ئامېرىكا سودا مىنىستىرى خىتاينى زىيارەت قىلدى


2005.01.11
CHINA-US-TRADE-29.jpg
ئامېرىكا سودا مىنىستىرى دون ئىۋانىس 11-يانۋار بېيجىڭدىكى بىر مېھمانخانىغا يېتىپ كەلدى. AFP PHOTO

ئامېرىكا سودا مىنىستىرى دون ئىۋانىس سەيشەنبە كۈنى خىتايغا يىتىپ كەلگەندىن كىيىن، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى كۇڭ چۈئەن، دون ئىۋانىسنىڭ زىيارىتى جەريانىدا خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش ھەققىدىكى يۇمىلاق ئۈستەل مۇزاكىرە يىغىنىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە "بۇ يىغىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەقلىي مۈلۈكنى قوغداش جەھەتتىكى تىرىشچانلىقىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى نامايەن قىلىدۇ" دىدى.

خىتاينىڭ قوللانغان تەدبىرى يىتەرلىك ئەمەس

بىراق، ئامېرىكا سودا مىنىستىرى دون ئىۋانىس، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قوللانغان تەدبىرلىرىنىڭ يىتەرسىزلىكىنى كۆرسەتمەكتە. ئۇ خىتاينى زىيارەت قىلىشتىن بىر كۈن بۇرۇن بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ خىتاي دائىرىلىرىگە ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى كۈچەيتىش ۋە بازارنى يەنىمۇ ئېچىۋېتىش مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئەقلىي مۈلۈك ھوقوقىغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى قاتتىق جازالاشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.

ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش مەسىلىسى، ئامېرىكا- خىتاي سودا مۇناسىۋىتىدە ئۇزۇندىن بېرى ھەل بولمىغان بىر ھالقىلىق مەسىلە. ئامېرىكىدىكى "خەلقئارا ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى بىرلەشمىسى" نىڭ مۆلچەرلىشىچە، خىتايدىكى ھەر خىل كومپيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى، مۇزىكا ۋە كىنو دىسكىلىرى قاتارلىق بويۇملارنى قانۇنسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشلا، ئامېرىكا شىركەتلىرىنى ھەر يىلى ئىككى مىليارد 600 مىليون دوللارلىق زىيانغا ئۇچرىتىدىكەن.

قانۇنسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىلغان بۇيۇملار ئازلىغىنى يوق

بىز خىتايدىكى قانۇنسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىلغان بويۇملارنىڭ ئازلىغىنىنى كۆرمىدۇق.

مەزكۈر تەشكىلاتنىڭ باشلىقى ئەرك سىمىس، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئەقلىي مۈلۈك ھوقوقىغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىغا قاتتىق زەربە بېرىدىغانلىقىنى كۆپ قېتىم ئىپادىلىگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتايدىكى ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش ۋەزىيىتىنىڭ يەنىلا ئىنتايىن ناچار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دىدى:

"ئۆتكەن يىلى تۆتىنچى ئايدا، خىتاينىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋۇ يى ئامېرىكىنى زىيارەت قىلغان. شۇ چاغدا ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چوقۇم بازارلاردا ئېقىپ يۈرگەن قانۇنسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىلغان ماللارنىڭ سانىنى زور دەرىجىدە ئازايتىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن. خىتاينىڭ بازىرىدا سېتىلىۋاتقان ئامېرىكىنىڭ ماركىسى چاپلانغان ماللارنىڭ 90٪ ئى قانۇنسىز كۆچۈرۈلگەن. بۇ نىسبەت دۇنيادا ئەڭ يۇقىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ۋۇ يى ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىپ كەتكەندىن كىيىن، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى بىر قىسىم تەدبىرلەرنى قوللانغان بولسىمۇ، ئەمما ھازىرغىچە بىز خىتايدىكى قانۇنسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىلغان بويۇملارنىڭ ئازلىغىنىنى كۆرمىدۇق".

خىتاينىڭ ۋەدىسى ۋە ئەمەلىيىتى

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دون ئىۋانىس بۇ يىل 1 - ئاينىڭ 20 - كۈنى سودا مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى تاماملايدۇ. ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش ئۇنىڭ ئورنىغا ئامېرىكىدىكى بىر چوڭ ئاشلىق شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى كارلوس گۇتىئەررىزنى تەيىنلىگەن. دون ئىۋانىس باياناتىدا، ئۆزىنىڭ ئىزباسارىنىڭمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش ھەققىدىكى ۋەدىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ھەققىدە داۋاملىق بېسىم ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

"خەلقئارا ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى بىرلەشمىسى" نىڭ باشلىقى سىمىس ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتايدىكى قانۇنسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىش مەسىلىسىنىڭ ياخشىلىنىشى ۋە ھەل بولىشى ئاساسلىقى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش نىيىتىنىڭ بار- يوقلىقىدا ئىكەن.

ئامېرىكىدا قانۇن ئىلمىنى تەھسىل قىلىۋاتقان ئالىم سېيىتوف ئەپەندى، خىتايدا ئەقلىي مۈلۈك ھوقوقىغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىنىڭ ئىنتايىن ئېغىرلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئامېرىكا ۋە خىتاي ئارىسىدا، سودىدىكى تەتۈر تاناسىپ بارغانسىرى چوڭىيىپ، ئۆتكەن يىلى 180 مىليارد دوللاردىن ئاشقان. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىزچىل تۈردە خىتايدىن، ئامېرىكا مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى سودا تەتۈر تاناسىپىنى كىچىكلىتىشنى تەلەپ قىلماقتا. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.