تۈركىيە باش مىنىستىرىنىڭ ئامېرىكا زىيارىتى


2005.06.09

تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەردوغان ئۇزۇندىن بىرى تەييارلىق كۆرىۋاتقان، ئامېرىكىغا قاراتقان زىيارىتىنى باشلىدى . ئەردوغان سەيشەنبە كۈنى ئاق سارايدا، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇنىڭ بىلەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىگە ئالاقىدار مەسىلىلەر ئۈستىدە سۆھبەت ئېلىپ باردى .

تۈركىيە ۋە ئامېرىكا نۇرغۇن مەسىلىلەردە ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە دۆلەتلەر ھېسابلىنىدۇ. تۈركىيە ئىقتىسادىي جەھەتتە ھەمدە ياۋرۇپا ئىتتىپاقىغا كىرىش مەسىلىسى شۇنداقلا ئىراقنىڭ شىمالىي رايونىنى بازا قىلىپ تۈركىيىگە قارشى تېررورلۇق پائالىيىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرت جەڭچىلىرىنى باستۇرۇش ۋە ئۇلارنىڭ پائالىيىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق مەسىلىلەردە ئامېرىكىنىڭ ياردىمىگە مۇھتاج .

ئامېرىكا بولسا تۈركىيىنى ، جۇغراپىيىلىك ئورنى ، ئىسلام دۆلەتلىرىگە ئۆلگە بولالايدىغان دېموكراتىك تۈزۈمى تۈپەيلىدىن، ئامېرىكىنىڭ مىللىي مەنپەئەتى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدىغان بىر دۆلەت دەپ قارىماقتا.

ئامېرىكا – تۈرك مۇناسىۋىتىنىڭ يىرىكلىشىشى

ئەمما، ئىككى ئىتتىپاقداش دۆلەت ھېسابلانغان ئامېرىكا بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر، 2003 - يىلدىن كېيىن يەنە ئامېرىكىنىڭ ئىراق ئىشغالىدىن كېيىن، يىرىكلىشىشكە باشلىدى.

تۈركىيە پارلامېنتى، ئامېرىكىنىڭ تۈركىيە ئارقىلىق ئىراقنىڭ شىمالىي رايونىغا ھۇجۇم قىلىش تەلىپىنى رەت قىلدى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ ئامېرىكىنىڭ تۈركىيە تېررىتورىيىسى ئارقىلىق ئىراقنىڭ شىمالىي رايونىغا ئەسكەر كىرگۈزۈش تەلىپىنى رەت قىلغانلىقى، ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئىراقنى ئىشغال قىلىش مەسلىسىدە تۈزۈپ چىققان ھەربىي ئىستراتېگىيىسىنى ئاستىن -ئۈستۈن قىلىپ تاشلىغان. چۈنكى ئامېرىكا ئارمىيىسى ئىراققا قاراتقان ھەربىي ھەرىكەت پىلانىدا، تۈركىيە ئامېرىكىنىڭ تۈركىيە تېررىتورىيىسى ئارقىلىق ئىراققا ئەسكەر ئەۋەتىشىگە چوقۇم رۇخسەت قىلىدۇ دەگەن، ئىشەنچ بىلەن تۈزۈپ چىققان ئىكەن . تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ ئامېرىكىنىڭ تەلىپىنى رەت قىلىشى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغىدى.

گەرچە، ئامېرىكا ۋە تۈركىيە رەھبەرلىرى، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى قايتىدىن ياخشىلاپ، ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن بەزى قەدەملەرنى باسقان بولسىمۇ، لېكىن، ئىراق ئىشغالىدىن كېيىن يۈز بەرگەن بەزى ۋەقەلەر ئامېرىكا ۋە تۈركىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ ناچارلىشىشىغا شۇنداقلا تۈركىيىدە بۇرۇن كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە ئامېرىكا دۈشمەنلىكىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەپ بولدى.

ئامېرىكىنىڭ كۈرت سىياسىتى

مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئامېرىكىنىڭ، ئىراققا قاراتقان ھەربىي ھەرىكىتى جەريانىدا ۋە ئىراقتا ساددام ھۆسەيىن ھاكىمىيىتىنىڭ ئاغدۇرۇلىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان كۈرتلەرگە ئىراقنىڭ ھاكىمىيەت قاتلىمىدا چوڭ ھوقۇق بەرگەنلىكى، ئامېرىكىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىي رايونىدا تۈركىيىگە قارشى تېررورلۇق پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان، تۈركىيىلىك كۈرت جەڭچىلىرىنىڭ پائالىيىتىنى توختىتىش ئۈچۈن جىددىي تەدبىر ئالمىغانلىقى شۇنداقلا تۈركىيە مەتبۇئاتىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئىراقتىكى قارشىلاشقۇچى كۈچلەرگە قارىتا ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكەتلىرى جەريانىدا يۈربەرگەن ۋەقەلەرنى ناھايىتى مۇبالىغە قىلىپ خەلقغە بىلدۈرۈشى، تۈركىيە خەلقى ئارىسىدا ئامېرىكىغا قارشى ھېسىياتنىڭ كۆپىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

تۈركىيىدە ئوتتۇرىغا چىققان ئامېرىكىغا قارشى كەيپىيات ۋە تۈركىيە ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى ھەمدە سىياسەتچىلىرىنىڭ، ئامېرىكىنىڭ ئىراقتىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرى توغرىسىدىكى باياناتلىرى، شۇنداقلا تۈركىيىنىڭ سۇرىيە بىلەن يېقىنلىشىشى ۋە تۈركىيە پرېزىدېنتىنىڭ ئامېرىكىنىڭ قارشى چىقىشىغا قارىماي، سۈرىيىنى زىيارەت قىلىشى، تۈركىيە- ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تېخىمۇ يىرىكلىشىشىگە سەۋەپ بولغان .

شۇڭا، سىياسىي مۇلاھىزىچىلەر، تۈركىيە باش مىنىستىرى ئەردۇغاننىڭ بۇ قېتىمقى ئامېرىكا زىيارىتىنى ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشى ئۈچۈن مۇھىم بىر پۇرسەت دەپ قارىماقتا.

ئەمما، ئامېرىكا پرېزىدېنتى بۇش بىلەن تۈركىيە باش مىنىستىرى ئەردوغاننىڭ ئۇچرىشىشىدىن كېيىن، ئامېرىكىدا چىقىدىغان "ۋاشىنگتون پوست" ۋە "ۋاشىنگتون ۋاقتى" قاتارلىق گېزىتلەرنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گەرچە ھەر ئىككى رەھبەر تۈركىيە ۋە ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق ۋە ئىتتىپاقداشلىقنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا پرېزىدېنتى بۇش، ئەردوغاننىڭ ، شىمالىي ئىراقتا، تۈركىيىگە قارشى پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرت جەڭچىلىرىنى باستۇرۇش توغرىسىدىكى تەلىپىنى قوبۇل قىلمىغان . (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.