ئامېرىكا تەيۋەندىكى دېپلوماتلىرىنى ئاكتىپ ۋەزىپىدىكى ھەربىيلەردىن تاللايدۇ
2004.12.22
ۋاشىنگتوننىڭ تەيۋەندە تۇرۇشلۇق ئىش باشقارمىسىدىكى دېپلوماتىك ئەمەلدارلىقىنى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدا ئاكتىپ ۋەزىپىدىكى ھەربىيلەرنىڭ ئۈستىگە ئالىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى.
ئامېرىكا 25 يىللىق سىياسىتىنى ئۆزگەرتتى
ئەنگىلىيىدە چىقىدىغان "جېنىس مۇداپىئە ھەپتىلىك ژورنىلى نىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئامېرىكا 25 يىلدىن بېرى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئادىتىنى بۇزۇپ، تەيۋەندە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئىش باشقارمىسىدىكى ھەربىي ئەمەلدارىنى، تۇنجى قېتىم ئاكتىپ ۋەزىپىدىكى ھەربىيلەردىن تەيىنلەشنى قارار قىلغان.
ئامېرىكا 1979 - يىلى خىتاي بىلەن دېپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن كېيىن، تەيۋەندىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنى بېيجىڭغا كۆچۈرۈپ، بۇ يەردىكى دېپلوماتىك ئورگىنىنى ئامىرىكا ئىش باشقارمىسىغا ئۆزگەرتكەن، شۇنداقلا ئىش باشقارمىسىدىكى ھەربىي ئەمەلدارلىقنى پىنسىيىگە چىققان ھەربىيلەر ياكى سابىق دېپلوماتلار ئۈستىگە ئالغان ئىدى.
يېڭى سىياسەتنى دۆلەت مەجلىسى تەستىقلىغان
"جېنىس مۇداپىئە ھەپتىلىك " ژورنىلىنىڭ خەۋەرىگە قارىغاندا، تەيۋەندىكى ئامېرىكا ھەربىي ئەمەلدارىنىڭ ئورنىنى ئاكتىپ ۋەزىپىدىكى ھەربىيلەر ئۈستىگە ئېلىش ھەققىدىكى قانۇن تەكلىپ لايىھىسى، 2002 - يىلى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تەرىپىدىن تەستىقلانغان بولۇپ، "ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مەنپەئەتىگە زۆرۈر بولسا " تەيۋەنگە ئاكتىپ ۋەزىپىدىكى ھەربىي ئەمەلدار ئەۋەتىشنى ماقۇللىغان. "جېنىس مۇداپىئە ھەپتىلىك ژورنىلى " نىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ سىياسەت ئامېرىكىنىڭ تەيۋەن بىلەن بولغان ھەربىي مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى شۇنداقلا خىتاينىڭ تەيۋەن بوغىزىدىكى ھەربىي قارا نىيىتىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.
ئامېرىكىنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىدىكى سىياسىتى ئۆزگەرمىدى
تەيبېيدىكى ئامېرىكا ئىش باشقارمىسىنىڭ باياناتچىسى دانا سمىس، يۇقىرىقى ۋەزىپىگە " ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدىكى ھەربىي فورما كىيمەيدىغان خادىملار ياكى ئاكتىپ ۋەزىپىدىكى ھەربىيلەر تەيىنلىنىدىغانلىقى" نى بىلدۈردى. ئۇ، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىدىكى مەيدانىدا ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ قېتىمقى ئۆزگىرىشنى " خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش يولىدىكى نورمال كادىر ئالماشتۇرۇش، بۇ شۇنچىلىكلا ئىش" دەپ كۆرسەتتى.
ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە ئاكتىپ ۋەزىپىدىكى ھەربىي دېپلومات ئەۋەتىش قارارى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دەرھال نارازىلىقىنى قوزغىدى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ئامېرىكىنىڭ سىياسىتى تەيۋەن بوغىزى ئىككى قىرغىقى مۇناسۋىتىنىڭ مۇقىملىقىنى بۇزىدۇ، دەپ ئاگاھلاندۇرغان.
خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ليۇ جيەنچاۋ، سەيشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ۋاشىنگتوننى تەنقىد قىلدى. ليۇ جيەنچاۋ مۇنداق دەيدۇ: "ئامېرىكىنىڭ تەيۋەن بىلەن ھەر قانداق باھانە ياكى شەكىلدە ھەربىي مۇناسىۋەت قىلىشى، جوڭگو - ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى ئۈچ قوشما ئاخباراتنىڭ روھىغا خىلاپ. بۇ خىل ھەرىكەتلەر تەيۋەندىكى بۆلگۈنچىلىك پائالىيىتىگە يەل بېرىپ، تەيۋەننىڭ تىنچلىقى ، مۇقىملىقى ۋە جوڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ. بىز ئامېرىكىنىڭ ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ، تەيۋەنگە قورال - ياراق سېتىپ بېرىش ۋە تەيۋەن بىلەن بولغان ھەربىي مۇناسىۋەتنى توختىتىشنى شۇنداقلا جوڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنى زىيانغا ئۇچرىتىشتىن ساقلىنىشنى ئۈمىد قىلىمىز."
