0:00 / 0:00
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندولىزا رايس رەسمىي زىيارەت ئۈچۈن ئەنقەرەگە كەلدى. تۈركىيىگە بىر يىل ئارىدىن كېيىن ئىككىنچى قېتىم زىيارەتكە كەلگەن كوندولىزا رايس ئالدى بىلەن تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋە مۇئاۋىن باش مىنىستىر ئابدۇللا گۈل بىلەن كۆرۈشتى. شۇنداقلا ئىككى تەرەپ تۈركىيىنىڭ ياۋروپا بىرلىكىگە كىرىشى، سايپۇرۇس ۋە ئىران، ئىراق مەسىلىلىرى بويىچە ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇردى.