ئامېرىكىنىڭ يېڭى يادرو قوراللار ئىستراتېگىيىسى

ئۇچۇر ۋاستىلىرى تۈنۈگۈن كەچتىن باشلاپ ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما جاكارلايدىغان ئامېرىكىنىڭ يادرو قوراللار ئىستراتېگىيىسىنىڭ مەزمۇنىنى ئاشكارىلاشقا باشلىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2010.04.06
Dengiz-MISSILE-305.jpg ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺩﯦﯖﯩﺰ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﻰ ﺗﯧﻨﭻ ﺋﻮﻛﻴﺎﻥ ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻣﺎﻧﯩﯟﯦﺮﯨﺪﯨﻦ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
AFP Photo

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ھەر قېتىملىق ھۆكۈمەتتىن ئۆزىنىڭ يادرو قوراللار ئىستراتېگىيىسىنى يوللاشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئامېرىكا ئاۋازنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ قېتىم ئوباما ھۆكۈمىتى يوللىغان ئامېرىكىنىڭ يادروقوراللار ئىستراتېگىيىسىدە تېخىمۇ قاتتىق چەكلىمە بەلگىلەنگەن.

پرېزىدېنت ئوباما دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ يادرو قوراللار ئىستراتېگىيىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزدى

نيۇيورك ۋاقتى گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، پرېزىدېنت ئوباما دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ يادرو قوراللار ئىستراتېگىيىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزدى. بۇ ئىستراتېگىيىدە ئامېرىكىنىڭ يادرو قوراللارنى قوللىنىش ئېھتىماللىقىغا چەكىلىمە بەلگىلەنگەن. ئوباما مەزكۇر گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا 'ئىران، شىمالىي كورىيىگە ئوخشاش يادرو قوراللىرىنىڭ تارقىلىپ كېتىشىنى چەكلەش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلغانلار بۇ چەكلىمىگە كىرمەيدۇ' دېگەن.

ئامېرىكا يادرو قوراللىرى يوق دۆلەتلەرگە قارىتا يادرو قورال ئىشلەتمەيدۇ، ھەتتا بىئولوگىيىلىك ياكى خېمىيېۋىي قوراللارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندىمۇ...

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئوباما جاكارلىماقچى بولغان ئامېرىكىنىڭ يېڭى يادرو قوراللار ئىستراتېگىيىسى دۇنيانى يادرو قوراللاردىن خالى قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ، ئامېرىكا يادرو قوراللىرى يوق دۆلەتلەرگە قارىتا يادرو قورال ئىشلەتمەيدۇ، ھەتتا ئۇ بىئولوگىيىلىك ياكى خېمىيېۋىي قوراللارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندىمۇ، دېگەندىن ئىبارەت.

مورتون ھالپېرىننىڭ قارىشىچە، يادرو قوراللىرىنى ئىشلىتىدىغان پۇرسەت كەلمەيدۇ

ئامېرىكىنىڭ سابىق ئامېرىكا پرېزىدېنتلىرىدىن جوھنسون، نىكسون، كىلىنتون ھۆكۈمەتلىرىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىر مەسلىھەتچىسى بولغان، ئامېرىكىنىڭ تاشقى ئىشلار سىياسىتى ۋە دۆلەت ئىچىدىكى ئەركىنلىك مۇتەخەسسىسى مورتون ھالپېرىن، خىتاينىڭ دۆلەت مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ليۇ مىڭفۇنىڭ 'خىتاينىڭ چۈشى' دېگەن كىتابىدا، خىتاي ھەربىي قىسىملىرىنىڭ قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، دۇنيادا ئامېرىكىنىڭ ئورنىنى ئىگىلىگەن بىر كۈچلۈك ھەربىي دۆلەت بولۇش لازىملىقىنى كۆرسەتكەندە، يادرو قوراللىرىنى ئىشلىتىدىغان پۇرسەت كەلمەيدۇ، دەپ كەسكىن جاۋاب بەرگەن ئىدى.

ھازىر دۇنيادىكى پۈتۈن يادرو قوراللىرىنىڭ 90% ئامېرىكا بىلەن رۇسىيىنىڭ قولىدا

ئامېرىكىدىكى يېل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر مۇتەخەسسىسى دوكتور مورتون ھالپېرىن بۇنىڭدىن بۇرۇن رادىئومىز ئارقىلىق، دۇنيادا يادرو قوراللىرىنى ئىشلىتىش ئېھتىماللىقى ھەققىدە ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى تەپسىلىي بايان قىلغان ئىدى. دوكتور مورتون ھالپېرىننىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر دۇنيادىكى پۈتۈن يادرو قوراللىرىنىڭ 90% ى ئامېرىكا بىلەن رۇسىيىنىڭ قولىدا.

سوغۇقچىلىق ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە بىرلىكتە نازارەت سېستىمىسى قۇردى

دوكتور مورتون ھالپېرىننىڭ بايان قىلىشىچە، سوغۇقچىلىق ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ يادرو قوراللىرى قارشى تەرەپنى 'چۈچۈتۈش' مەقسىتىدە ئورۇنلاشتۇرۇلدى. كىلىنتون ھۆكۈمىتى دەۋرىدە، ئامېرىكىنىڭ يادرو قوراللىرى رۇسىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر نەچچە دۆلەتنى قارىغا ئالدى.