ئامېرىكا تەيۋەن بىلەن يەر ئىجارىگە ئېلىش توختىمى تۈزدى
بۇ ئارىدا ۋاشىنگتون، تەيۋەندىكى ئامېرىكا ئىش باشقارمىسىنىڭ يېڭىدىن سېلىنىدىغان خىزمەت بىناسى ئۈچۈن، تەيۋەن بىلەن 99 يىللىق يەر ئىجارىگە ئېلىش توختىمى ئىمزالىغان. تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چېن تاڭشيەن، " بۇ كېلىشىم تەيۋەن بىلەن ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ زىچلىقىنى كۆرسىتىدىغان ئەڭ ياخشى پاكىت،" دەپ كۆرسەتكەن. تەيۋەندىكى ئامېرىكا ئىش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى دوگلاس پولل، كېلىشىمنى " ئامېرىكا - تەيۋەن خەلقلەر مۇناسۋىتىنىڭ خاتىرە مۇنارى" دەپ تەرىپلىگەن.
ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە ئەسكەر چىقىرىشىنى دۆلەت مەجلىسى قارار قىلىدۇ
بۇنىڭ بىلەن بىرگە ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رىچارد ئارمىتەج، تەيۋەن مەسىلىسى ھەققىدە توختۇلۇپ، " ئتەيۋەن مۇناسىۋەت قانۇنىئ دا ئامېرىكا تەيۋەننى چوقۇم قوغدايدۇ دېيىلمىگەن، دەپ كۆرسەتتى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ : " تەيۋەن مۇناسىۋەت قانۇنىدىكى بەلگىلىمىدە، بىزنىڭ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىدا يىتەرلىك ھەربىي كۈچ تۇرغۇزۇپ، تاسادىپىي ھۇجۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز تەشەببۇس قىلىنغان. بىراق، بىزنىڭ ئۇلارنى چوقۇم قوغدىشىمىز بەلگىلەنمىگەن." ئارمىتەج، ئەگەر خىتايلار تەيۋەنگە قوراللىق ھۇجۇم قىلسا، ئامېرىكىنىڭ ئەسكەر چىقىرىش - چىقارماسلىقىنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارار قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
"ئامېرىكا تەيۋەندىن ئاسان ۋاز كەچمەيدۇ"
ئارمىتەجنىڭ سۆزى تەيۋەنلىكلەرنىڭ جىددى ئىنكاسىنى قوزغىغان. تەيۋەن دۆلەت كابىنتىنىڭ باياناتچىسى چېن چىمېينىڭ بىلدۈرۈشىچە، تەيۋەننىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى لى داۋېي ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتىدىن ئارمىتەجنىڭ سۆزىگە چۈشەنچە بېرىشنى تەلەپ قىلغان. تەيۋەننىڭ مۇئاۋىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇ جېنپۇ، تەئۇۋەن قانۇن چىقىرىش پالاتاسىدا سۆز قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەندىن ئاسانلىقچە ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خۇ جېنپۇ " بىزنىڭ پىلانىمىز مۇستەقىل ئۇرۇش قىلىشنى ئالدىنقى شەرت قىلغان. مەن ئامېرىكىنىڭ تەيۋەندىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. چۈنكى، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتى ھەرگىزمۇ نوقۇل ھالدا بىزنىڭ خىتاي كومپارتىيىسى بىلەن بولغان مۇناسۋىتىمىز ئەمەس. بۇ پۈتۈن رايوننىڭ بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلە،" دەپ كۆرسەتكەن.
ئامېرىكا 1979 -يىلى " تەيۋەن مۇناسىۋەت قانۇنى" نى ماقۇللاپ، تەيۋەننى قوغداش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى قوبۇل قىلغان. ئامېرىكا تەيۋەننىڭ ئەڭ مۇھىم ھەربىي ئىتتىپاقدىشى شۇنداقلا تەيۋەننى قورال- ياراق بىلەن تەمىنلەيدىغان ئاساسلىق دۆلەت. نۆۋەتتە تەيۋەن ھۆكۈمىتى ئامېرىكىدىن 15 يىل ئىچىدە 18 مىليارد دوللارلىق قورال - ياراق سېتىۋېلىش خام چوتىنى تەيۋەن پارلامېنتىنىڭ تەستىقلىشىغا سۇنغان.(ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا تەيۋەندىكى ئورگىنىغا ھەربىي ئەمەلدار ئەۋەتمەكچى
- ياپۇنىيە ھۆكۈمىتى سابىق تەيۋەن پرېزىدېنتىغا ۋېزا بېرىشنى قارار قىلدى
- پوۋېلل بىلەن لى جاۋشىڭ تەيۋەن مەسىلىسىدە ئىختىلاپقا چۈشۈپ قالدى
- كولىن پوۋېلل : ئامېرىكا تەيۋەنگە بەرگەن ۋەدىسىدە چىڭ تۇرىدۇ
- كولىن پوۋېلنىڭ تەيۋەن ھەققىدىكى سۆزلىرى بېيجىڭ بىلەن تەيبېينى خوشال قىلمىدى
- كولىن پوۋېل، بېيجىڭ بىلەن تەيۋەننىڭ سۆھبىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى ئۈچۈن تېرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
- تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى خىتاينى نىشانلىغان ھەربىي خىراجەت دوكلاتىنى ئېلان قىلدى