تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابدۇللاھ گۈل رەسمىي زىيارەت ئۈچۈن ئامېرىكىغا ماڭدى
2006.07.04
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابدۇللاھ گۈل رەسمىي زىيارەت ئۈچۈن ئامېرىكىغا كەتتى. بۇ قېتىمقى زىيارىتىدە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندالىزا رايىس بىلەن بىرلىكتە ئامېرىكا بىلەن تۈزۈلىدىغان "ئورتاق ھەمكارلىق توختامنامىسى" نى ئېلان قىلىدىكەن. بۇ توختامنامىدا تۈركىيىنىڭ دۇنياۋى ۋە رايون خارەكتېرلىك سىياسەتتە ئامېرىكا بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىشى بەلگىلەنگەن. بۇ توختامنامىدا ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا قاراتقان سىياسېتىدىمۇ تۈركىيە بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتلارنى، تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمدىن ئاڭلاڭ.
©
2006 Radio Free Asia