
سەيشەنبە كۈنى ئېلىپ بېرىلغان سايلامدا دېموكراتلار ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسىدىكى 228 ئورۇننى ئىگىلەپ، جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ ئاۋام پالاتاسىدىكى 12 يىللىق سىياسىي مونوپولىيىسىگە خاتىمە بەردى. گەرچە كېڭەش پالاتاسى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان سايلام نەتىجىسى تېخى ئېنىق بولمىسىمۇ، ئەمما دېموكراتلار كېڭەش پالاتاسىنىڭ كونتروللۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان 6 ئورۇننىڭ 5 ئىنى ئاللىقاچان ئىگىلىگەن. دېموكراتلارنىڭ ئاۋام پالاتاسىدا كۆپ سانلىقنى ئىگىلىشى، پرېزىدېنت بۇشنى ھاكىمىيىتىنىڭ ئاخىرقى ئىككى يىلىدا نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىتىشى مۇمكىن.
پرېزىدېنت بۇش سىياسىيىتىنى قايتىدىن كۆزدىن كۆچۈرۈشى كېرەك
سىياسىي مۇلاھىزىچى روجەر كوھەننىڭ ئىنتېرناتسىئونال ھرالد ترىبيون گېزىتىدە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە بىلدۈرۈشىچە، دېموكراتلارنىڭ سايلامدىكى غەلىبىسى بىلەن، پرېزىدېنتنىڭ خەلقئارا تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇش ۋە ئىراق ئۇرۇشى توغرىسىدا ئۆزىدىن باشقا كۆز قاراشتا بولغان كىشىلەرنى خالىغان ۋاقىتتا ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش دەۋرى ئاياقلاشتى. ئەمدى پرېزىدېنت بۇش پۈتۈن سىياسىتىنى قايتىدىن كۆزدىن كۆچۈرۈشى كېرەك.
پرېزىدېنت بۇش سايلامدىن بىر كۈن كېيىن، ئىراق ئۇرۇشىنىڭ باش پىلانلىغۇچىسى دەپ قارالغان ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى دونالد رامىزفىلدنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ئارقىلىق، ئامېرىكا خەلقىنىڭ ئەڭ كۆپ نارازىلىقىنى قوزغاۋاتقان ۋە سەيشەنبە كۈنى ئېلىپ بېرىلغان سايلامدا جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىشىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق سەۋەبى ھېسابلانغان ئىراققا قاراتقان سىياسىتىنى كۆزدىن كۆچۈرىدىغانلىقىنىڭ بىشارىتىنى بەردى.
چارشەنبە كۈنى ئاقسارايدا ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يېغىنىدا، ئىراقتىكى ۋەزىيەتنىڭ سايلام نەتىجىسىگە تەسىر قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان پرېزىدېنت بۇش، دېموكراتلارنىڭ ئەڭ ئاساسلىق تەلەپلىرىدىن بېرى بولغان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى دونالد رامىزفىلدنى ۋەزىپىسىدىن ئالغانلىقىنى جاكارلىدى:
"گەرچە تۈنۈگۈن ئېلىپ بېرىلغان سايلام نەتىجسىدە ۋاشىنگتوندا نۇرغۇن نەرسىلەر ئۆزگەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا قوراللىق قىسىملىرىنىڭ باش قوماندانى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئاساسلىق ۋەزىپەم بولغان بۇ مىللەتنى قوغداش ۋەزىپەم ئۆزگەرمىدى. 6 يىلدىن بېرى مۇداپىئە مىنىستىرى ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان دونالد رامىزفىلد بىلەن ئېلىپ بارغان جىددىي سۆھبەتلەر ئارقىلىق مۇداپىئە مىنستىرلىكىدە ئۆزگىرىش ئېلىپ بېرىش ۋاقتىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى قارار قىلدۇق".
پرېزىدېنت بۇش سابىق ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ رەئىسى روبرت گېتنى يېڭى مۇداپىئە مىنىستىرى قىلىپ تەيىنلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.
