"ئاخىرقى دۇنياۋى كوزۇر - ئامېرىكا تۇرانى " ناملىق كىتاب ھەققىدە


2007.06.14

تۈركىيە باغچا شەھەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى، تونۇلغان ئىستراتېگىيە تەتقىقاتچىسى پروفېسسور دوكتور ھاسان كۆنى يازغان "ئاخىرقى دۇنياۋى كوزۇر - ئامېرىكا تۇرانى،" ناملىق كىتاب نەشىر قىلىنغاندىن كېيىن، كىتابتىكى مەزمۇنلار ھەققىدە تۈركىيىدە مۇلاھىزىلەر ئېلىپ بېرىلماقتا.

پروفېسسور دوكتور ھاسان كۆنى كىتابىدا ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدە بىر يۈرۈش يېڭىلىقلارنى ئېلىپ بېرىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى، بۇلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىگە مەبلەغ سېلىپ، بۇ جۇمھۇرىيەتلەردىكى يوقسۇللۇقنى ئازايتىش، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي ئاساسنى كۈچلەندۈرۈش ئارقىلىق، سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا زېمىن ھازىرلاش ۋە يېڭى بىلىم ئادەملىرىنى يېتىشتۈرۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىكەنلىكىنى يازىدۇ.

ئۇ يەنە تۈرك دۇنياسىغا مەلۇم بولغان " تۇران" بىلەن ئامېرىكىچە " تۇران" نىڭ ئوخشىمايدىغان تەرىپى ئۈستىدە توختىلىپ، بۇنىڭ بىرلا پەرقلىق تەرىپىنىڭ بارلىقىنى يەنى بۇ پىلاننىڭ ئىچىدە تۈركىيىنىڭ يوقلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

تۈركىيىدىكى ياۋرو ئاسىيا ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى تۈركىستان بۆلۈمىنىڭ تەتقىقاتچىسى گۆكچەن ئوگان خانىم ۋە كوچ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور تىمور كوجا ئوغلى ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يۇقۇردىكى ئۇلىنىشتىن، ئەنقەرەدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ شۇ زاتلارنىڭ كۆز - قاراشلىرى توغرىسىدىكى مەلۇماتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.