شىمالىي كورىيىنىڭ سىياسىي ئىقلىمىدا مۇز ئېرىدى، ئەمدى باھار كېلەمدۇ؟

0:00 / 0:00

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈن، 2 ‏- ئاينىڭ 26 ‏- كۈنى شىمالىي كورىيىنىڭ پىنيوڭ شەھىرىدىن خەۋەر قىلىشىچە، بۈگۈن ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك فىلامانىك ئوركېستىرى شىمالىي كورىيىدە ئويۇن قويدى. ئامېرىكا ئوركىستېرىنىڭ بۇ قېتىم شىمالىي كورىيىدىن ئىبارەت يادرو بومبىلىرى بىلەن قوراللانغان ئەشەددىي دۈشمىنى بولغان بۇ كوممۇنىست دۆلىتىدە مۇزىكا ئورۇنلىغانلىقى، پۈتۈن دۇنيانى ھەيران قالدۇرغان بىر قېتىملىق تارىخ يارىتىش بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

شىمالىي كورىيىدە غەرب مۇزىكىلىرى مەنئى قىلىنغان ئىدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، غەربنىڭ پىلامانىك، جاز دەپ ئاتىلىدىغان ھەر خىل كىلاسسىك مۇزىكىلىرى شىمالىي كورىيىدە قەتئىي مەنئىي قىلىنغان مۇزىكىلار ئىدى. بۇنىڭدىن بۇرۇن شىمالىي كورىيىدە غەرب مۇزىكىلىرىنى رەسمىي ئورۇنلاش ئەمەس، پەقەت قايسى بىر ئادەم ئۆزىچە پەس ئاۋاز بىلەن ئېيتىپ سالغان بولسىمۇ، ئۇ جىنايەت ھېسابلىنىپ، بۇنداق كىشى پۈتۈن ئائىلىسى بۇيىچە تۈرمىگە تاشلىناتتى.

خەلقىنى مەدەنىيەت جەھەتتە سىرتقى دۇنيا بىلەن پۈتۈنلەي ئالاقىسىز قالدۇرغان بۇنداق بىر دۆلەتتە، ھازىر ھەتتا ئامېرىكىنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلاپ، ئۇنى شىمالىي كورىيىنىڭ ئۆزىنىڭ رادىئو-تېلېۋىزىيىلىرىدە ئاڭلىتىش -كۆرسىتىش ھەقىقەتەن بۇرۇن تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن بولمىغان بىر يېڭىلىق. پەقەت ئىككى كورىيە رەھبەرلىرى 2000 ‏- يىلى ئۇچراشقاندىن كېيىن، شىمالىي كورىيىگە سىرتقى دۇنيانىڭ ئۇچۇرلىرى تەدرىجى ھالدا كۆپلەپ كىرىشكە باشلاپ، بۇنىڭ بىلەن سىرتقى دۇنيانىڭ شىمالىي كورىيە بىلەن مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئېھتىماللىقى تۇغۇلغان ئىدى.

فلامانىك ئوركېستىرى شىمالىي كورىيىگە كېلىشتىن بۇرۇن ئامېرىكىدا تەنقىدكە ئۇچرىدى

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، نيۇيورك فلامانىك ئوركېستىرى شىمالىي كورىيىگە بېرىش ئالدىدا تۇرغاندا، ئامېرىكىدىكى بەزى ئۇچۇر ۋاستىلىرى بۇ ئوركېستىرنى 'بۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقات قورالى بولۇپ قالغانلىق'، 'شىمالىي كورىيىدە خەلقنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلغان كوممۇنىست مۇستەبىتى كىم يوڭئېلنىڭ ئورنىنى خەلقئارادا قانۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن ياردەم قىلغانلىق' دەپ تەنقىدلىگەن ئىدى.

فلامانىك ئوركېستىرى 1959‏- يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئويۇن قويغاندا دۇنيانى تاڭ قالدۇرغان ئىدى، كېيىن خىتايدا...

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ فلامانىك ئوركېستىرى 1959‏- يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئويۇن قويغىلى بارغاندا، بۇ ۋەقە ئامېرىكىنىڭ دۇنيانى تاڭ قالدۇرغان بۆسۈش خاراكتېرلىك مەدەنىيەت دىپلوماتىيىسى بولغان ئىدى. 1971 ‏- يىلى، بۇ ئوركېستىرنىڭ بېيجىڭدا ئويۇن قويغانلىقى دۇنيانى يەنە بىر قېتىم تاڭ قالدۇرغان بىر يېڭىلىق بولدى. شۇ قېتىم ئامېرىكا ئوركېستىرى بىلەن 50 نەچچە دۆلەتنىڭ مۇخبىرى بېيجىڭغا كەلگەندە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ يۈك-تاقلىرىنى ئاقتۇرۇپ كاشىلا قىلغان ئىدى. ھازىر بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئۇنداق قىلىقىنى ئاز قىلىدىغان بولدى.

