ئامېرىكا: "خىتاي دالاي لامانىڭ ئەمەس، تىبەت خەلقىنىڭ تەقدىرى ئۈستىدە ئويلىنىشى كېرەك"

ئەڭ ئاخىرقىسى ئولىمپىك ھارپىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن تىبەت - خىتاي سۆھبىتى بۇ نۆۋەت ئۆكتەبىر ئېيىدا ئۆتكۈزىلىدۇ. سۆھبەتنىڭ ئەمەلىي نەتىجە بېرىشىنى كۈتۈۋاتقان تەرەپلەر ھازىردىن باشلاپ، مەزكۇر سۆھبەتكە قارىتا تەكلىپ پىكىرلىرىنى سۇنماقتا.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2008.09.22
dalay-lama-usa-305 2007 - ﻳﯩﻠﻰ 17 - ﺋﯚﻛﺘﻪﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺩﺍﻻﻱ ﻻﻣﺎﻏﺎ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﻣﯧﺪﺍﻝ ﻫﻪﺩﯨﻴﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
AFP Photo

ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى تىبەت مەسىلىسى ھەققىدە مەخسۇس قارار ماقۇللاپ، خىتاينى تىبەت سۆھبىتىدە ئەمەلىي مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىشقا چاقىرغان ئىدى. خىتاي شەنبە كۈنى بۇ قارارغا ئىنكاس قايتۇردى. خىتاي تەرەپ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، تىبەت مەسىلىسىنىڭ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى ۋە ئامېرىكىنى تىبەت مۇستەقىلچىلىرىنى قوللاش ھەرىكەتلىرىنى توختىتىشقا چاقىردى.

14 ‏ - مارت لاسا ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاي تىبەت تەرەپ بىلەن قايتىدىن سۆھبەتكە ئولتۇرغاندا، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكا خىتاينى تىبەت مەسىلىسىدە ئىجابىي قەدەم باستى دەپ مەدھىيىلەپ بايانات ئېلان قىلغان ئىدى. ئەمما نەتىجە كۈتۈلگەندەك بولمىدى.

بۇ يىل 30 ‏ - ئىيۇن ۋە 3 ‏ - ئىيۇل كۈنى ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن يەتتىنچى قېتىملىق خىتاي ‏ - تىبەت سۆھبىتىدە تەرەپلەر سۆھبەتنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بۇنىڭ پەقەت بىر دىپلوماتىك نازاكەت نۇقتىسىدىن بىلدۈرۈلگەنلىكى، ئەمەلىيەتتە، سۆھبەتتە كونكرېت بىر مەسىلە مۇزاكىرە قىلىنمىغانلىقى تەرەپلەرنىڭ كېيىنكى باياناتلىرىدىن ئاشكارىلاندى. خىتاي تەرەپ مەزكۇر يىغىندىن كېيىنمۇ، ئىزچىل ھالدا دالاي لامانى بۆلگۈنچىلىك ۋە قۇتراتقۇلۇق بىلەن ئەيىبلەپ كەلدى.

تىبەت ۋەكىلى لودىي گەرى سۆھبەتتىن 3 كۈن كېيىن ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش بىلەن كۆرۈشكىنىدە، خىتاي تەرەپنىڭ سۆھبەت جەريانىدا، تىبەت خەلقىنىڭ تەقدىرى ئۈستىدە ئەمەس، دالاي لامانىڭ شەخسىي تەقدىرى ئۈستىدە پىكىر بايان قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

خىتاي ئالدىنقى قېتىملىق سۆھبەتلىرىدىمۇ دالاي لاماغا، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، دالاي لاما بولسا بۇ تەكلىپنى رەت قىلىپ كەلمەكتە ئىدى. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي دۆلىتىدىكى مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا، مىللەتلەر ئىچىدىكى يېتەكلەش ئىقتىدارى بار كىشىلەرنىڭ شەخسىي مەرتىۋىسىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق، مىللىي مەسىلىسىنى ئۇنتۇلدۇرۇپ كەلگەن ۋە بۇ تەدبىرىنىڭ مىۋىسىنى يەپ كەلگەن؛ ئەمما خىتاينىڭ بۇ ئەنئەنىۋىي تەدبىرى بۇ نۆۋەت دالاي لاما ئۈچۈن كارغا كەلمىگەن.

