پرىزېدېنت بۇش تېكساستا سەئۇدى ۋەلىئەھدى بىلەن سۆھبەتلەشتى


2005.04.27

سەيشەنبە كۈنى، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج ۋ بۇش، ئۆزىنىڭ تېكساس شىتاتىدىكى قورۇقىدا سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ۋەلىئەھدى ئابدۇللا بىلەن ئۈچ يىلدىن بېرى تۇنجى قېتىم ئۇچرىشىپ، ئۆز - ئارا سۆھبەت ئېلىپ باردى.

ھازىرچە، سۆھبەت مەزمۇنى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بولمىسىمۇ، بىراق بۇ قېتىمقى ئۇچرۇشۇشنىڭ ئالدىدا پرېزىدېنت بۇش: " سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ۋەلىئەھدى نېفىت - گاز باھاسىنى كونترول قىلىشتا ئۆلچەملىك سەۋىيىنى ساقلاپ قالالايدۇ" دېگەن قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

مۆلچەرلەشلەرگە قارىغاندا، ئىككى تەرەپنىڭ سۆھبەت مەزمۇنى ئوتتۇرا شەرقنىڭ تىنچلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، رايوندىكى قارشىلىق كۆرسەتكۈچى قوراللىق كۈچلەرنى باستۇرۇش ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىش مەسىلىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

كۈزەتكۈچىلەر: " پرېزىدېنت بۇش بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، نېفىت باھاسىنىڭ پەۋقۇلئاددە ئۆرلەپ كېتىش مەسىلىسىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىش كېرەك، بۇ نېفىت باھاسىنى ھەل قىلىشتىكى ياخشى بىر پەيت ھېسابلىنىدۇ" دىيىشمەكتە.

بۇ ئارىدا، ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو - تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بۇ ھەقتە خەۋەر بېرىپ، تاشقى دۇنيا ئابدۇللا بىلەن بۇشنىڭ بۇ قېتىم تېكساستا ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىنى ئىنتايىن سەزگۈر بولغان بىر قېتىملىق ئۇچرىشىش دەپ قارايدۇ، سەۋەبى ئۈچ يىل بۇرۇن يۈز بەرگەن 11 - سېنتەبىر ۋەقەسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلارنىڭ كۆپىنچىسى سەئۇدى ئەرەبىستانلىقلار بولۇپ، شۇندىن بېرى ئامېرىكا بىلەن سەئۇدىنىڭ مۇناسىۋىتى جىددىيلىك ئىچىدە داۋاملىشىپ كېلىۋاتاتتى دىگەنگە ئوخشاش مەسىللەرنى بايان قىلدى.

دېمەك، كۈزەتكۈچىلەر بۇنىڭدىن يەنە " يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان مەسىلىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان ئاساستا، ئىككى تەرەپ رەھبەرلىرى، ئورتاق يوسۇندا تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى شۇنىڭدەك ئوتتۇرا شەرق رايونىغا دېموكراتىيىنى تارقىتىشنى ئەڭ ئاساسلىق سۆھبەت تېمىسى قىلىشى مۇمكىن " دېگەن يەكۈننى چىقاردى.

پرېزىدېنت بۇش، ئابدۇللا بىلەن ئۇچرىشىشتىن ئىلگىرى، ئامېرىكا خەلق نۆۋەتتە ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، بولۇپمۇ بۇشنىڭ ئېتىبارىنى ئاشۇرىدىغان مۇھىم مەسىللەردىن بىرى بولغان نېفىت باھاسى ھەققىدە مۇخبىرلارغا سۆز قىلىپ: " سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ رەھبىرى، نېفىت باھاسىنى نورمال ساقلاپ تۇرۇشنىڭ ھالقىلىق مۇھىم مەسىلە ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، شۇڭا مەن ئابدۇللا بىلەن بۇ مەسىلە ئۈستىدە ياخشى مۇزاكىرىلىشىمەن" دىگەن .

ئۆتكەن ھەپتە بۇش يەنە : " مېنىڭ قارىشىمچە، ئۇلار ھېچقاچان نېفىت قۇدۇقلىرىنى كولاپ قۇرۇتۇپ بولمىدى" دەپ ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ سۆزدىن پەقەت سەئۇدىنى مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئاشۇرۇشقا كۆندۈرگەندىلا ، نېفىت باھاسىنىڭ قىممىتىنى چۈشۈرگىلى بولىدۇ دېگەن قاراشنى كۆرىۋالغىلى بولىدىكەن.

بىراق، نېفىت مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قارىشى دەل بۇنىڭ ئەكسىچە ئىكەن، ئۇلار سەئۇدى ئەرەبىستان ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھازىر ئۇلار ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلە پەلەستىن - ئىسرائىلىيە مەسىلىسىنىڭ تىنچلىق بىلەن ھەل قىلىنىشى بولۇپ، سەئۇدى ئەرەبىستان مەزكۇر مەسىلىنىڭ تېنچ يول بىلەن ھەل قىلىنىشى، پۈتكۈل ئەرەپ دۇنياسىنىڭ تىنچلىق پىلانى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك دەپ ھېسابلايدىكەن.

لېكىن، ئىسرائىلىيە غەززە رايونىدىن چېكىنىپ چىقىپ كېتىش سىياسىتىنى يولغا قويۇشقان تەمشىلىۋاتقان بىر مۇھىم پەيتتە، بەلكى پرېزىدېنت بۇش يۇقىرىدا تەكىتلىنىۋاتقان شەرتلەرنى قوبۇل قىلماسلىقى مۇمكىن ئىكەن .(ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.