوندوندا چىقىدىغان «ئوتتۇرا شەرق» گېزىتىنىڭ 2012-يىلى 6-نويابىر كۈنىدىكى سانىدا، يازغۇچى تارىق ھەمىد تەرىپىدىن «24 سائەت ۋاقىت قالدى» دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان:
«24 سائەتتىن كېيىن ئامېرىكا ۋە پۈتۈن دۇنيا ئامېرىكىنىڭ يېڭى پرېزىدېنتى بىلەن تونۇشىدۇ. بۇنىڭغا ئەگىشىپ كۆپلىگەن ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولۇشى كۈتۈلمەكتە. مەيلى ئوباما قايتا سايلانسۇن، مەيلى يېڭى نامزات رومنېي سايلانسۇن، ئامېرىكىنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى سىياسىتىدە چوقۇم ئۆزگىرىشلەر بولىدىغانلىقى ئېنىق. بۇ ئۆزگىرىشلەر ئامېرىكىلىقلار ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى دۇنيا خەلقى ئۈچۈن تەسىر كۆرسىتىدۇ. خۇسۇسەن، ئوتتۇرا شەرق سىياسىتىگە، ھەممىدىن بەكرەك سۈرىيە مەسىلىسىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. سايلامنىڭ نەتىجىسىنى ئامېرىكىلىقلار ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتۈۋاتقاندەك، پۈتۈن دۇنيا كۈتۈۋاتماقتا. سايلامدىن كېيىن، سۈرىيە مەسىلىسى، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى ھەققىدە ئامېرىكىنىڭ سىياسىتىدە چوقۇم ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقى كۈتۈلمەكتە. ئوبامانىڭ ئىشخانىسىدىكى بەزى مەسئۇللارنىڭ بەرگەن باياناتىغا كۆرە، ئەگەر ئوباما قايتا سايلانسا، سۈرىيە مەسىلىسىدە چوڭ ئۆزگىرىش بولىدىكەن ۋە بۇ كرىزىس ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىنىدىكەن. ھەتتا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ باياناتىدىمۇ شۇنىڭغا ئوخشايدىغان سۆز سۆزلەنگەن.»

سايلامدا كىم ئۇتىدۇ؟

ماقالىدە يەنە مۇنداق دەپ يېزىلغان:
«ئامېرىكىدىكى نۆۋەتتىكى پرېزىدېنتلىق سايلىمىدا، ھازىرقى پرېزىدېنت باراك ئوباما بىلەن يېڭى نامزات مىت رومنېي ئىككىسىنىڭ بىرىنىڭ چوقۇم ئۇتۇپ چىقىدىغانلىقى مۇقەررەر. ئەمما بۇ ئىككىسىنىڭ قايسىسى ئۇتۇپ چىقىدۇ؟ بۇنىڭغا سايلام نەتىجىسىنى كۆرمەستىن ھېچكىم ئېنىق بىر نەرسە دېيەلمەيدۇ. ئەمما تەخمىنلەر باراك ئوبامانىڭ قايتا سايلىنىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىدۇ. ئوبامانىڭ تەرەپدارلىرى ئەگەر ئومابا قايتا رەئىس بولۇپ سايلانسا، ئامېرىكىنىڭ سىياسىتىدە ۋە ئىقتىسادىدا چوقۇم ئۆزگىرىشلەر بولىدىغانلىقىنى ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى كرىزىسلارنىڭ ھەل بولىدىغانلىقىنى سۆزلەيدۇ. مىت رومنېي تەرەپدارلىرى ئەگەر رومنېي سايلانسا، سۈرىيىدە ئەسەد ھاكىمىيىتىگە خاتىمە بېرىلىدىغانلىقىنى ۋە ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىگە جىددىي چارە كۆرۈلىدىغانلىقىنى سۆزلىمەكتە. ھەتتا رۇمىنى سۈرىيىدە ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئاغدۇرۇلۇشى تارىخىي ۋەقەلىك بولىدىغانلىقىنى ۋە رايوننىڭ ئىستراتېگىيىسى ھەم ئامېرىكىنىڭ تىنچلىقى ئۈچۈن پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى سۆزلىگەن. مەيلى ئامېرىكىنىڭ پرېزىدېنتلىقىغا كىم سايلانسۇن، بۇ سايلامنىڭ ئوتتۇرا شەرققە بېرىدىغان تەسىرى كۆپ بولىدۇ ۋە چوقۇم ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىدۇ. بۇنى ھەممە تۆت كۆزى بىلەن كۈتمەكتە.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.