مانا شۇ ئەھۋالنى نەزەردە تۇتقان ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى 18 ‏ - سىېنتەبىردىكى قارارنامىسىدا مۇنداق دەيدۇ: "خىتاي دالاي لامانىڭ شەخسىي تەقدىرى ئۈستىدە ئەمەس، تىبەت خەلقىنىڭ تەقدىرى ئۈستىدە ئويلىنىشى كېرەك. ئۆكتەبىردە ئۆتكۈزۈلىدىغان سۆھبەتتە، تىبەت خەلقىنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي، مەدەنىي ۋە دىنىي ھوقۇقلىرى جىددىي شەكىلدە مۇزاكىرە قىلىنىشى ۋە بۇ جەھەتتە ھەقىقىي ئاپتونومىيە ھوقۇقى ئاساسىي تېما بولۇشى كېرەك".

قارارنامىدا يەنە " ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسى ھېچبىر دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشى بولالمايدۇ، تىبەت مەسىلىسىمۇ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى ئەمەس" دەپ ئوچۇق كۆرسىتىلگەن ۋە خىتاينىڭ خەلقئارالىق قانۇنلاردىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، تىبەت خەلقىغە شەرتسىز ھالدا يۈكسەك ئاپتونومىيە بېرىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن ۋە تەرەپلەرنىڭ بۇ مەقسەتنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، ھەر ئىككى تەرەپ قوبۇل قىلالايدىغان لايىھەنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشى تەۋىسىيە قىلىنغان.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، سۆھبەتتە تىبەت تەرەپ ئىزچىل ھالدا سەمىمىيەت كۆرسەتمەكتە. دالاي لامانىڭ مۇستەقىللىق تەلىپىدىن ۋاز كېچىشى، بېيجىڭ ئولىمپىكىنى قوللاپ بايانات بېرىشى ۋە ھەتتا 14 ‏ - مارت ۋەقەسىدىن كېيىن تىبەتلىكلەر ئارىسىدا زورلۇق ھەرىكەتلىرىگە تايانغان قارشىلىق ئىزچىل داۋاملاشسا ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشى قاتارلىقلار، دالاي لامانىڭ سۆھبەتتە ئىلگىرىلەش پەيدا قىلىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن ئەمەلىي تىرىشچانلىقلاردۇر. ئەمما خىتاي، تىبەت تەرەپكە قوبۇل قىلىش مۇمكىن بولمىغان تەلەپلەرنى سۇنماقتا. خىتاي ئۆكتەبىردىكى سۆھبەتنىڭ ئالدىدا، دالاي لامانىڭ تىبەتنى ئەزەلدىن خىتاينىڭ بىرقىسمى دەپ تونۇشىنى تەلەپ قىلغان. تىبەت سۈرگۈندە ھۆكۈمىتى شەنبە كۈنىدىكى باياناتىدا، ئەگەر ئۆكتەبىردىكى سۆھبەتتە يەنە ئىلگىرىلەش بولمىسا، تىبەت تەرەپنىڭ سۆھبەتنى داۋاملاشتۇرۇشتىن ۋاز كېچىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

نۆۋەتتە بېيجىڭدا ياشاۋاتقان تىبەت زىيالىيسى Wei Se خانىم شەنبە كۈنى ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىدا قىلغان سۆزىدە ئىككى تەرەپ سۆھبىتىدىكى سەمىمىيەتسىز تەرەپنىڭ خىتاي ئىكەنلىكىنى، مانا مۇشۇ سەۋەبتىن بۇ يىل 14 ‏ - مارت كۈنى لخاسادا ئۇرۇش، چېقىش ۋە ئوت قويۇش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ۋېي سې خانىم يەنە ئۆكتەبىردىكى سۆھبەتتىنمۇ چوڭ ئۈمىد كۈتمەيدىغانلىقىنى، تىبەتتىكى ئىسيانلارنىڭ يەنە تەكرارلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.