رۇسىيىمۇ ھەر ئېھتىمالغا قارشى ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر بىر نىشانىغا 2 دىن يادرو بومبىسىنى تەييارلاپ قويدى. ناۋادا رۇسىيە تەرەپتە بىر خاتا سېزىم پەيدا بولسىلا، يادرو قوراللىرىنى ئېتىش ئېھتىمالى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئامېرىكا رۇسىيىگە يادرو قوراللىرىنى بىرىنچى بولۇپ ئاتمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى ۋە رۇسىيە بىلەن بىرلىكتە نازارەت سېستىمىسى قۇردى.

ئامېرىكا يېڭىچە يادرو قورال ياسىمىدى، ئەمما...

دوكتور مورتون ھالپېرىننىڭ بايان قىلىشىچە، شۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكا يېڭىچە يادرو قورال ياسىمىدى. ئەمما بيۇروكرات ئورگانلار پات-پاتلا بۇرۇنقى سوغۇقچىلىق ئۇرۇشى دەۋرىدىكى دوكلاتلاردىكى 'سوۋېت ئىتتىپاقى' دېگەن نامنى 'رۇسىيە' دەپ ئۆزگەرتىپلا دەرىجىمۇ-دەرىجە يوللاپ، يۇقىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ تۇردى.

جورج بۇش ھۆكۈمىتى ئاسىيادىكى يادرو قوراللىرىنى ئېلىۋېتىشنى قارار قىلدى

دوكتور مورتون ھالپېرىننىڭ بايان قىلىشىچە، جورج بۇش ھۆكۈمىتى ئاسىيادىكى يادرو قوراللىرىنى ئېلىۋىتىشنى، پەقەت سۇ ئاستى پاراخوتلىرىدىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىلا ساقلاپ قېلىشنى قارار قىلدى. ياپونىيىمۇ يادرو قورال ياسىمايدىغان بولدى. شۇڭلاشقا ئاسىيادا ھازىر يادرو قوراللىرىدىن ئەندىشە قىلمايدۇ.

دۇنيادا يادرو قوراللىرى بولمىغان دۆلەتكە يادرو بومبىسى ئىشلەتكەن مىسال يوق

دوكتور مورتون ھالپېرىننىڭ بايان قىلىشىچە، دۇنيادا يادرو قورال ئىشلىتىشكە پۇرسەت كەلمەيدۇ. دۇنيادا تا ھازىرغا قەدەر يادرو قوراللىرى بولمىغان دۆلەتكە يادرو بومبىسى ئىشلەتكەن مىسال يوق. ئامېرىكا ۋېتنامغا ئىشلەتمىدى، رۇسىيە ئافغانىستانغا ئىشلەتمىدى، خىتايمۇ ۋېيتنامغا ئىشلەتمىدى. رۇسىيە خىتايدىن كېلىدىغان يادرو قورال ھۇجۇمىدىن ئەندىشە قىلمايدۇ، خىتاينىڭ يادرو قوراللىرى ئاز، رۇسىيە پەقەت خىتاينىڭ مۇنتىزىم ھەربىي كۈچىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىنلا ئەندىشە قىلىدۇ.

خىتاي ھازىر پاراخوتلاردا قوللىنىدىغان يادرو قوراللىرى ياساۋاتىدۇ، لېكىن ئۇنى قوللىنالىغىدەك تېخنىكىغا ئىگە ئەمەس

دوكتور مورتون ھالپېرىننىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ بىر نەچچە يۈزلا يادرو بومبىسى بار، ئۇنىڭ ھەممىسى قۇرۇقلۇقتا. ئەمما ئامېرىكىنىڭ دېڭىزلاردىلا بىر نەچچە مىڭ يادرو بومبىسى بار. خىتاي ھازىر پاراخوتلاردا قوللىنىدىغان يادرو قوراللىرى ياساۋاتىدۇ، لېكىن ئۇنى قوللىنالىغىدەك تېخنىكىغا ئىگە ئەمەس. گەرچە ھېچكىم بىرەر تال بومبا 'توردىن قاچمايدۇ' دېيەلمىسىمۇ، ئەمما 'خىتاي بىر ھۇجۇمدىلا ئامېرىكىنىڭ 20% كۈچىنى يۇقىتالايدۇ' دېگەننى قۇرۇق گەپ دېيىشكە تامامەن قادىر، چۈنكى خىتايدا بۇنچىلىك كۈچ يوق.

ئامېرىكا مۇشۇ يېقىنقى 3-5 يىل ئىچىدە تەيۋەن مەسىلىسىنىڭ ھەل بولۇشىنى كۈتىدۇ

دوكتور مورتون ھالپېرىننىڭ بايان قىلىشىچە، ئەگەر خىتاي تەيۋەنگە مۇنتىزىم قوراللار بىلەن ھۇجۇم قىلسا، ئامېرىكا ئۇنىڭدىن مۇداپىئە كۆرەلەيدۇ. مۇنتىزىم قوراللارنى 90 دېڭىز چاقىرىمى دائىرىسدە قوللىنىش ئاسان ئەمەس، خىتاي بۇنداق تەجرىبىگە ئىگە ئەمەس. خىتاي ئۆزىدىن 3 دېڭىز چاقىرىمى يېراقلىقتىكى جىنمېن ئارىلىنى ئالماقچى بولۇپ ئۇرۇشتا يېڭىلىپ قالدىغۇ! ئەمما ئامېرىكىنىڭ دېڭىزدىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرى يەنە 10 يىلدىن كېيىن راۋان ئۇچالمايدۇ، شۇڭلاشقا ئامېرىكا مۇشۇ يېقىنقى 3-5 يىل ئىچىدە تەيۋەن مەسىلىسىنىڭ ھەل بولۇشىنى كۈتىدۇ.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.