ئىراقتىكى ئامېرىكا ئارمىيە قوماندانى تۈركىيىنى زىيارەت قىلدى
2005.01.11
ئامېرىكىنىڭ ئىراقتا تۇرۇشلۇق مەركىزىي ئارمىيە قوماندانى جون ئابىزائىد (John Abizaid) رەسمىي زىيارەت ئۈچۈن تۈركىيىگە كەلدى. ئۇ ئالدى بىلەن تۈركىيە مەركىزى خەۋپسىزلىك كومىتېتىنىڭ باش سېكرىتارى يىگىت ئالپوگان ئەپەندى بىلەن ئۇچراشتى.
جوھن ئابىزائىد ئۇچرىشىشتىن كېيىن، مۇخبىرلارغا بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ كۇردىستان كوممۇنىستىك پارتىيىسى بىلەن ئىراق مەسىلىسى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقىنى، تۈركىيە ئارمىيىسى بىلەن ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ تېخى بىرلىكتە قىلىدىغان كۆپ ئىشلىرىنىڭ بارلىقىنى تەكىتلىدى.
بۇنىڭ تەپسىلاتىنى تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمدىن ئاڭلاڭ.
©
2005 Radio Free Asia