بۇش ئىراق مەسىلىسى ھەقىدە توختالدى
سەيشەنبە كۈنىدىكى سايلامدا ئامېرىكا خەلقىنىڭ ئىراقتىكى ۋەزىيەتتىن رازى ئەمەسلىكىنى ئىپادىلىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن پرېزىدېنت بۇش، ئامېرىكا خەلقىنىڭ جۇمھۇئىيەتچىلەر ۋە دېموكراتلارنىڭ ئۆز - ئارا تالاش-تارتىشلارنى بىر تەرەپكە قايرىپ قويۇپ، ئىراق قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:
"ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە ۋە ھەپتىلەردە ، مەن ۋە مىللىي بىخەتەرلىك كېڭىشى ئەزالىرى دۆلەت مەجلىسىدىكى ھەر ئىككى پارتىيىنىڭ رەھبەر ۋە ئەزالىرى بىلەن ئۇچرىشىپ ۋە ئۇلارنىڭ مەسىلىلەرگە بولغان كۆز قارىشىنى ۋە مەسىلىلەرنى قانداق بىر تەرەپ قىلىپ توغرىسىدىكى تەكلىپلىرىنى ئاڭلايمىز" .
پرزىدېنت بۇش، سايلام نەتىجىسىدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى ۋە جۇمھۇرىيەتچى پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن پارتىيىنىڭ سايلامدىكى مەغلۇبىيىتىدە چوڭ مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى:
"تۈنۈگۈنكى سايلامدا خەلق ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە يېڭى بىر يۆنىلىش ئۈچۈن ئاۋاز بەردى. گەرچە كېڭەش پالاتاسى سايلىمدا ئاۋازلار تېخى ھېسابلىنىپ بولمىغان بولسىمۇ، تۈنۈگۈن ئاخشام دېموكراتچىلار ئۈچۈن ياخشى بىر ئاخشام ئىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنى تەبرىكلەيمەن".
بۇش دېموكراتلار بىلەن بولغان تالاش – تارتىشنى ئۇنتۇپ بىرلىكتە خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
چارشەنبە كۈنى ئەتىگەن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى دېموكرات پارتىيە رەھبەرلىرىگە تېلېفون قىلىپ، سايلامدىكى غەلىبىسى ئۈچۈن ئۇلارنى تەبرىكلىگەنلىكىنى ھەمدە ئۇلارنى ئاقسارايغا تەكلىپ قىلغانلىقىنى تەكىتلىگەن پرېزىدېنت بۇش دۆلەت مەجلىسىدىكى جۇمھۇرىيەتچى پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىرىدىن سايلام ھارپىسىدا دېموكراتلار بىلەن ئېلىپ بېرىلغان تالاش-تارتىشلارنى ئۇنتۇپ، دېموكراتلار بىلەن بىرلىكتە مەملىكەتنىڭ ئاساسلىق مەسىلىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
سەيشەنبە كۈنىدىكى سايلامدا ئامېرىكا خەلقىنىڭ يېڭى بىر يۆنىلىش ئۈچۈن ئاۋاز بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى دېموكراتلارنىڭ رەھبىرى نەنسى پەلۇسى، "ئامېرىكا خەلقىنىڭ بولۇپمۇ، ئىراق ئۇرۇشىدا يېڭى بىر يۆنىلىش تەلىپى ناھايىتى ئوچۇق ئىدى. بۇ مەسىلىدە پرېزىدېنت بىلەن بىرلىكتە ئىشلىشىمىز كېرەك. ئىراقتا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مەۋجۇت سىياسەت ھېچقانداق نەتىجە بەرمىدى . مەۋجۇت سىياسەت يا ئىراققا ياكىي رايونغا تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئېلىپ كىلەلمىدى. بۇ سىياسەت چوقۇم ئۆزگىرىشى كېرەك " دېدى. (قانات)