'چاۋشەن دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى ' دەپ ئاتالغان بۇ دۆلەتتە كۇچىلاردا ئەركىن يۈرۈۋاتقان ئادەم كۆرۈنمەيدۇ

‏-‏ نامى 'چاۋشەن دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى ' دەپ ئاتالغان بۇ دۆلەت ھازىر سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغىمۇ، خىتايغىمۇ ئوخشىمايدىغان، دۇنيادا كام بىر 'قارشى قىرغاق'. ‏-‏ دەپ بايان قىلىنىدۇ ب ب س نىڭ خەۋىرىدە، ‏-‏ بۇ قېتىم ئامېرىكا ئوركېستىرى پىيوڭياڭغا بارغاندا، شىمالىي كورىيىنىڭ ھاۋا قاتنىشىنى ئىدارە قىلىدىغان خىزمەتچىلىرى ئەڭ كۆپ ئارام ئالغان كۈن بولدى. شىمالىي كورىيە ئاسمىنىدا باشقا ئايرۇپىلان ئۇچمىدى. كۇچىلاردىمۇ ئاپتوموبىللار كۆرۈنمەيدۇ. يول بويلىرىدا ئاۋات دۇكانلار، يايمىچىلار ياكى تىجارەت ئېلانلىرىمۇ يوق. ئامېرىكا ئوركېستىرى بىلەن بىللە كەلگەن ھەممە ئادەم بۇ شەھەرنىڭ خەلقىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئەتراپقا قارايتتى.

ھۆكۈمىتى بىر نەچچە مىليون خەلقنى كىشىلىك ھوقۇقىدىن، ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قالدۇرغان بۇ دۆلەتنىڭ پەقەت كىم يوڭسۇنىڭلا ھەيكەللىرى قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان پىيوڭياڭ شەھىرى، بۇ قەدەر كۆپ چەتئەللىكنى 1950 ‏- يىللاردىكى ئۇرۇشتىن كېيىن تۇنجى قېتىم كۆرۈۋاتىدۇ. كۇچىلاردا ئاندا-ساندا كۆزگە چېلىقىپ قالىدىغان كورىيە خەلقىنىڭ چىرايىدا تەبەسسۇمدىن دېرەك يوق. ئۇلارنىڭ ھەممىسى قاتتىق چۆچۈپ تۇراتتى، كۆزلىرى غەمكىن ئىدى. ھەممىسى چەتئەللىكلەر بىلەن پاراڭلىشىشتىن ياكى بىللە رەسىمگە چۈشۈشتىن قورقۇپ تۇرىدۇ. ئەمما، ‏-‏- دەپ بايان قىلىنىدۇ ب ب س نىڭ خەۋىرىدە، ‏-‏-‏- پىيوڭياڭدىكى 500 كىشىلىك چوڭ تىياتىرخانىدا ئورۇنلانغان مۇزىكا قالتىس ئالقىشقا ئېرىشتى.

ئوركېستىر ئامېرىكا دۆلەت شېئىرىنى ۋە كورىيە خەلق ناخشىلىرىنى ئورۇنلىغاندا گۈلدۈراس ئالقىش ياڭرىدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ پىيوڭياڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، 2 ‏- ئاينىڭ 26 ‏- كۈنى ئامېرىكا فلامانىك ئوركېستىرى شىمالىي كورىيىنىڭ پايتەختى پىيوڭياڭدىكى ئەڭ چوڭ تىياتىرخانىدا ئويۇن قويدى. كۇچىلاردا كىم ئېلسوڭنىڭ ھەيكەللىرىدىن باشقا 'ئامېرىكا جاھانگىرلىكىنى يوقىتايلى' دەپ يېزىلغان چوڭ پىلاكاتلار ياكى رەسىملەر پۈتۈنلەي ئېلىۋىتىلگەن ئىدى. پىيوڭياڭدا ئورۇنلانغان ئامېرىكا مۇزىكىلىرىنى ھەر ئىككى دۆلەت نەق مەيداندىن ئاڭلىتىش ۋە كۆرسىتىشكىمۇ كېلىشكەن ئىدى.

ئامېرىكا فلامانىك ئوركېستىرى پىيوڭياڭ تياتېرخانىسىدا، - دەپ بايان قىلىنىدۇ شىنخۇا ئاگېنتلىقنىڭ بايانىدا، ‏-‏-‏- دېرىژۇر لورىن ماززېلنىڭ يېتەكچىلىكىدە شىمالىي كورىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ۋە شىمالىي كورىيىنىڭ خەلق ناخشىسى 'ئارىرا' نى ئورۇنلىغاندا، تىياتىرخانىدا ئۇزۇنغا سوزۇلغان گۈلدۈراس ئالقىش كۆتۈرۈلدى. گەرچە شىمالىي كورىيىنىڭ ھازىرقى رەھبىرى كىم يوڭئېل ئۆزى بۇ مۇزىكا كېچىلىكىگە كەلمىگەن بولسىمۇ، شىمالىي كورىيە ئالىي خەلق قۇرۇلتېيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ياڭ ئەپەندى ھاياجانلىنىپ قىزغىن چاۋاك چالدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، ھازىر شىمالىي كورىيىنىڭ سىياسىي ئىقلىمىدا مۇز ئېرىدى. (ۋەلى)